تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

«نامراتلارنى ئازايتىشتىكى مىسال كەنت» بارغانسېرى گۈزەللەشتى

ئىگىلىك تىكلەش باغچىسى مېۋە - چېۋە باغچىسى مور باغچىسى ئېكولوگىيە باغچىسى

«نامراتلارنى ئازايتىشتىكى مىسال كەنت» بارغانسېرى گۈزەللەشتى

□ ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ جىلى

7 - ئاينىڭ 24 - كۈنى ئەتىگەنلىك تاماقتىن كېيىن، ئۇچتۇرپان ناھىيەسى ئالغا بازىرى تۆۋەنكى مەكىت كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى قەھرىمان راخمان موتوسىكلىتىنى مىنىپ كەسىپ يېتىلدۈرۈش باغچىسىغا ئىشقا ماڭدى. ئۇ يول بويى ئادەملەر بىلەن تولغان ئىگىلىك تىكلەش باغچىسى، مېۋىلەر مەي باغلاپ پىشقان مېۋە - چېۋە باغچىسى، پارنىك ئىچى سۇ ھورىغا تولغان مور باغچىسى، ئىستىراھەت ساياھىتىگە ماس كېلىدىغان ئېكولوگىيە باغچىسىدىن ئۆتىدۇ.

«ئىلگىرى، كەنتىمىز نامى چىققان نامرات كەنت ئىدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمى، پېشقەدەم كادىرلار ئىدارىسىنىڭ <ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش> بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ياردىمىدە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇق، كەنتىمىز بارغانسېرى گۈزەللەشتى، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ تۇرمۇشى بارغانسېرى بەختكە تولدى» دېدى قەھرىمان.

تۆۋەنكى مەكىت كەنتىنىڭ قىياپىتى گۈزەللىشىپ، ئوبرازى يۈكسىلىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ تۇرمۇشى بارغانسېرى ياخشىلانغاچقا، دۇنيا بانكىسى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئاشلىق ۋە يېزا ئىگىلىك تەشكىلاتى قاتارلىق خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ باھالىشى ئارقىلىق، بۇ كەنتنىڭ نامراتلارنى ئازايتىش ئەمەلىيىتى «پۈتۈن يەر شارىدىكى نامراتلارنى ئازايتىشتىكى مىساللارنى مۇكاپاتلىق توپلاش پائالىيىتى» بويىچە نامراتلارنى ئازايتىشتىكى ئەڭ ياخشى مىسال دېگەن نامغا ئېرىشتى.

قەھرىمان خىزمەت قىلىدىغان قارا مور كەسىپ يېتىلدۈرۈش باغچىسىدا، تاشلاندۇق مېۋىلىك دەرەخ شاخلىرىنى قارا مور زەمبۇرۇغ كالتىكى قىلىپ پىششىقلايدىغان زەمبۇرۇغ كالتىكى زاۋۇتى بار، زەمبۇرۇغ كۆچۈرىدىغان ۋە يېتىشتۈرىدىغان سېخ ۋە تەجرىبىخانا بار، قارا مور پىششىقلايدىغان، ساتىدىغان دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى بار. يېتىلدۈرۈش باغچىسى قۇرۇلۇشتىن ئىلگىرى، نۇرغۇن كەنت ئاھالىسى بۇ جايدا قارا مور ئۆستۈرگىلى بولىدىغانلىقىغا ئىشەنمەيتتى.

2017 - يىلى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمى، پېشقەدەم كادىرلار ئىدارىسىنىڭ تۆۋەنكى مەكىت كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت «ئىككى كومىتېت»ى تولۇق تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، ئىچكىرى رايونلاردىن ئورمانلىقتا قارا مور ئۆستۈرۈش تۈرىنى كىرگۈزدى. كەنت ئاھالىلىرىنىڭ پائال قارا مور ئۆستۈرۈشى ئۈچۈن، خىزمەت ئەترىتى دەسلەپكى باسقۇچلۇق سېلىنما مەسىلىسى ۋە تېخنىكىلىق قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، يېتىشتۈرۈلگەن زەمبۇرۇغ كالتىكىنى كەنت ئاھالىلىرىگە تارقىتىپ بەردى، كەنت ئاھالىلىرى پەقەت قەرەللىك سۇغىرىپ، زەمبۇرۇغ كالتىكىنى ئايلاندۇرۇپ بەرسىلا، ئوتلارنى ئوتىۋەتسىلا بولاتتى.

