تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

كىچىككىنە ئۈزۈم يېزا ـ كەنت ئىقتىسادىدىكى چوڭ ئىشلارنى «تۇتاشتۇردى»

سىكاننېرلاپ مەخسۇس تېمىلىق ماقالىلەرنى كۆرۈڭ

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ رۇيلىن

7 ـ ئاينىڭ 22 ـ كۈنى، قۇياش ئەمدىلا كۆتۈرۈلگەندە، تۇرپان شەھىرىنىڭ ئىدىقۇت رايونى ئۈزۈمچىلىك بازىرى بېلىقچى كارىز كەنتىدە بىر ئالدىراش مەنزىرە شەكىللەنگەنىدى.

بىر مېتىردىن ئېگىزرەك كېلىدىغان ئۈزۈم بارىڭى ئوتتەك قۇياش نۇرىنى توسۇۋالغان بولۇپ، چېھرىدە مول ھوسۇل شادلىقى جىلۋىلىنىپ تۇرغان تېرىقچىلىق ئائىلىلىرى دانلىق، شىرنىلىك ساپاق ـ ساپاق ئۈزۈملەرنى كېسىپ ئېلىپ، سېۋەتكە ئاۋايلاپ قويدى؛ ئۈچ چاقلىق موتوسىكلىتلار ئۈزۈملۈك بىلەن يول بويىدىكى توشۇش ئاپتوموبىللىرى ئارىسىدا توختىماي قاتناۋاتاتتى. ئۇزاق ئۆتمەيلا، بۇ ئۈزۈملەر پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى بازارلارغا توشۇلىدۇ.

«بىزنىڭ بۇ يەرنىڭ ئۈزۈمىنىڭ سۈپىتى ئىنتايىن ياخشى» دېدى كەنت ئاھالىسى ساتتار ئابلىمىت پەخىرلەنگەن ھالدا.

ئۈزۈم ئۆستۈرۈش بېلىقچى كارىز كەنتىنىڭ ئەنئەنىۋى يېتەكچى كەسپى. كەنت كادىرلىرى ۋە تۇرپان شەھەرلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ بېلىقچى كارىز كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى قانداق قىلغاندا بۇ ئەنئەنىۋى كەسىپنى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى يەنىمۇ ئاشۇرغىلى بولىدىغانلىقى ئۈستىدە خېلىلا باش قاتۇردى.

بۇ ئىككى يىلدا، بېلىقچى كارىز كەنتى «ئىككى كومىتېت»ى كەنت ئاھالىلىرىنى كىشمىش ئۈزۈم ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسى قۇرۇشقا يېتەكلەپ، ئۈزۈملۈكنىڭ تۇپرىقىنى تەكشۈرۈش ـ ئۆلچەش بويىچە قاراتمىلىققا ئىگە رېتسېپلىق ئوغۇتلاش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئۈزۈمنىڭ سۈپىتىنى يەنىمۇ ئۆستۈرگەچكە، ھۆل ئۈزۈمنىڭ تاۋارلىشىش نىسبىتى كۆرۈنەرلىك ئاشتى، بىر مو يەردىكى ئۈزۈمدىن قىلىنغان كىرىم 20 مىڭ يۈەنگە يەتتى.

قانداق قىلغاندا ئۈزۈم قۇرۇتۇش سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرگىلى بولىدۇ؟ كۆپ قېتىم مۇھاكىمە قىلىش، تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، كەنت تېخىمۇ يۇقىرى پاكىزلىقتىكى قۇرۇق ئۈزۈم ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىنى كىرگۈزۈپ، پىششىقلاش زاۋۇت ئۆيى قۇردى، ھۆل ئۈزۈمنى قۇرۇق ئۈزۈم قىلىپ پىششىقلاشقا 48 سائەتمۇ كەتمەيدىغان بولۇپ، پاكىزلىق دەرىجىسى ئېكسپورت ئۆلچىمىگە يېتىپ، ئۈزۈمنىڭ قوشۇلما قىممىتى ئىنتايىن زور دەرىجىدە ئاشتى.

