تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

خەلق تۇرمۇشى يۆگىمە رەسىمىنى بىرلىكتە سىزىمىز چېگرا رايون يېڭى كۈيىنى ئورتاق پۈتىمىز

− 8 - قېتىملىق مەملىكەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنى پۈتۈن شىنجاڭدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى

□ ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى

«خەلق رايىغا ئۇيغۇنلىشىش، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش، خەلق قەلبىنى مۇجەسسەملەشتە چىڭ تۇرۇش» «مەبلەغ، تۈرلەرنى خەلق تۇرمۇشىغا مايىللاشتۇرۇش، ئاساسىي قاتلامغا مايىللاشتۇرۇش، نۇقتىلىق رايونلارغا مايىللاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش»، 8 - قېتىملىق مەملىكەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنىنىڭ ئېچىلىشى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى ئورۇنلاردىكى شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابلىرىنى ناھايىتى روھلاندۇردى.

كۆپچىلىك مۇنداق بىلدۈردى: شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ ئاخىرقى مەقسىتى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنى تېخىمۇ بەختلىك تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈش، يېڭى مۇساپىدە، چوقۇم «ھەممىدە ئاممىنى كۆزلەش»نى نەزەردە تۇتۇپ، ئۇنىڭغا كۈچەپ، ئۇنىڭغا ئەھمىيەت بېرىپ، خەلق تۇرمۇشى يۆگىمە رەسىمىنى بىرلىكتە سىزىپ، چېگرا رايون يېڭى كۈيىنى ئورتاق پۈتۈپ، ھەقىقىي تۈردە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى تەرەققىياتقا تۈرتكە بولىدىغان قۇرۇلۇشقا، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى قۇرۇلۇشىغا، كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەيدىغان قۇرۇلۇشقا ئايلاندۇرۇش كېرەك.

ئەمەلىي ئىشنى ئاممىنىڭ كۆڭلىدىكىدەك قىلىمىز

شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشتە، خەلق تۇرمۇشى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇلدى. 8 - قېتىملىق مەملىكەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلەندى: مەبلەغ، تۈرلەرنى خەلق تۇرمۇشىغا مايىللاشتۇرۇش، ئاساسىي قاتلامغا مايىللاشتۇرۇش، نۇقتىلىق رايونلارغا مايىللاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ياردەمگە ئېرىشىۋاتقان جايلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملىشى ۋە كېڭەيتىشىگە، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشىگە كۈچ قوشۇش كېرەك.

بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى «100 تۈردە مەركەزلىك ئىش باشلاش» «100 دوختۇر 100 كەنتتە سەييارە خالىس كېسەل كۆرۈش» «10 كەنت ئۈلگە كۆرسىتىش 100 كەنت دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش» قۇرۇلۇشى قاتارلىقلارنى تەشكىللەپ، خەلق تۇرمۇشى ساھەسىدە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز زورايتتى. جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ قوماندانى، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى جۇ لىنسېن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: كېيىنكى قەدەمدە، جېجياڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىشتە جىنخۇا يېڭى كەنتى، يۇڭكۇ جېنشىڭ كەنتى قاتارلىق يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش نۇقتىسى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ياردەمگە ئېرىشىۋاتقان جايلاردىكى يېزا - كەنتلەرنىڭ كەسىپ، ئىختىساسلىقلار، مەدەنىيەت، ئېكولوگىيە، تەشكىلات قاتارلىقلارنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشىگە كۈچ قوشىدۇ. جېجياڭنىڭ داۋالاش ئىختىساسلىقلىرى بويىچە «ئۆمەك تەشكىللەش» شەكلىدىكى يېڭى بىر تۈركۈم شىنجاڭغا ياردەم بېرىش داۋالاش ئەترىتىمۇ دوختۇرخانا باشقۇرۇش ۋە دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە نۇقتىلىق ئېھتىياجلىق بولۇۋاتقان بۆلۈملەرگە دەل جايىدا ياردەم بېرىپ ۋە يۆلەپ، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە كۈچ قوشۇش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئومۇميۈزلۈك ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرىدۇ.

