تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

«ئىككى يېڭىچە، بىر مۇھىم» قۇرۇلۇشىدا دەل جايىدا كۈچەش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، ئۈنۈملۈك سېلىنما كېڭەيتىلدى

ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شى شىن خەۋەر قىلىدۇ: بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز تۈر ئارقىلىق تۈرتكە بولۇش، مەبلەغ سېلىش ئارقىلىق تۈرتكە بولۇش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشتە ھەمتۈرتكە بولۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئۈنۈملۈك سېلىنمىنىڭ ئاچقۇچلۇق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، «ئىككى يېڭىچە، بىر مۇھىم» قۇرۇلۇشىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، سۇچىلىق، قاتناش، ئېنېرگىيە، ئۇچۇرلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت تۆت چوڭ تىرەك سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلەتتى، تۈر قۇرۇلۇشىنىڭ ئىلگىرىلەش سۈرئىتى كۆزلىمىدىن تېز بولۇپ، پۈتۈن يىللىق سېلىنمىنىڭ مۇقىم ئېشىش ۋەزىيىتىنى ساقلاشقا ئاساس سېلىندى.

«ئىككى يېڭىچە، بىر مۇھىم» قۇرۇلۇشى يېڭىچە ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، يېڭىچە شەھەر - بازارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى، قاتناش، سۇچىلىق قاتارلىق مۇھىم، زور قۇرۇلۇشلارنى كۆرسىتىدۇ.

ئالدىنقى يېرىم يىلدا، تۈر قۇرۇلۇشىدا «سۈرئەتنى تېزلىتىش» ئىشقا ئاشۇرۇلدى. پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە «تۈرلەرنى چىڭ تۇتۇش، مەبلەغ سېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئېشىشنى مۇقىملاشتۇرۇش»تىن ئىبارەت بۇ ئاساسىي نىشان چىڭ كۆزلىنىپ، ئۈنۈملۈك سېلىنما ھەقىقىي كېڭەيتىلىپ، تۈر سېلىنمىسىنىڭ تاماملىنىش ئەھۋالى مۆلچەردىكىدىن ياخشى بولدى. 6 - ئاينىڭ 30 - كۈنىگىچە، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە ئومۇمىي سېلىنما 5 مىليون يۈەندىن ئاشىدىغان تۈرلەردە يىللىق پىلانلانغان سېلىنمىنىڭ %43.8ى تاماملىنىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئالتە پىرسەنت پوئېنت ئاشتى؛ ئاپتونوم رايوننىڭ نۇقتىلىق تۈرلىرىدە 100 مىليارد 860 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىش تاماملىنىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 9 مىليارد 831 مىليون يۈەن كۆپىيىپ، يىللىق پىلاننىڭ %42ى تاماملىنىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 7.4 پىرسەنت پوئېنت ئاشتى.

يېڭىدىن قۇرۇلىدىغان تۈرلەردە ئالدىنقى يېرىم يىللىق نىشان - ۋەزىپىلەر مۇددەتتىن بىر ئاي بۇرۇن ئورۇندالدى، %90تىن كۆپرەك يېڭىدىن قۇرۇلىدىغان تۈرلەردە 5 - ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن ئىش باشلاندى. داۋاملاشتۇرۇلۇپ قۇرۇلىدىغان تۈرلەردە ئىش تەرتىپلىك ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى، قۇرۇلۇش قىلىش سىجىللىقى داۋاملىق ئاشۇرۇلدى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى داۋاملاشتۇرۇلۇپ قۇرۇلىدىغان تۈرلەردە مۇددەتتىن بەش كۈن بۇرۇن ئىش ئومۇميۈزلۈك ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى، داۋاملاشتۇرۇلۇپ قۇرۇلىدىغان تۈر سېلىنمىسىنىڭ تاماملىنىش نىسبىتى %50تىن ئاشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.