تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولايلى

− يېڭى دەۋر، يېڭى باسقۇچتىكى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى تىرىشىپ ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا

□ شىنجاڭ گېزىتى ئوبزورچىسى

8 ـ قېتىملىق مەملىكەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنىدا يېڭى دەۋر، يېڭى باسقۇچتىكى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتى پۈتۈن ۋەزىيىتىنىڭ ئىستراتېگىيە يۈكسەكلىكىدە تۇرۇلۇپ، ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى. بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ روھىنى ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە، شىنجاڭ خىزمىتى دۇچ كەلگەن يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى ۋەزىپىلەرنى چوڭقۇر تونۇپ، كەم ـ كوتسىز ھالدا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتى توغرىسىدىكى تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تىرىشىپ تۈرتكە بولۇش كېرەك.

ئاقىللار ۋاقىت، شارائىتقا قاراپ ئۆزگىرىدۇ، دانالار ئىشقا بېقىپ تەدبىر تۈزىدۇ، كۈچلۈكلەر پۇرسەتنى تۇتۇپ ئالغا ئىلگىرىلەيدۇ. ھازىر، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق پۈتۈن مەملىكەت خەلقى بىلەن بىرلىكتە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەتكە غەلىبىلىك قەدەم قويۇپ، كۆتۈرەڭگۈ روھ بىلەن ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش يېڭى مۇساپىسىگە قاراپ ئاتلانماقتا. يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتا، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 ـ ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە 3 ـ قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى ۋەزىيەت ھۆكۈمىگە بىرلىككە كەلتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ يۆنىلىشى ۋە مۇھىم نۇقتىسىنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، دىققەتنى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئامما ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ دەل جايىدا كۈچەپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا كۈچ قوشۇش كېرەك.

شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تىرىشىپ تۈرتكە بولۇشتا، دىققەتنى نۇقتىلىق مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈش، نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى گەۋدىلەندۈرۈش كېرەك. مەبلەغ، تۈرلەرنى خەلق تۇرمۇشىغا مايىللاشتۇرۇش، ئاساسىي قاتلامغا مايىللاشتۇرۇش، نۇقتىلىق رايونلارغا مايىللاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ياردەمگە ئېرىشىۋاتقان جايلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى سىجىل مۇستەھكەملىشى، يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشىغا كۈچ قوشۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنى تېخىمۇ كۆپ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىغا ئىگە قىلىش كېرەك. ئەقلىي جەھەتتىن شىنجاڭغا ياردەم بېرىشنى شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، كۆلەمنى ساقلاپ، قۇرۇلمىنى ئەلالاشتۇرۇپ، شەكىلدە يېڭىلىق يارىتىپ، «ئۆمەك تەشكىللەش شەكلى»دىكى شىنجاڭغا ياردەم بېرىش تەجرىبە ـ ئۇسۇللىرىنى يەنىمۇ يەكۈنلەپ، ساھەلەرنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، بايلىقلارنى كەڭ دائىرىدە بىرىكتۈرۈش، ياردەم بېرىش ـ يۆلەشكە سىستېمىلىق كۈچەش، ئۈنۈم ئىقتىدارنى پۈتۈن گەۋدە بويىچە جارى قىلدۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش، شۇنىڭ بىلەن بىللە، شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان كادىرلار، ئىختىساسلىقلارنى ياخشى تاللاپ، ئۇلاردىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئۇلارنى قەدىرلەپ، ئۇلارغا كۆڭۈل بۆلۈپ، قابىلىيىتىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش، قابىلىيىتىدىن تولۇق پايدىلىنىشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. كەسىپ ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىشنى ئەمەلىي ئالغا سىلجىتىپ، مەۋقەنى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قويۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە مۇلازىمەت قىلىش ۋە سىڭىشىشتىكى كىرىش نۇقتىسى، بىرىكىش نۇقتىسى، كۈچەش نۇقتىسىنى توغرا تېپىپ چىقىپ، «14 ـ بەش يىل» مەزگىلىدىكى كەسىپ ھەمكارلىقى ۋە تۈر ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ياخشى پىلانلاپ، ياردەمگە ئېرىشىۋاتقان جايلارنىڭ ئەۋزەل كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشى، زورايتىشىنى قوللاشقا تېخىمۇ زور كۈچ سەرپ قىلىپ، «قان ئىشلەش» ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك. شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، «كىرگۈزۈش» بىلەن «چىقىرىش»نى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ مۇنەۋۋەر رايون مەدەنىيىتى بىلەن ئىچكىرى رايونلاردىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ مۇنەۋۋەر مەدەنىيىتىنىڭ ئالماشتۇرۇلۇشى، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تىرىشىپ تۈرتكە بولۇشتا، بولۇپمۇ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇش كېرەك. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، كۆپ قاتلاملىق ئالماشتۇرۇش سۇپىسى قۇرۇش ئارقىلىق، ياردەم بېرىۋاتقان، ياردەمگە ئېرىشىۋاتقان ئىككى تەرەپنىڭ ئالماشتۇرۇشى، بېرىش ـ كېلىش قىلىشى كۈنسېرى قويۇقلاشتى. بۇنىڭدىن كېيىن يەنە چوڭقۇرلۇقىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، شىنجاڭ ئىچى ـ سىرتىدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ كۆپ قاتلام، كۆپ ساھە، كۆپ شەكىلدىكى بېرىش ـ كېلىش قىلىشى، ھەمتۈرتكە بولۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، ھەم ئىمكانقەدەر ئاساسىي قاتلامغا، يېزىلارغا مايىللاشتۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى تەرەققىياتقا تۈرتكە بولىدىغان قۇرۇلۇش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى قۇرۇلۇشى، كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەيدىغان قۇرۇلۇش قىلىپ بەرپا قىلىش كېرەك.

شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى تاپشۇرغان مۇھىم، زور سىياسىي ۋەزىپە. بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي چۈشىنىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئېتىقاد ئوتى، روھ نۇرى ئارقىلىق، يېڭى مۇساپىدە بوشاشماي كۈرەش قىلىدىغان قەتئىي ئىرادە ۋە ئۇلۇغ كۈچنى ئۇرغۇتۇپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتەك ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق، ۋەتىنىمىزنىڭ شىنجاڭىنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن كۈچ قوشايلى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.