تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

قۇربان ھېيتلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە ئاپتونوم رايونىمىز كۈتۈۋالغان دۆلەت ئىچىدىكى ساياھەتچى 4 مىليون 700 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئاشتى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ياۋ گاڭنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، قۇربان ھېيتلىق دەم ئېلىش مەزگىلى(7 ـ ئاينىڭ 20 ـ كۈنىدىن 22 ـ كۈنىگىچە)دە پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە جەمئىي كۈتۈۋېلىنغان دۆلەت ئىچىدىكى ساياھەتچى 4 مىليون 740 مىڭ 700 ئادەم قېتىم بولۇپ، 3 مىليارد 562 مىليون يۈەن ساياھەت كىرىمى يارىتىلغان.

بۇ يىل «1 ـ ماي»لىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە جەمئىي كۈتۈۋېلىنغان دۆلەت ئىچىدىكى ساياھەتچى 5 مىليون 1100 ئادەم قېتىم بولۇپ، 4 مىليارد 311 مىليون يۈەن ساياھەت كىرىمى يارىتىلدى. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىلىدا، شىنجاڭ كۈتۈۋالغان ساياھەتچى 88 مىليون 40 مىڭ 400 ئادەم قېتىم بولدى. ياز كىرگەندىن بۇيان، شىنجاڭدا ساياھەت قىزغىنلىقى سىجىل يۇقىرى بولدى. بۇ قېتىمقى دەم ئېلىش مەزگىلىدە، يەنە بىر قېتىملىق ساياھەت يۇقىرى دولقۇنى كۈتۈۋېلىندى.

شىنجاڭ ئاقىل ساياھەت باشقۇرۇش سۇپىسىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، بايرام مەزگىلىدە ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋېلىش مىقدارى بويىچە ئالدىنقى ئۈچ ئورۇندا تۇرغان مەنزىرە رايونلىرى − تىيانشان بوغدا كۆلى مەنزىرە رايونى، سايرام كۆلى مەنزىرە رايونى ۋە نارات مەنزىرە رايونى بولغان. تىيانشان بوغدا كۆلى مەنزىرە رايونى جەمئىي كۈتۈۋالغان ساياھەتچى 92 مىڭ 400 ئادەم قېتىم بولۇپ، 2019 ـ يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %19 ئاشقان.

ساياھەت مۇلازىمىتىنى ياخشى قىلىش ئۈچۈن، ھەرقايسى جايلار جەمئىيەتكە مەدەنىيەت ۋە ساياھەت بازىرىنىڭ ئەرز ـ شىكايەت مۇلازىمەت قىزىق لىنىيە تېلېفونىنى ئېلان قىلىپ، ساياھەتچىلەرنىڭ ئەرزىگە سۈرۈك ئىچىدە جاۋاب قايتۇردى ھەم مەنزىرە رايونىدا پىدائىيلار مۇلازىمەت ئورنى قاتارلىقلارنى تەسىس قىلىپ، ساياھەتچىلەر ساياھەت قىلىش جەريانىدا يولۇققان قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلدى.

بايرام مەزگىلىدە، قىزىل ساياھەت ئالقىشقا ئېرىشتى. كۆكيار خاتىرە سارىيى، چورما ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقى، جۇڭگو ئىشچى ـ دېھقانلار قىزىل ئارمىيەسى غەربىي يۆنىلىش ئارمىيەسىنىڭ شىنجاڭغا كىرگەنلىك خاتىرە باغچىسى قاتارلىقلار نۇرغۇن ساياھەتچىنى كۈتۈۋالدى.

ھەرقايسى جايلار مەدەنىيەت ئىچكى خاس مەزمۇنى مول، خاس ئالاھىدىلىككە ئىگە، شەكلى كۆپ خىل بولغان بىر تۈركۈم ساياھەت پائالىيەتلىرىنى يولغا قويۇپ، خۇشال ـ خۇرام بايرام كەيپىياتىنى ياراتتى. خوتەن شەھىرى تۇەنچېڭ مەنزىرە رايونىدا لوپ ناھىيەسىدىن كەلگەن خەلق سەنئەتكارلىرى بىلەن ساياھەتچىلەر بىرلىكتە مەشرەپكە چۈشتى.

ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىش سىجىل قىزىدى. 7 ـ ئاينىڭ 21 ـ كۈنى، مايتاغ ـ كۇچا تاشيولى لىنىيەسى بويىدىكى شىخو شەھىرىنىڭ بەيياڭگۇ بازىرى ۋۇسىتۇ مەنزىرە رايونىدا پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ئاپتوموبىللار توختىتىلغانىدى. ئىگىلىنىشىچە، مايتاغ ـ كۇچا تاشيولىدا ھەر كۈنى قاتنايدىغان ئاپتوموبىل 10 مىڭدىن ئاشقان.

بايرام مەزگىلىدە، مەدەنىيەتنى ھېس قىلىش، ساياھەت مۇلازىمىتى، ئىستىراھەت دەم ئېلىش قاتارلىق كۆپ خىل، مۇھىم ئىقتىدارلار بىر گەۋدىلەشكەن ساياھەت بازىرى، دېھقانلار ئارامگاھى قاتارلىقلار ئائىلە بويىچە ساياھەتكە چىققان ساياھەتچىلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشىپ، ساياھەتچىلەرنىڭ يېقىن ئەتراپتا ساياھەت قىلىشىدىكى ئاساسلىق مەنزىلگە ئايلاندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.