تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

ئاڭلىق ھالدا شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى شىنجاڭ خىزمىتى چوڭ ۋەزىيىتىگە كىرگۈزۈپ پىلانلاش، ئورۇنلاشتۇرما قىلىش كېرەك

− يېڭى دەۋر، يېڭى باسقۇچتىكى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى تىرىشىپ ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا

□ شىنجاڭ گېزىتى ئوبزورچىسى

8 - قېتىملىق مەملىكەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنىنىڭ ئېچىلىشى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقى، تىيانشان ئوغۇل - قىزلىرىغا بولغان غەمخورلۇقى، چوڭقۇر مۇھەببىتىنى تولۇق نامايان قىلدى، بۇ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى چوڭقۇر ئىلھاملاندۇردى، ئىنتايىن روھلاندۇردى، سۇبيېكتلىق ئېڭىنى ئۆستۈرۈپ، سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئاڭلىق ھالدا شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى شىنجاڭ خىزمىتى چوڭ ۋەزىيىتىگە كىرگۈزۈپ پىلانلاش، ئورۇنلاشتۇرما قىلىش ئىشەنچىسى ۋە ئىرادىسىنى تېخىمۇ چىڭىتتى.

بۈگۈنكى شىنجاڭنىڭ ئىناق، مۇقىم، گۈللەنگەن، تەرەققىي قىلغان چوڭ ياخشى ۋەزىيىتى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىنىڭ نەتىجىسى، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ زور كۈچ بىلەن ياردەم بەرگەنلىكىنىڭ نەتىجىسى، شۇنداقلا شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، يول ئېچىپ ئىلگىرىلىگەنلىكىنىڭ نەتىجىسى. ھازىر شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق پۈتۈن مەملىكەت خەلقى بىلەن بىرلىكتە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەتكە غەلىبىلىك قەدەم قويۇپ، كۆتۈرەڭگۈ روھ بىلەن ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا قاراپ ئىلگىرىلىمەكتە. ئىلگىرىلەش يولىدا، بىز ھەم يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى ۋەزىپىگە دۇچ كېلىمىز، ھەم يېڭى مەسىلە، يېڭى خىرىسقا دۇچ كېلىمىز. يېڭى دەۋر، يېڭى باسقۇچتىكى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەرقايسى جايلار باشتىن - ئاخىر سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، مۇلازىمەت ئېڭىنى كۈچەيتىپ، كاپالەتلەندۈرۈش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ھەقىقىي تۈردە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرى، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئېھتىياجى، ئۈمىدى، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ مەدىتى، ياردىمىنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنىڭ ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشى كېرەك.

ئاڭلىق ھالدا شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى شىنجاڭ خىزمىتى چوڭ ۋەزىيىتىگە كىرگۈزۈپ پىلانلاش، ئورۇنلاشتۇرما قىلىشتا، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، كەسىپ ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىشنى ئالغا سىلجىتىشقا سىجىل كۈچەپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى يۆنىلىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كەسىپلەر ۋە خاس، ئەۋزەل كەسىپلەرنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ زەنجىرسىمان، توپلىشىشچان كەسىپلەرنى يۆتكەش سالمىقىنى زورايتىشىنى قوللاپ، تېخىمۇ كۆپ مەركەز كارخانىلىرى، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەردىكى كارخانىلارنى شىنجاڭغا كېلىپ مەبلەغ سېلىپ كەسىپنى گۈللەندۈرۈشكە جەلپ قىلىپ، شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچ قوشۇش كېرەك.

ئاڭلىق ھالدا شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى شىنجاڭ خىزمىتى چوڭ ۋەزىيىتىگە كىرگۈزۈپ پىلانلاش، ئورۇنلاشتۇرما قىلىشتا، كادىرلار، ئىختىساسلىقلارنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈشنى چۆرىدەپ، ئەقلىي جەھەتتىن شىنجاڭغا ياردەم بېرىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا سىجىل كۈچەپ، ئىختىساسلىقلارنى يۇمشاق ئۇسۇلدا كىرگۈزۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، «ئۆمەك تەشكىللەش شەكلى»دىكى شىنجاڭغا ياردەم بېرىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، كېڭەيتىپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلار، ئىختىساسلىقلارنىڭ ئەمەلىي ۋەزىپىگە تەيىنلىنىشى، ئەمەلىي مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشى، ئەمەلىي ئىش قىلىشىغا پايدىلىق تۈزۈم - مېخانىزمنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان تېخىمۇ كۆپ مۇنەۋۋەر كادىرلار، ئىختىساسلىقلارنى شىنجاڭدا قېلىپ خىزمەت قىلىشقا، ئۇزاق مەزگىل چېگرا رايونغا ئۆزىنى بېغىشلاشقا رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك.

