تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

غايە ـ ئېتىقادنى چىڭىتىپ، جاسارەت بىلەن يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى ئادەتتىكى پارتىيە ئەزاسىلىق سالاھىيىتى بىلەن ئۆزى تۇرۇشلۇق پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى مەخسۇس تېمىلىق تەشكىلىي تۇرمۇش يىغىنىغا قاتناشتى

غايە ـ ئېتىقادنى چىڭىتىپ، جاسارەت بىلەن يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك

ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى جاڭ يەنفاڭ، جاڭ يۈنمېي، گو لىڭ خەۋەر قىلىدۇ: يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى ئادەتتىكى پارتىيە ئەزاسىلىق سالاھىيىتى بىلەن ئۆزى تۇرۇشلۇق پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى مەخسۇس تېمىلىق تەشكىلىي تۇرمۇش يىغىنىغا قاتنىشىپ، ياچېيكىدىكى پارتىيە ئەزالىرى بىلەن بىرلىكتە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 ـ ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىپ، دىققەتنى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش، ئىدىيەنى ئۆزلەشتۈرۈش، ئەمەلىي ئىش قىلىش، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئۆگىنىش تەسىراتلىرىنى ئالماشتۇردى، ئۆزلىرىنىڭ ئىدىيەسى ۋە خىزمەت ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئۆزىدىكى يېتەرسىزلىكلەرنى تېپىپ چىقىپ، سەۋەبىنى چوڭقۇر ئانالىز قىلىپ، تۈزىتىش تەدبىرلىرىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، بىر قېتىملىق چوڭقۇر پارتىيەۋىلىك جەھەتتە چېنىقىش ۋە ئىدىيەۋى تاۋلىنىشنى بىرلىكتە باشتىن كەچۈردى.

ئەركىن تۇنىياز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى كاتىبات 3 ـ باشقارمىسى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى مەخسۇس تېمىلىق تەشكىلىي تۇرمۇش يىغىنىغا قاتناشتى، تيەن ۋېن ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى 1 ـ پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى مەخسۇس تېمىلىق تەشكىلىي تۇرمۇش يىغىنىغا قاتناشتى، سارقىت ئاقان ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى ئۇنىۋېرسال 4 ـ باشقارمىسى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى مەخسۇس تېمىلىق تەشكىلىي تۇرمۇش يىغىنىغا قاتناشتى.

ئەركىن تۇنىياز سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 ـ ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى مۇھىم، زور سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، غايە ـ ئېتىقادنى يەنىمۇ چىڭىتىپ، جاسارەت بىلەن خىزمەتتە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك؛ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 ـ ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىپ، ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىش روھىنى ئۇرغۇتۇش كېرەك؛ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى پۇرسەت بىلىپ، پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىنى ياخشى تۇتۇش كېرەك؛ گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى نىشان قىلىپ، ساپانى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، «ئۈچكە مۇلازىمەت قىلىش» سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك؛ نۇقتىلىق خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتقا قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىتتىپاق ـ ئىناق، ئاۋات ـ باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم ياشايدىغان، خۇشال ـ خۇرام ئىشلەيدىغان، ئېكولوگىيەسى ياخشى بولغان يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىش كېرەك.

تيەن ۋېن سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 ـ ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزى ئۇلۇغ ھەقىقەت كۈچىگە تولغان ماركسىزملىق پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەت، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى غەيرەت ـ جاسارەتنى ئۇرغۇتۇپ ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا قاراپ ئىلگىرىلەشكە چاقىرىق قىلىدىغان كۈچلۈك سەپەرۋەرلىك بۇيرۇقى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 ـ ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن 100 يىللىق پارتىيە تارىخىدىن مول ئوزۇق قوبۇل قىلىش كېرەك؛ تەشۋىقات تارماقلىرىنىڭ فۇنكسىيەلىك رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئۆگىنىشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىدىيە ئاساسىنى پۇختىلاش كېرەك؛ تارىخ ئارقىلىق قەلبنى ئوزۇقلاندۇرۇپ، پارتىيەنى سۆيۈش ھېسسىياتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك؛ بىلىش بىلەن قىلىشنى بىرلەشتۈرۈپ، تەشۋىقات، ئىدىيە خىزمىتىنى يەنە يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. 1 ـ پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، ياچېيكىنى كۈچەيتىپ قۇرۇپ، نەزەرىيە ئۆگىنىشنى دائىملاشتۇرۇش، ياچېيكا قۇرۇلۇشىنى قېلىپلاشتۇرۇش، تەشكىلىي تۇرمۇشنى كەسكىنلەشتۈرۈش، كەسپىي خىزمەتنى ئىنچىكىلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن كۈچ قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

سارقىت ئاقان سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: پارتىيەلىك كادىرلار «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 ـ ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەينەن ئۆگىنىپ، ئەستايىدىل ئۆزلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە تارىخى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، 3 ـ قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، روھىي ماھىيىتىنى تولۇق ئۆزلەشتۈرۈش، يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنىنى ئىگىلەشكە كۈچ سەرپ قىلىپ، كاللىغا، قەلبكە سىڭدۈرۈش، چوڭقۇر ئۆگىنىپ تولۇق ئۆزلەشتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي چۈشىنىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئۆگىنىش نەتىجىلىرىنى «ئۈچكە مۇلازىمەت قىلىش، ئۈچكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش» خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى سىياسىي ئاڭلىقلىق، ئىدىيە ئاڭلىقلىقى ۋە ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىغا ھەقىقىي ئايلاندۇرۇشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.