«تۈركۈم - تۈركۈم شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خەلق تۇرمۇشى تۈرلىرىنىڭ قۇرۇلۇشى سانجى ئوبلاستىدىكى دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شارائىتىنى ئىنتايىن زور دەرىجىدە ياخشىلىدى. ئوقۇتۇش، داۋالاش سەۋىيەسىنى ئۆستۈردى، جەمئىيەت ئاممىۋى مۇلازىمەت فۇنكسىيەسىنى مۇكەممەللەشتۈردى. بۇنىڭدىن كېيىن، بىز شىنجاڭغا ياردەم بېرىش مەبلىغى، تۈرلىرىنى خەلق تۇرمۇشىغا مايىللاشتۇرۇش، ئاساسىي قاتلامغا مايىللاشتۇرۇش، نۇقتىلىق رايونلارغا مايىللاشتۇرۇشتا داۋاملىق چىڭ تۇرىمىز» دېدى سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، ئوبلاستلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى فۇ چياڭ.

كەسىپ ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش تۈرلىرىنى دەل جايىدا ياخشى تۇتىمىز

كەسىپ ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتىكى مۇھىم تۇتقا. 8 - قېتىملىق مەملىكەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلەندى: كەسىپ ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىشنى ئەمەلىي ئالغا سىلجىتىپ، مەۋقەنى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قويۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە مۇلازىمەت قىلىش ۋە سىڭىشىشتىكى كىرىش نۇقتىسىنى توغرا تېپىپ، «14 - بەش يىل» مەزگىلىدە كەسىپ ھەمكارلىقى ۋە تۈر ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ياخشى پىلانلاپ، ياردەمگە ئېرىشىۋاتقان جايلارنىڭ «قان ئىشلەش» ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشىنى قوللاش كېرەك.

«بىز سىجىل تۈردە كەسىپ ئارقىلىق ياردەم بېرىش ۋە يۆلەشنى كۈچەيتىپ، ئىستېمال ئارقىلىق ياردەم بېرىش ۋە يۆلەشنى زورايتىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق ياردەم بېرىش ۋە يۆلەشنى پۇختىلاپ، ئەقىل جەھەتتىن ياردەم بېرىش ۋە يۆلەشنى ئەلالاشتۇرۇپ، پۈتۈن ئامىللىق، كەڭ ساھەلىك، چوڭقۇر قاتلاملىق ھەمكارلىقنى ئۇدۇللاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ياردەمگە ئېرىشىۋاتقان جايلارنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات ئىقتىدارىنى كۈچەيتىمىز.» شاڭخەي شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى تۈر مەبلىغى كەسپى گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى جياڭ مىڭ مۇنۇلارنى دېدى: شاڭخەي شىنجاڭغا ياردەم بېرىشتە ياردەمگە ئېرىشىۋاتقان جايلارنىڭ نان، ئاشلىق - ياغ، سۈت مەھسۇلاتلىرى، گۆش تۈرلىرى، مېۋە - كۆكتات قاتارلىق ئاساسلىق مەھسۇلاتلىرىنى چۆرىدەپ باشلامچى كارخانىلارنى كىرگۈزۈشىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا قوللاپ، «كارخانا+بازا+دېھقان ئائىلىلىرى» قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، يېشىل يېمەكلىك كەسپىنى خاسلاشتۇرىدۇ، ئەلالاشتۇرىدۇ، كۈچەيتىدۇ. ياردەمگە ئېرىشىۋاتقان جايلارنىڭ ھازىر بار بولغان سانائەت باغچە رايونىغا تايىنىپ، دېڭىز بويىدىكى تەرەققىي تاپقان رايونلارنىڭ ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلاتلارنى قۇراشتۇرۇش - پىششىقلاش كەسپى، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنى ياساش، قۇراشتۇرۇش كەسپى، ماشىنا - ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرىنى ياساش كەسپى قاتارلىقلارنى پائال قوبۇل قىلىشىنى قوللايدۇ.

