تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

چوغدەك قىزىل ئانار دانىسى سەمىمىي ئىتتىپاقلىق مېھرى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى مېھرىگۈل غوپۇر

«ئولتۇراق رايونىمىزدا توققۇز مىللەت ئاھالە ياشايدۇ، ھەر مىللەت ئامما يېقىن قوشنىلاردىن بولۇپ، كۆپچىلىك ئىش بولسا بىرلىكتە مەسلىھەتلىشىدۇ، قىيىنچىلىق بولسا ئۆزئارا ياردەم بېرىشىدۇ، خۇددى بىر چوڭ ئائىلىگە ئوخشايدۇ» دېدى 7 - ئاينىڭ 12 - كۈنى، ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى) باجياخۇ تەۋەلىك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى خۇڭياڭ مەھەللىسى ياڭگۇاڭ جىشاڭ ئولتۇراق رايونى ئاھالىسى پەرھات قاسىم قورۇ دەرۋازىسى ئالدىدىكى ئالتۇندەك پارقىراپ تۇرغان «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى چوڭ قورۇسى (ئولتۇراق رايونى)» دېگەن لەۋھە تاختىسىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ پەخىرلەنگەن ھالدا.

باش شۇجى شى جىنپىڭ 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەش كېرەك، دەپ تەكىتلىدى. بۇ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىققەتنى ئەبەدىي ئەمىنلىككە مۇناسىۋەتلىك چوڭقۇر قاتلاملىق مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ كۈچەش ئۈچۈن يۆنىلىش ۋە يول كۆرسىتىپ بەردى.

باش شۇجى كۆرسىتىپ بەرگەن يۆنىلىشنى بويلاپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، پارتىيەنىڭ مىللەت سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى دائىملىق قانات يايدۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى بويىچە تەشۋىق - تەربىيە ۋە بەرپا قىلىش خىزمىتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتتى. ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما بىللە ئولتۇراقلىشىش، بىللە ئۆگىنىش، بىللە ئىشلەش، بىللە كۆڭۈل ئېچىش داۋامىدا كەڭ دائىرىدە ئالاقىلەشتى، ئومۇميۈزلۈك ئالماشتۇردى، چوڭقۇر يۇغۇرۇلدى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ «مەركەزداش چەمبەر»ى سىزغانسېرى چوڭىيىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى قەلبلەرنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدا يىلتىز تارتتى.

مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈللىرى كۆڭۈل قويۇپ سۇغىرىلدى

«ئۇكام، قاراڭ، ھويلىدىكى ئۈزۈم، شاپتۇل، نەشپۈتلەر بەك كۆپ مېۋىلىدى، مەن ئەڭ ياخشى مېۋىلەرنى سىزنىڭ كېلىپ يېيىشىڭىزگە ساقلاپ قويىمەن.» 7 - ئاينىڭ 6 - كۈنى، مۇختەر رېھىم تۇغقىنى لى زۇڭجيې بىلەن سىنلىق سۆزلىشىپ، ھويلىسىدىكى مېۋىلىك دەرەخلەرنى لى زۇڭجيېگە بىر - بىرلەپ كۆرسەتتى.

«كۈنلىرىڭىز كۆڭۈللۈك ئۆتۈۋېتىپتۇ، مەن ھەقىقەتەن سىز ئۈچۈن خۇشال بولۇۋاتىمەن، كېلەر قېتىم بارغاندا ئاكا - ئۇكا ئىككىيلەن ئوبدان مۇڭدىشايلى» دېدى لى زۇڭجيې كۈلۈپ تۇرۇپ.

مۇختەر كەلپىن ناھىيەسى يۇرچى يېزىسى ئۈستۈنكى قۇمئېرىق كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى، لى زۇڭجيې جۇڭگو نېفىت خىمىيە سانائىتى پاي چەكلىك شىركىتى غەربىي شىمال نېفىتلىكى چارلاش - ئېچىش تەتقىقات يۇرتىنىڭ باشلىقى. ئاپتونوم رايون قانات يايدۇرغان «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتىدە، ئىككىيلەن قوشماقلىشىپ تۇغقان بولغانىدى، بىر نەچچە يىل چوڭقۇر بېرىش - كېلىش قىلىشىپ، بۈگۈنكى كۈندە، بىر - بىرىنىڭ غېمىنى يەيدىغان ياخشى قېرىنداشلاردىن بولۇپ قالدى.