بېلىقچى كارىز كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، 1 ـ شۇجى گۈلجامال ئابدۇللا مۇنداق تونۇشتۇردى: «بىز قۇرۇق ئۈزۈم ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىدىن 12نى قۇرۇپ، يىلىغا يۇقىرى پاكىزلىقتىكى تەييار قۇرۇق ئۈزۈمدىن 1200 توننىدىن 1500 توننىغىچە ئىشلەپچىقىرىشنى پىلانلاۋاتىمىز. كەلگۈسىدە، بىز يۇقىرى دەرىجىلىك بولۇش، ئېسىل بولۇش تەرەققىيات يۆنىلىشىنى بويلاپ، سۈپەتلىك ماركا باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، سۈپەتنى نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇش سالمىقىنى زورايتىپ، قۇرۇق ئۈزۈمنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، كەنت ئاھالىلىرىنى ئىشىكى ئالدىدىلا كىرىمىنى ئاشۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىمىز».

بۇ يىل، بېلىقچى كارىز كەنتىدىكى كەنت ئاھالىلىرىگە يەنە بىر خۇشاللىق ئىش بار: كەنت ئەسلىدە بار بولغان سۇ مەنبەسى يېرىگە تايىنىپ، ئىستىراھەت ـ ساياھەت مەنزىرە رايونى بەرپا قىلىۋاتىدۇ. مەنزىرە رايونى قۇرۇلۇشى پۈتكەندىن كېيىن، سودا رايونى تەسىس قىلىنىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھۆل ئۈزۈم ۋە قۇرۇق ئۈزۈم قاتارلىقلارنى سېتىشىغا قولايلىق يارىتىلىدۇ. كەنت كادىرلىرى كەنت ئاھالىلىرىنى بايلىقتىن ياخشى پايدىلىنىپ، پۇقراۋى قونالغۇ، دېھقانلار ئارامگاھى، ئىستىراھەت ئۈزۈم ئۈزۈش باغچىسى قاتارلىق تىجارەت ئەندىزىلىرى ئۈستىدە ئىزدىنىشكە ئىلھاملاندۇردى ھەم يېتەكلىدى.

كەنت ئاھالىسى ئابدۇللا ئابلىز مۇنداق دېدى: «مەن بۇ يىل ئۈزۈملۈكىمنى ياخشى ئوڭشاپ، ئىستىراھەت ئۈزۈم ئۈزۈش يۆنىلىشىگە قاراپ تەرەققىي قىلدۇرىمەن».

«14 ـ بەش يىل» مەزگىلىگە كىرگەندە، ئۈزۈمدىن ئىبارەت بۇ خاس بايلىقتىن ياخشى پايدىلىنىپ، يېزىلاردىكى 1 ـ، 2 ـ، 3 ـ كەسىپنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشمۇ تۇرپان شەھىرىنىڭ نۇقتىلىق خىزمەتلىرىنىڭ بىرى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، تۇرپان ئۈزۈم پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىنىڭ تەرەققىياتىغا كۈچەپ تۈرتكە بولۇپ، ھۆل ئۈزۈم ۋە قۇرۇق ئۈزۈمنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش بىلەن بىللە، قۇرۇق ئۈزۈمنى ئىنچىكە پىششىقلاش كەسىپ زەنجىرىنى ئۈزلۈكسىز ئۇزارتىپ، يەرلىك كارخانىلارنىڭ قۇرۇق ئۈزۈمنى خام ماتېرىيال قىلىپ، ئۈزۈم تورتى، سېغىز، QQ كەمپۈت قاتارلىق ئىنچىكە پىششىقلانغان مەھسۇلاتلارنى تەتقىق قىلىپ ئېچىشىنى قانات يايدۇرۇشىغا ياردەم بېرىش، قوللاش سالمىقىنى زورايتتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بازا قۇرۇلۇشى، ئىشلەپچىقىرىش رايونلىرىنى يېتىشتۈرۈش، خاسلىقنى قېزىش، سۈپەتلىك ماركا يارىتىش، مەھسۇلاتلارنى سېتىش قاتارلىق جەھەتلەردە كۈچەپ، ئۈزۈم ھارىقى كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلەتتى، قاتناش، رايون ۋە ساياھەت بايلىقى ئەۋزەللىكىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، ئۆزگىچە ھاراقچىلىق ساياھىتى بەرپا قىلىپ، ئۈزۈمزارلىقتا سەيلە قىلىش، ئۈزۈم ھارىقىنى تېتىپ كۆرۈش، ساياھەت قىلىش، قونۇش، خاس يېمەك ـ ئىچمەك قاتارلىق مۇھىم ئامىللارنى بىر گەۋدە قىلىپ يۇغۇرۇپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ قوشۇلما قىممىتىنى ئاشۇرۇش بىلەن بىللە، تۇرپاننىڭ ساياھەتچىلىك كەسىپ ھالىتىنى تېخىمۇ موللاشتۇردى.