ئاڭلىق ھالدا شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى شىنجاڭ خىزمىتى چوڭ ۋەزىيىتىگە كىرگۈزۈپ پىلانلاش، ئورۇنلاشتۇرما قىلىشتا، خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش، ياخشىلاشقا سىجىل كۈچەپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش تۈر مەبلىغىنىڭ %80تىن كۆپرەكىنى خەلق تۇرمۇشى ساھەسىگە مايىللاشتۇرۇش، ناھىيە دەرىجىلىكتىن تۆۋەن ئاساسىي قاتلامغا مايىللاشتۇرۇش، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە مايىللاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، كېڭەيتىپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئۇدا ئالغا سىلجىتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شارائىتىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاپ، ھەر مىللەت ئاممىغا ۋەتەن چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئىللىقلىقىنى تېخىمۇ كۆپ ھېس قىلدۇرۇش كېرەك.

ئاڭلىق ھالدا شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى شىنجاڭ خىزمىتى چوڭ ۋەزىيىتىگە كىرگۈزۈپ پىلانلاش، ئورۇنلاشتۇرما قىلىشتا، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى مۇستەھكەملەش، راۋاجلاندۇرۇشقا سىجىل كۈچەپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى تەشۋىقات تەربىيەسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىچى - سىرتىدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ كۆپ قاتلام، كۆپ ساھە، كۆپ خىل شەكىلدىكى بېرىش - كېلىش قىلىشى، ھەمتۈرتكە بولۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، تىرىشىپ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش قۇرۇلۇشىغا ئايلاندۇرۇش كېرەك.

ئاڭلىق ھالدا شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى شىنجاڭ خىزمىتى چوڭ ۋەزىيىتىگە كىرگۈزۈپ پىلانلاش، ئورۇنلاشتۇرما قىلىشتا، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، مەدەنىيەت، مائارىپ ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە سىجىل كۈچەپ، مائارىپ ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، ۋەتەننى، شىنجاڭنى سۆيۈش مەدەنىيەت بايلىقىنى چوڭقۇر قېزىپ، ھەرقايسى مىللەتلەر مەدەنىيىتىنىڭ ئالماشتۇرۇلۇشى، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنى «ئۈچ ئايرىلالماسلىق» ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇش، «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش»نى كۈچەيتىشكە يېتەكلەش كېرەك.

ئاڭلىق ھالدا شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى شىنجاڭ خىزمىتى چوڭ ۋەزىيىتىگە كىرگۈزۈپ پىلانلاش، ئورۇنلاشتۇرما قىلىشتا، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىم بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشقا سىجىل كۈچەپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۇنىۋېرسال تەدبىر قوللىنىپ، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەپ، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، بىرىكمە مۇشتنى ياخشى ئېتىپ، جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىم بولۇشى، ئۇزاققىچە مۇقىم بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئۈچۈن ياخشى مۇھىت يارىتىش كېرەك.

ئىككى قاشتا كۆتۈرۈلدى دولقۇن تەكشى ھەيۋەت بىلەن، شاماللارمۇ كېلىپ ئوڭدىن كۆتۈرۈلدى ئېگىز يەلكەن. يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ، مۇھىم ۋەزىپىنى زىممىسىگە ئېلىشتەك بۇرچ تۇيغۇسى، قىلچە بوشاڭلىق قىلماسلىقتەك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، ۋاقىت ساقلاپ تۇرمايدۇ، دەيدىغان تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنىڭ مۇھىم، زور تارىخىي پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشتىكى تۈرلۈك تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىشى، پۇختا ئەمەلىيلىشىشى، ئىنچىكە ئەمەلىيلىشىشىگە پۇختا تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشايلى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.