شۇ يىلى، كەنت ئاھالىسى مەخمۇت ئابدۇرېھىم قاتارلىق بىرنەچچە ئائىلىلىك نامرات ئاھالە سىناق تەرىقىسىدە قارا مور ئۆستۈرۈپ مۇۋەپپەقىيەت قازاندى، ئىككى ئايدا ھەربىر ئائىلىنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمى 8500 يۈەن ئاشتى. شۇنىڭدىن كېيىن، تەشەببۇسكارلىق بىلەن قارا مور ئۆستۈرۈشنى تەلەپ قىلىدىغان كەنت ئاھالىلىرى ئۈزلۈكسىز كۆپەيدى، يەنە ئەتراپتىكى كەنتلەرنىڭ قارا مور ئۆستۈرۈشىگە تۈرتكە بولدى. خىزمەت ئەترىتى تۈر مەبلىغىنى پائال قولغا كەلتۈرۈپ، 1800 كىۋادرات مېتىر كۆلەمدىكى قارا مور كەسپى يېتىلدۈرۈش باغچىسىنى پىلانلاپ قۇردى، بۇ، بىر زەمبۇرۇغ كالتىكى پىششىقلاش زاۋۇتى، ئون زامانىۋى ئەقلىي ئىقتىدارلىق پارنىك، 40تىن ئارتۇق ئەنئەنىۋى پارنىك ۋە 500دىن ئارتۇق قارا مور ئەگمە پارنىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسىدە قارا مور ئىشلەپچىقىرىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

2019 - يىلى، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ قارا مور ئۆستۈرۈش كۆلىمىنىڭ زورايغانلىقىنى ئويلىشىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنىڭ سىجىل، مۇقىم ئېشىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، خىزمەت ئەترىتى زەمبۇرۇغ ئۇرۇقىنى يېتىشتۈرۈش ۋە ئۆستۈرۈش بويىچە تېخنىك تەكلىپ قىلىپ، بىر تەرەپتىن، يېڭى سورتنى سىناق قىلىپ يېتىشتۈرۈپ، يەنە بىر تەرەپتىن، يېڭى تېخنىكا ئۆگەتتى. ھازىر، كەنتتە خوۋتوۋگۇ، ليۇشۇگۇ، مېھرىگىياھ قاتارلىق كۆپ خىل يېمەكلىك زەمبۇرۇغى ئۆستۈرۈلگەن بولۇپ، مەھسۇلاتلار سوغۇق ساقلاش زەنجىرى ئارقىلىق ئۇچتۇرپان ناھىيە بازىرى ۋە ئاقسۇ شەھىرىگە يەتكۈزۈلىدۇ.

كەنت ئېغىزىدىكى ئىگىلىك تىكلەش باغچىسىدىكى بىر قاتار دۇكانلار ھەم كەپشەرلەش، تىككۈچىلىك، پېچىنە - پىرەنىك پىشۇرۇش، قول ھۈنەر بۇيۇملىرى قاتارلىق دۇكانلار، شۇنداقلا ياشلارنىڭ تەربىيەلىنىش، پىراكتىكا قىلىش سورۇنى. تۆۋەنكى مەكىت كەنت «ئىككى كومىتېت»ى قەرەللىك ھالدا ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك كەسپىي تېخنىكا مەكتىپىدىن ئوخشىمىغان كەسىپلەر بويىچە ئوقۇتقۇچى تەكلىپ قىلىپ، ئاشخانا (مېھمانخانا) مۇلازىمىتى كەسىپ ماھارىتى قاتارلىقلار بويىچە تەربىيەلەشنى قانات يايدۇردى. كەنت ئاھالىسى تۇرغۇن قۇربان كۇرسنى تاماملىغاندىن كېيىن، كەنتتىكى ئېكولوگىيە باغچىسىدا رازى بولغۇدەك خىزمەت تاپتى.

ئۇل ئەسلىھەلەر ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشكەندىن سىرت، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەميېنى تومپايدى، كەنت كوللېكتىپى بېيىدى، بۇ ئەمەلىي ئۆزگىرىشلەردىن سىرت، تۆۋەنكى مەكىت كەنتىدە يەنە نۇرغۇن شەكىلسىز ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كەلدى، مەسىلەن، كەنت كادىرلىرىنىڭ ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارى كۈچەيدى، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىدىيە قارىشىدا ئۆزگىرىش بولدى. كەنت كادىرلىرىنىڭ تۈرتكىسىدە، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىش قىلىپ ئىگىلىك تىكلەش، كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىش غەيرىتى تېخىمۇ ئاشتى.

تۆۋەنكى مەكىت كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ئادىل تۇرسۇننىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى تەرەققىياتقا بولغان ئىشەنچى تولۇپ تاشتى. ئۇ مۇنداق دېدى: كەنت «ياچېيكا+ كارخانا+ھەمكارلىق كوپىراتىپى+دېھقان ئائىلىسى» تەرەققىيات ئەندىزىسىنى يولغا قويۇش ئارقىلىق، ھەر يىلى كەنتنىڭ كوللېكتىپ ئىقتىسادىي كىرىمىنى 800 مىڭ يۈەن ئاشۇرالايدۇ. يېزا - كەنت ساياھىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق، كوللېكتىپ ئىگلىك بىلەن ئېكولوگىيەنى قوغداشتىن ئىبارەت قوش ئۈنۈمنى ئىشقا ئاشۇرالايدۇ. كەنت كوللېكتىپى بېيىسا، ئامما ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ياخشى ئىش، ئەمەلىي ئىشلارنى قىلىپ بېرەلەيدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.