تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

​شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنىڭ ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمىنى ئەڭ پۇختا ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىغا ئايلاندۇرىمىز

8 - قېتىملىق مەملىكەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنىغا قاتناشقان ۋەكىللەر مۇنداق بىلدۈردى −​

شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنىڭ ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمىنى ئەڭ پۇختا ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىغا ئايلاندۇرىمىز

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ۋاڭ شىڭرۇي، ياۋ تۇڭ

تارىم دەرياسى ھەيۋەت بىلەن ئۆركەشلەپ ئاقتى، بوستانلىقلار گۈزەل تۈسكە كىردى. پۈتۈن پارتىيەدە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە، پۈتۈن مەملىكەتتە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىۋاتقان، ئىزچىللاشتۇرۇۋاتقان مۇھىم پەيتتە، 8 - قېتىملىق مەملىكەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنى 7 - ئاينىڭ 19 - كۈنىدىن 21 - كۈنىگىچە ئاقسۇدا ئېچىلدى. شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ھەرقايسى ئۆلكە، شەھەرلەر، مەركەزدىكى ئالاقىدار تارماقلار ۋە ئورۇنلار، ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەندىكى ئالاقىدار تارماقلار ھەمدە ياردەمگە ئېرىشىۋاتقان ھەرقايسى جايلارنىڭ ۋەكىللىرى قاتارلىقلار بىرلىكتە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش زور پىلانىنى ئورتاق كېڭەشتى، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىنى ئورتاق پىلانلىدى.

بىرقانچە كۈندىن بۇيان، يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىللەر شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆردى، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىنىڭ كۈچلۈك تەرەققىيات تومۇرىنى ھەقىقىي ھېس قىلدى. شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنىڭ پايدىسىدا، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنىڭ چەكسىز ئېنېرگىيەسى شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادى، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولماقتا، جۇڭخۇا چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئىللىقلىقى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئوزۇقلاندۇرماقتا. ۋەكىللەر ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، شىنجاڭنىڭ گۈزەل كەلگۈسى توغرىسىدا كەڭ - كۇشادە سۆزلىشىپ، قەتئىي ئىشەنچ، ئېنىق پىكىر يولى، ئەمەلىي تەدبىرلىرى بىلەن شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنىڭ قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچىنى مۇجەسسەملىدى.

يۆنىلىش ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، پىكىر يولى راۋانلاشتۇرۇلغان بىر قېتىملىق يىغىن بولدى

شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى تاپشۇرغان مۇھىم، زور سىياسىي ۋەزىپە. باش شۇجى شى جىنپىڭ 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا مۇنداق كۆرسەتتى: شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ھەرقايسى ئۆلكە، شەھەرلەر شىنجاڭ بىلەن ماسلىشىش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشتە ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنىڭ ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك. 8 - قېتىملىق مەملىكەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىگە يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا يۆنىلىش كۆرسىتىپ بېرىلدى، «يول خەرىتىسى»سىزىپ بېرىلدى.

دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لىن نيەنشيۇ مۇنداق دېدى: شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە، جەزمەن باشتىن - ئاخىر سىياسىي، ئىستراتېگىيە، پۈتۈن ۋەزىيەت يۈكسەكلىكىدىن تەپسىلىي كۆزىتىپ ۋە پىلانلاپ، خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئىتتىپاقلىقنى سىجىل كۈچەيتىپ، كىشىلەر قەلبىنى كەڭ دائىرىدە مۇجەسسەملەش كېرەك.

«شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتى پۈتۈن ۋەزىيىتىدىكى ئالاھىدە مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشەندۇق.» جۇڭگو نېفىت - خىمىيە سانائىتى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى جاۋ دۇڭ مۇنداق دېدى: پۈتۈن مەملىكەتنىڭ كۈچىنى توپلاپ شىنجاڭغا سىجىل ياردەم بېرىش پارتىيەنىڭ خاراكتېرى، ئاساسىي مەقسىتىنىڭ مىللەتلەر رايونىدىكى مەركەزلىك ئىپادىسى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىكىنىڭ سىياسىي ئەۋزەللىكى ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ تۈزۈم ئەۋزەللىكىنى يەنىمۇ جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى مۇھىم، زور سىياسىي مەسئۇلىيەت سۈپىتىدە ئۇزاققىچە پۇختا تۇتىمىز، ياخشى تۇتىمىز.