بۈگۈنكى تۇرپان ئۈزۈمى ئەنئەنىۋى بولغان كۆپ مالنى سىرتقا سېتىشتىن سۈپەتلىك ماركىلىشىش يۆنىلىشىگە قاراپ پۇختا قەدەم بىلەن ئىلگىرىلىمەكتە.

كىچىككىنە ئۈزۈمدىكى چوڭ ئۆزگىرىش

□ساتتار ئابلىمىت

ئائىلىمىز ئەۋلادمۇئەۋلاد ئۈزۈم ئۆستۈرۈپ كەلگەن. مۇشۇ يىللاردا، ئۈزۈم ئۆستۈرۈش شەكلىدە ئىنتايىن زور ئۆزگىرىش بولدى، مەن يەردە يامىشىپ ئۆسۈدىغان ئۈزۈم شۇڭلىرىنىڭ باراڭدا يامىشىپ ئۆسىدىغانلىقىنى، پاكار ئۈزۈم باراڭلىرىنىڭ ئېگىز ئۈزۈم باراڭلىرىغا ئۆزگەرگەنلىكىنى كۆردۈم. مۇتەخەسسىسلەر ۋە تېخنىكلارنىڭ يېتەكچىلىكىدە، بىز ئۈزۈم ئۆستۈرۈشكە نىسبەتەن يېڭى تونۇشقا ئىگە بولدۇق، نۇرغۇن تۇغقانلىرىم ۋە قوشنىلىرىم ئۈزۈم ئۆستۈرۈش، پەرۋىش قىلىش شەكلىنى ئۆزگەرتكەچكە، كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىدى.

بۇ ئىككى يىلدا، كەنتتە پىششىقلاش زاۋۇتى قۇرۇلۇپ، 48 سائەتتىلا يۇقىرى پاكىزلىقتىكى قۇرۇق ئۈزۈم پىششىقلىيالايدىغان بولدى ھەم پۈتۈن يىللىق ئىشلەپچىقىرىشنى ئىشقا ئاشۇردى. مەھسۇلاتلارنى يۇقىرى دەرىجىلىك بازارلارغا كىرگۈزۈش ئۈچۈن، كەنت كادىرلىرى كەنتنىڭ قۇرۇق ئۈزۈمىنى سۈپەتلىك ماركا قىلىپ رويخەتكە ئالدۇرۇپ، ئوراپ قاچىلاش قېپى لايىھەلەتتى. ئۆزىنىڭ قۇرۇق ئۈزۈم سۈپەتلىك ماركىسى بولغاچقا، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ بېيىشقا بولغان ئىشەنچى تېخىمۇ تولۇپ تاشتى.

ھازىر، كەنتىمىز مەنزىرە رايونى بەرپا قىلىۋاتىدۇ، يۇرتىمىز تېخىمۇ گۈزەللەشتى، كىرىمنى ئاشۇرۇش يوللىرى تېخىمۇ كۆپەيدى، كىچىككىنە ئۈزۈم يۇرتۇمغا غايەت زور ئۆزگىرىش ئېلىپ كەلدى. بىز تېخىمۇ كۆڭۈل قويۇپ ئېسىل ئۈزۈم ئۆستۈرۈپ، ئۇنى بىزگە تېخىمۇ ئېسىل تۇرمۇش ئېلىپ كېلىدىغان قىلىمىز.

(«سۆز ھەممىگە» ماقالە ئەۋەتىش پوچتا ساندۇقى:

xjrbplb@126.com)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.