2016 - يىلىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ قانات يايدۇردى، مىليونلىغان كادىر، ئىشچى - خىزمەتچى ئاساسىي قاتلامدىكى ھەر مىللەت ئامما بىلەن قوشماقلىشىپ تۇغقان بولۇپ، كەنتكە كەلگەن ناتونۇش كىشىدىن ئاممىنىڭ قەلبىدىن ئورۇن ئالغان ئائىلە ئەزاسىغا ئايلاندى؛ ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تۇغقانلىرى پۈتۈن مەملىكەتكە تارقالغان بولۇپ، ناھىيەدە تۇغقىنى بار، شەھەردە تۇغقىنى بار، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەردە تۇغقىنى بار، پايتەخت بېيجىڭدىمۇ تۇغقىنى بار، ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇشتىن شەكىللەنگەن «قەلبداشلار كۆۋرۈكى» خۇددى ھەسەن - ھۈسەندەك تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىنى تۇتاشتۇردى.

تىيانشان قارىغايلىرىنىڭ يىلتىزى بىرتۇتاش، ھەر مىللەت خەلق قەلبداش. بۈگۈنكى كۈندە، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ بىر ئائىلە كىشىلىرىگە ئوخشاش يېقىن ئۆتۈۋاتقانلىقىدەك تەسىرلىك ھېكايىلەر شىنجاڭ تۇپرىقىدا ھەر كۈنى يۈزبەرمەكتە.

ماناس ناھىيەسىنىڭ ماناس بازىرى نەنچېڭ مەھەللىسىدە خەنزۇ، ئۇيغۇر، قازاق، خۇيزۇ قاتارلىق 13 مىللەتتىن بولغان ئاھالە ئولتۇراقلاشقان بولۇپ، مەھەللە ئاھالىلىرى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتى، قىزىقارلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، «يۈز ئائىلىلىك زىياپەت»كە بىللە قاتنىشىدۇ... ھەر ھېيت بايراملاردا، ھەر مىللەت ئاھالىلەر خۇشال - خۇرام بىر يەرگە جەم بولۇپ، ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئوينايدۇ.

مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۆز قارىچۇقىنى ئاسرىغاندەك ئاسراش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ھاياتىنى قەدىرلىگەندەك قەدىرلەش. شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئوغۇل - قىزلار ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇپ، «ئىتتىپاقلىق» دېگەن سۆزنى ھاياتىغا، قېنىغا سىڭدۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈللىرىنى كۆڭۈل قويۇپ سۇغارماقتا.

نەمۇنىچىلاردىن بولۇشقا تىرىشىپ، ئۈلگىنىڭ كۈچى مۇجەسسەملەندى

«ئائىلىڭىزدىكىلەرنىڭ داۋاملىق قۇربان تاغىغا ئوخشاش يۇرتداشلار بىلەن بىللە، پارتىيەنى قىزغىن سۆيۈش، ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈش، جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنى قىزغىن سۆيۈش نەمۇنىچىلىرىدىن بولۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە شىنجاڭنىڭ تېخىمۇ گۈزەل ئەتىسىنى ئورتاق بەرپا قىلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.» 2017 - يىلى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ قۇربان تۇلۇمنىڭ ئەۋلادلىرىغا يازغان جاۋاب خېتى كېرىيە ناھىيەسى توغراغاز يېزىسىنىڭ توغراغاز كەنتىدىكى قۇربان تۇلۇم خاتىرە سارىيىنىڭ كۆرگەزمە زالىغا قويۇلغان بولۇپ، ھەر بىر سۆز - جۈملىسىگە چوڭقۇر مۇھەببەت سىڭگەنىدى.

20 - ئەسىرنىڭ 50 - يىللىرى، قۇربان تاغىنىڭ ئېشەككە مىنىپ بېيجىڭغا بېرىپ رەئىس ماۋ زېدۇڭ بىلەن كۆرۈشمەكچى بولغانلىقى توغرىسىدىكى ھېكايە جۇڭگو زېمىنىدا تارقالدى. بۈگۈنكى كۈندە، قۇربان تاغىنىڭ يۇرتىدا، قۇربان تاغىنىڭ ئىسمى بىلەن ئاتالغان بۇ خاتىرە سارىيىنى ئېكسكۇرسىيە قىلغۇچىلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيدۇ.