«خېنەن ئۆلكىسى قومۇلغا نىشانلىق ياردەم بەرگەندىن بۇيان، تۈركۈم - تۈركۈم تېخنىكىسى ئىلغار، بازار ئىستىقبالى كەڭ بولغان جابدۇق ياسىمىچىلىقى، بايلىق پىششىقلاش، يېمەكلىك پىششىقلاش كارخانىلىرى ئارقا - ئارقىدىن قومۇلغا ماكانلىشىپ، قومۇل شەھىرىنىڭ ئەنئەنىۋى ئەۋزەل كەسىپلىرىنىڭ سۈپىتى، ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، قومۇل شەھىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى قوشتى». قومۇل شەھەرلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ما بىڭ مۇنداق دېدى: بۇ يىل، خېنەن ئۆلكىسى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىدە شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان 130 نەچچە تۈرنى پىلانلاپ تۈزدى، قومۇل شەھىرى كەسىپ ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان ھەربىر تۈردىن تولۇق ياخشى پايدىلىنىپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرىدۇ.

ئەقلىي جەھەتتىن شىنجاڭغا ياردەم بېرىشنى خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلىمىز

8 - قېتىملىق مەملىكەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلەندى: ئەقلىي جەھەتتىن شىنجاڭغا ياردەم بېرىشنى خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «ئۆمەك تەشكىللەش» شەكلىدە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ساھەسىنى كېڭەيتىپ، كادىرلار، ئىختىساسلىقلارنى تاللاپ ئەۋەتىش خىزمىتىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، خېبېي ئۆلكىسى جاڭجياكوۋ شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى «نېمە كەم بولسا شۇنى تولۇقلاش، نېمىگە ئېھتىياجلىق بولسا شۇنى ياردەم قىلىش» پىرىنسىپى بويىچە، ھەرقايسى ساھەلەردىكى كەسپىي تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنى ئۆمەك تەشكىللەپ شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە تاللاپ ئەۋەتىپ، پۇختا نەتىجە - ئۈنۈمگە ئېرىشتى. خوشۇت ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى ۋاڭ خۇيسەي مۇنداق بىلدۈردى: بۇنىڭدىن كېيىن، خوشۇت ناھىيەسى ئەقلىي جەھەتتىن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش سۇپىسىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، نۇقتىلىق ھالدا يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسى تەتقىقاتىنى كېڭەيتىش، داۋالاش تېخنىكىسى ئىختىساسلىقلىرى دەل جايىدا ياردەم بېرىش، يېتەكلەش ھەم مائارىپ ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشى ۋە ئۇنىڭ تەرەققىياتى جەھەتلەرگە كۈچەپ، «ئۇستاز شاگىرتنى يېتەكلەش» خىزمەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ياردەم بېرىش، يېتەكلەش پىلانىنى تۈزۈپ، تەربىيەلەش نىشانىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئېلىپ كەتكىلى بولمايدىغان ئىختىساسلىقلار قوشۇنى بەرپا قىلىدۇ.

تۇرپان شەھىرى ئىدىقۇت رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمى ئىختىساسلىقلار (شىنجاڭغا ياردەم بېرىش) بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى شەھرىزات ئەكرەم مۇنداق تونۇشتۇردى: ئىدىقۇت رايونى خۇنەن شياڭتەن تەربىيەلەش كۇرسى ئۇيۇشتۇرۇپ، كۆپ تۈركۈم قېتىم خۇنەنگە بېرىپ تەربىيەلەش، ئالماشتۇرۇش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى، تەربىيەلەنگۈچى خادىملارنىڭ نەزەر دائىرىسى كېڭەيدى، قابىلىيىتى ئاشتى.

(مۇخبىر جاڭ جىلى، قاتناشقان مۇخبىرلار گې يوۋجۈن، ۋېي يۇڭگۈي، دۇ جيەنخۇي، جاڭ رۇيلىن، خەن چىنيەن)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.