جياڭسۇ ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى ۋاڭ جىجۇڭ مۇنداق بىلدۈردى: بىز 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، بۇ قېتىمقى يىغىندىكى ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئورۇنلاشتۇرما بويىچە، شىنجاڭغا ئومۇميۈزلۈك ياردەم بېرىش، شىنجاڭغا دەل جايىدا ياردەم بېرىش، شىنجاڭغا ئۇزاققىچە ياردەم بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، جياڭسۇنىڭ ئەۋزەللىكىنى سىجىل جارى قىلدۇرۇپ، كەسىپ ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىشنى ئەمەلىي ئالغا سىلجىتىپ، شىنجاڭنىڭ خاس، ئەۋزەل كەسىپلىرىنى زورايتىپ، تېخىمۇ كۆپ ئاممىنى ئۇنىڭدىن نەپكە ئېرىشتۈرىمىز.

«ياردەمگە ئېرىشىۋاتقان جايلارنىڭ تەرەققىيات نىشانىنى چىڭ كۆزلەپ، ساقلانغان كەمتۈكلۈكلەرنى ۋە تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچى زور ساھەلەرنى ئاساسىي ھۇجۇم يۆنىلىشى قىلىپ، مەبلەغنى دەل جايىدا ئىشلىتىش، ئاچقۇچلۇق جايلارغا ياردەم بېرىشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز.» ئالتاي ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ قوماندانى گۇەن ۋېي مۇنداق دېدى: يەنە شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلار، ئىختىساسلىقلارنىڭ كەسپىي ساپاسى ۋە ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى سىجىل ئۆستۈرۈپ، ئىدىيە ۋە سىياسىيدا قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان، خىزمەت ئىقتىدارىدا قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان جەڭگىۋار كوللېكتىپ بەرپا قىلىپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ نەتىجە - ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرىمىز.

ئىشەنچنى كۈچەيتىپ، ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچنى ئاشۇرىدىغان بىر قېتىملىق يىغىن بولدى

مول نەتىجىلەر كىشى قەلبىنى ئىلھاملاندۇردى، گۈزەل ئۇلۇغۋار پىلان كىشىلەرنى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە ئۈندىدى. يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىللەر كۆزدىن كەچۈرۈش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا شىنجاڭدىكى تەرەققىيات، ئۆزگىرىشلەرگە گۇۋاھ بولدى، يىغىن نەق مەيدانىدا قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچنى ھېس قىلدى، گۇرۇپپا مۇزاكىرىسىدە خىزمەت پىكىر يولى توغرىسىدا كەڭ - كۇشادە پاراڭلاشتى. ئۇلار مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مەملىكەت بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە پارتىيەنىڭ 100 يىللىق تۇغۇلغان كۈنىنى ئورتاق تەبرىكلىدى، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىلغانلىقىنى تەنتەنىلىك جاكارلىدى، 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلدى، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش يېڭى مۇساپىسى باشلاندى. 8 - قېتىملىق مەملىكەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنىنىڭ مۇشۇنداق ئارقا كۆرۈنۈشتە ئېچىلغانلىقىنىڭ ئەھمىيىتى ئىنتايىن مۇھىم، زور، بىزنىڭ يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى تېخىمۇ تولۇپ تاشقان ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەشكە ئىشەنچىمىز بار.

ئىشەنچ ۋە ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ 8 - قېتىملىق مەملىكەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنىنىڭ يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى يەنە بىر قېتىم پىلانلىشى، دەل جايىدا ئورۇنلاشتۇرما قىلىشىدىن كەلدى.

«مەن ئىنتايىن روھلاندىم، ئىنتايىن ئىللىقلىق ھېس قىلدىم، ئىنتايىن ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە تولدۇم.» خوتەن ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئەنخۇي شىنجاڭغا ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ قوماندانى جوۋ مى مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى يىغىندا كېيىنكى باسقۇچتىكى مەملىكەت بويىچە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى، ئېنىق تەلەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى، جەزمەن شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتى ئۈچۈن كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشىدۇ.

ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ مۇۋەققەت ئوبلاست باشلىقى خادەن كابىن مۇنداق بىلدۈردى: شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى ئىشەنچ ۋە ئىرادىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يىغىن روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جياڭسۇ ئۆلكىسى بىلەن بولغان ماسلاشتۇرۇش، ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىشتىكى تۈرلۈك نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرىمىز.

ئىشەنچ ۋە ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ھەرقايسى كۈچلەرنىڭ ئۇزاق مەزگىلدىن بۇيان شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىشقا پۈتۈن كۈچىنى سەرپ قىلغانلىقى، پۈتۈن ھېسسىياتى بىلەن ئاتلانغانلىقىدىن كەلدى.

مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى، مەركەز كارخانىلىرى ۋە شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ھەرقايسى ئۆلكە، شەھەرلەر شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، سېلىنىدىغان مەبلەغ، تۈر كۆلىمى ۋە قاتنىشىدىغان ئادەم سانىنىڭ سىجىل كۆپىيىشىگە تۈرتكە بولدى. 2019 - يىلىدىن بۇيان، مەركەز كارخانىلىرى شىنجاڭدا جەمئىي 265 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىشنى تاماملىدى، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ھەرقايسى ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش مەبلىغى جەمئىي 50 مىليارد يۈەندىن ئاشتى. ھەر قېتىملىق مەبلەغ، ھەربىر تۈر، تۈركۈم - تۈركۈم ئىختىساسلىقلار ۋەتىنىمىزنىڭ جاي - جايلىرىدىن شىنجاڭغا توپلىنىپ، شىنجاڭنىڭ تەرەققىي قىلىپ ئىلگىرىلىشىدىكى قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملىدى.

ئىشەنچ ۋە ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ شىنجاڭنىڭ ۋەتىنىمىز چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئىللىق غەمخورلۇقىدا قولغا كەلتۈرگەن كۆرۈنەرلىك نەتىجە - ئۈنۈمى، بولغان غايەت زور ئۆزگىرىشلىرىدىن كەلدى.

شىنجاڭغا ياردەم بېرىش نەتىجىلىرىنى نەق مەيداندا كۆزدىن كەچۈرگەن، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندىن كېيىن، سۇچىلىق مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى ۋېي شەنجۇڭ ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «7 - قېتىملىق مەملىكەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنى ئېچىلىپ قىسقىغىنا ئىككى يىلدا، ئارىلىقتا يەنە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنى باشتىن كەچۈرگەن بولسىمۇ، شىنجاڭدا يەنىلا ھەممىلا يەردە كىشىنى خۇشاللاندۇرىدىغان شىنجاڭغا ياردەم بېرىش نەتىجىلىرىنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ، ياردەم بېرىۋاتقان ئورۇن بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئىنتايىن خۇشال بولدۇق».

بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى جوۋ فېڭ مۇنداق دېدى: شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان كۈچلەرنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشىدا، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتى مۇقىم بولدى، ئىقتىسادى يۇقىرى سۈپەتتە تەرەققىي قىلدى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى سىجىل مۇستەھكەملەندى، خەلق تۇرمۇشى بەخت - سائادىتى ئۈزلۈكسىز ئاشتى، تۈرلۈك ئىشلاردا غايەت زور نەتىجە - ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلدى، شىنجاڭنىڭ كەلگۈسىگە بولغان ئىشەنچىمىز تولۇپ تاشتى.

ئەمەلىيلەشتۈرۈش تۇتۇلۇپ، يېڭى سەھىپە يارىتىلغان بىر قېتىملىق يىغىن بولدى

يىغىننىڭ ئېچىلىشىغا ئەگىشىپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنىڭ يېڭى خىزمەت نىشانى تەدرىجىي ئايدىڭلاشتى، تەدبىرلەر تېخىمۇ دەل جايىدا بولدى.

«تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى دەرھال قانات يايدۇرۇپ، نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى چوڭقۇر ئۇدۇللاشتۇرىمىز.» «يىغىندىكى ئورۇنلاشتۇرما بويىچە، ئەمەلىيلەشتۈرۈش پىكرىنى تېزدىن ئوتتۇرىغا قويۇپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولىمىز.» «شىنجاڭغا ياردەم بېرىش تۈرلىرىنى يەنىمۇ ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم بېرىشىگە تېزدىن تۈرتكە بولىمىز.» «شىنجاڭغا ياردەم بېرىش نەتىجىلىرىنى چوقۇم شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئەڭ پۇختا ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىغا ئايلاندۇرىمىز»...يىغىن مەزگىلىدە، يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىللەر زىممىسىدىكى مەسئۇلىيەتنى چوڭقۇر ھېس قىلىپ، بەس - بەستە پىكىر يولى ئۈستىدە كەڭ - كۇشادە پاراڭلىشىپ، تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

گوۋۇيۈەن دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى رېن خۇڭبىن مۇنداق دېدى: بىز مەركەز كارخانىلىرىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتى سالمىقىنى داۋاملىق زورايتىپ، كەسىپ ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش داۋامىدا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئىقتىدارى كۈچلۈك تۈرلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، قوبۇل قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، شىنجاڭنىڭ خاس ئەۋزەل كەسىپلەرنى زورايتىشىغا ياردەم بېرىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، كېڭەيتىپ، يېزا - كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىپ، تىرىشىپ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئىشلىرى ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشىمىز.

شاڭخەي شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى جېڭ گاڭمياۋ مۇنداق دېدى: شاڭخەي شەھىرى قەشقەر ۋىلايىتىدىكى تۆت ناھىيەنىڭ كەسىپ ئارقىلىق ياردەم بېرىش - يۆلەشنى كۈچەيتىشى، ئىستېمال ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشنى زورايتىشى، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق ياردەم بېرىش - يۆلەشنى پۇختىلىشى، ئەقلىي ئىقتىدار ئارقىلىق ياردەم بېرىش - يۆلەشنى ئەلالاشتۇرۇشىغا پۈتۈن كۈچى بىلەن تۈرتكە بولۇپ، تولۇق ئامىللىق، كەڭ ساھەلىك، چوڭقۇر قاتلاملىق ھەمكارلىقنى ئۇدۇللاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ياردەمگە ئېرىشىۋاتقان جايلارنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات ئىقتىدارىنى سىجىل كۈچەيتىدۇ.

«كېيىنكى قەدەمدە، بىز يىغىننىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، مەۋقەنى تۈرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە قويۇپ، بورتالا ئوبلاستى ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىمىز؛ مەۋقەنى ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇشقا قويۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەپ، خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى جايىدا، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەقىقىي تۈرتكە بولىمىز.» جوۋ فېڭ مۇنداق بىلدۈردى: بۇ يىل بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى ۋە بىڭتۇەن 5 - شىسىنىڭ ئاپتوموبىل، يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش ۋە توقۇمىچىلىق كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا نۇقتىلىق ياردەم بېرىپ، ياردەمگە ئېرىشىۋاتقان جايلاردا يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولىدىغان تۈۋرۈك كەسىپلەرنى بەرپا قىلىمىز.

جېجياڭ داشۆسى تېببىي شۆيۈەنى قارىمىقىدىكى 1 - دوختۇرخانا پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لياڭ تىڭبو مۇنداق دېدى: داۋالاش ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىشتىكى پىشىپ يېتىلگەن تەجرىبىلەردىن تولۇق، ياخشى پايدىلىنىپ، داۋالاش ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈشنى مۇھىم تۇتقا قىلىپ، ئۆگىتىش، ياردەم بېرىش، يېتەكلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئاقسۇ ۋىلايىتى ئۈچۈن ئېلىپ كەتكىلى بولمايدىغان كەسپىي ئىختىساسلىقلار قوشۇنى بەرپا قىلىپ بېرىپ، شىنجاڭنىڭ داۋالاش - سەھىيە ئىشلىرىدا تېخىمۇ زور تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولىمىز.

ئىككى قاشتا كۆتۈرۈلدى دولقۇن تەكشى ھەيۋەت بىلەن، شاماللارمۇ كېلىپ ئوڭدىن كۆتۈرۈلدى ئېگىز يەلكەن. يېڭى ئۇلۇغۋار پىلان تۈزۈلدى، يېڭى ئەتە يارىتىشىمىزنى تېخىمۇ كۈتمەكتە. شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتى، يېڭى ۋەزىپىسى ئالدىدا، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما تولۇپ تاشقان مىننەتدارلىق بىلەن، جان تىكىپ ئېلىشىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، تىرىشىپ يېڭى مۇساپىدە يەنە ياخشى نەتىجىلەرنى يارىتىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.