«ئادەتتە ھەر كۈنى 300دىن 500گىچە كىشى ئېكسكۇرسىيە قىلىشقا كېلىدۇ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ئېكسكۇرسىيە قىلىشقا كەلگەن كوللېكتىپ ساياھەتچىلەر كۆپىيىپ، ھەر كۈنى 1000 كىشىدىن ئاشتى» دېدى خاتىرە سارىيىنىڭ مەسئۇلى خانقىز مەمتىمىن تونۇشتۇرۇپ.

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سەمىمىي تاپشۇرۇقى ئىزچىل قۇربان تاغىنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ قەلبىگە ئورنىدى، شۇنداقلا پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قەلبىگە ئورنىدى.

قۇربان تاغا ئائىلىسىدىكىلەر مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا تەلپۈنۈپ، «قۇربان تۇلۇم ۋەتەنگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش ئائىلە ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق فوندى»نى تەشەببۇس قىلىپ قۇرۇپ، جەمئىي نەچچە مىڭ ھەر مىللەت ئامما ۋە ياشلار، ئۆسمۈرلەر، بالىلارغا ياردەم بېرىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش داستانىنى پۈتتى.

تېخىمۇ كۆپ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى نەمۇنىچىلىرى ئۈزلۈكسىز مەيدانغا كېلىپ، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا يۇلتۇزدەك چاقنىدى: يوۋ لياڭيىڭ ئون نەچچە يىل ئايرىلماي، ۋاز كەچمەي ئۇيغۇر قېرىندىشىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشىغا ياردەم بەردى، «زامانىمىزدىكى لېي فېڭ» جۇاڭ شىخۇا ھەر مىللەت ئاممىنى كېسەل ئازابىدىن خالاس قىلدى، يەنە ۋۇ دېڭيۈن، ھەنىپە ئالىماخۇن، جۇماتاي ئوۋبەكىر... بۇ ئىسىملارنىڭ كەينىدە كىشىنى تەسىرلەندۈرىدىغان مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھېكايىلىرى بار، ئۇلار خۇددى مەرۋايىتتەك ئىللىق ھەم نۇرلۇق.

نەمۇنىچىلار، ئۈلگىلەر شىنجاڭنى ئىتتىپاقلىشىپ مۇقىم قىلىشنىڭ مەنىۋى كوردىناتىنى شەكىللەندۈرۈپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، ئىتتىپاقلىق ئاساسىنى مۇستەھكەملەشكە يېتەكلىدى.

جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى قەلبلەردە يىلتىز تارتتى

بۇ يىل 5 - ئايدا، خوتەندىكى بېلىكى ئۈزۈلگەن ئوغۇل بالىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك قۇتقۇزۇلۇپ داۋالانغانلىقى توغرىسىدىكى ھېكايە پۈتۈن مەملىكەتكە كەڭ تارقالدى، سانسىزلىغان كىشىلەر بۇنىڭ ئۈچۈن ياش تۆكتى. 1400 كىلومېتىردىن ھالقىغان بۇ قۇرۇقلۇق ۋە ھاۋادىكى كۈچ ئۇلاشتا، نۇرغۇن كىشى ئاغرىق بالا بىلەن ئەزەلدىن تونۇشمىسىمۇ، ئەمما پۈتۈن كۈچى بىلەن ياردەم بېرىپ، بالىغا ئائىلىسىدىكىلەردەك ئىللىقلىق يەتكۈزدى ۋە مەدەت بەردى.

بۇ مەيدان كىشىنىڭ يۈرەك تارىنى تىترىتىدىغان قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش قېرىنداشتەك يېقىن ئۆتۈشتىكى جانلىق دەرسلىك بولۇپ، شىنجاڭدىكى ئۇيۇل تاشتەك مۇستەھكەم، يىمىرىلمەس مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى مەركەزلىك نامايان قىلدى. پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى تورداشلار بەس - بەستە مۇنداق سۆز قالدۇردى: «مېھىر - مۇھەببەت چەكسىز، مانا بۇ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ كۈچى» «جۇڭگودىكى 56 مىللەت قان قېرىنداش» «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولىمىز، بىز مەڭگۈ بىر ئائىلە كىشىلىرى»...

جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى دۆلەت بىرلىكىنىڭ ئۇلى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئاساسى، مەنىۋى كۈچ - قۇۋۋەتنىڭ جېنى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى تەربىيەسىنى شىنجاڭنىڭ كادىرلار تەربىيەسى، ياشلار، ئۆسمۈرلەر تەربىيەسى، جەمئىيەت تەربىيەسىگە كىرگۈزۈپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ چوڭقۇر قەلب قاتلىمىدا يىلتىز تارتقۇزدى.

«خەلق نەمۇنىچىسى»، ئۇلۇغچات ناھىيەسىنىڭ جىغىن يېزىسى دۆڭگۇرمۇ تاغ ئېغىزىدىكى چېگرا قوغدىغۇچى بۇرماقان مولدۇ دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 4000 مېتىردىن ئاشىدىغان چېگرا مۇداپىئە لىنىيەسىدە 50 نەچچە يىلنى بىر كۈندەك ئۆتكۈزۈپ، چېگرانى چارلىدى، چېگرانى قوغدىدى، چېگرانى چارلاش يولىدا سانسىزلىغان تاشلارغا «جۇڭگو تېشى» دېگەن خەتنى ئويۇپ چىقتى. 7 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، 79 ياشلىق بۇرماقان مولدۇ تيەنئەنمېن راۋىقىدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىنى كۆرۈشكە تەكلىپ قىلىندى. يىغىن ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئۇ كۆزلىرىگە لىق ياش ئېلىپ، چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن مۇنداق دېدى: «مېنىڭچە، مەن يوق بولساممۇ، لېكىن مەن ئويغان <جۇڭگو تېشى> مەڭگۈ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ، جۇڭگو مەڭگۈ قەلبىمىزدە».

ئۇچتۇرپان ناھىيەسى ئىماملىرىم بازىرىدىكى دۆلەت ئورتاق تىلى باشلانغۇچ مەكتىپىدە، ئوقۇغۇچىلار دەرس ئارىلىقىدىكى گىمناستىكىدا بەلدۇمبىقى چالىدۇ، دەرستىن سىرتقى ۋاقىتلىرىدا چۇنليەن يېزىش، قەغەز قىيما قىيىش، گۇجېڭ چېلىشنى ئۆگىنىدۇ... 18 يىلدىن بۇيان، مەكتەپ مۇدىرى قۇربان نىياز ئەسلىي مەقسەتنى ئۆزگەرتمەي، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى ئومۇملاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى بالىلارنىڭ قەلبىدە چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزدى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن ئۇنىڭغا «ئىسلاھات ئاۋانگارتى» دەپ نام بېرىپ، ئۇنى «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكۈچى» دەپ ئاتىدى.

ھازىرغا قەدەر، شىنجاڭدا سەككىز ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا «مەملىكەت بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىدىكى ئۈلگىلىك ئوبلاست(شەھەر)» بەرپا قىلدى، 69 ئورۇنغا «مەملىكەت بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىدىكى ئۈلگىلىك رايون(ئورۇن)» دەپ نام بېرىلدى. 2021 - يىلى 3 - ئاينىڭ 1 - كۈنى «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىدىكى نەمۇنە رايون بەرپا قىلىش نىزامى» رەسمىي يولغا قويۇلۇپ، شىنجاڭنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى قانۇنچىللىق تىرىكى بىلەن تەمىنلىدى.

بۈگۈنكى كۈندە، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى ھەر مىللەت خەلقنىڭ قەلبىدە چوڭقۇر يىلتىز تارتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئىتتىپاقلىققا ئەھمىيەت بېرىش، مۇقىملىقنى ئىلگىرى سۈرۈش، تەرەققىياتنى كۆزلەش ئارزۇسى بارغانسېرى كۈچىيىپ، قول تۇتۇشۇپ تەڭ ئىلگىرىلەيدىغان قۇدرەتلىك ئاكتىپ كۈچ ئۇرغۇتۇلۇپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئوغۇل - قىزلارنى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت ئۇلۇغۋار ئىشقا پائال ئاتلىنىشقا رىغبەتلەندۈرمەكتە.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.