تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى «جانلىق، تەسىرلىك» بولدى

بورتالا ئوبلاستى:

پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى «جانلىق، تەسىرلىك» بولدى

□ ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۇڭ ياۋېن

«تارىخ بېتىنى ۋاراقلايدىغان بولساق، خۇاشيادا يېڭى ئەسىر ئېچىلدى...» 7 - ئاينىڭ 15 - كۈنى، بورتالا شەھىرى چىندېل كوچا باشقارمىسى تىنچلىق مەھەللىسىنىڭ مەدەنىيەت مەيدانىدىن جاراڭلىق كۇەيبەن ئاۋازى ئاڭلىنىپ تۇراتتى، بورتالا شەھىرىنىڭ چىندېل بازارلىق ئاساسىي قۇرۇلۇش ئەترىتى ئانار گۈلى تەشۋىقات ئەترىتىدىكىلەر ئۆزلىرى تەييارلىغان «پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى» ناملىق كۇەيبەن قوشىقىنى ئورۇنلاپ، پارتىيەنىڭ شانلىق تارىخىنى تەشۋىق قىلىپ، پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتىنى ھەر مىللەت ئاممىغا «ناخشا» قىلىپ ئېيتىپ بېرىۋاتاتتى.

پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى «ئۈچ يىغىن، بىر دەرس» «پارتىيە بايرىقى تىيانشاندا نۇر چاچتى» باش تېمىسىدىكى پارتىيە كۈنى پائالىيىتى قاتارلىقلارغا بىرلەشتۈرۈپ، خاسلىقى روشەن، شەكلى كۆپ خىل بولغان پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇردى ھەم پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى خىزمەت ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش، قەلبلەرگە سىڭدۈرۈشكە تۈرتكە بولدى.

بورتالا ئوبلاستىدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى قېتىرقىنىپ ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىشنى كوللېكتىپ ئۆگىنىش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، تۈرلۈك ئۈنۈملۈك ئۆگىنىش شەكلى، ئۇسۇلى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، «پارتىيە تارىخىنى ئوقۇش، قىزىل دېكلاماتسىيە» «پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش مىكرو تەسىراتى، كۈندە بىر جۈملە» «پارتىيە تارىخىنى نۆۋەت بىلەن سەھنىگە چىقىپ سۆزلەش» قاتارلىق پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى تېخىمۇ تەسىرلىك، جانلىق قىلدى.

«ھۆرمەتلىك مېھمانلار، مەن بىلەن بىللە پارتىيەنىڭ 100 يىللىق شانلىق مۇساپىسىنى ئەسلەپ ئۆتەيلى...» 7 - ئاينىڭ 16 - كۈنى، بورتالا ئوبلاستلىق ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش مەركىزى . مەدەنىيەت - سەنئەت مەركىزى بىر تۈركۈم ئېكسكۇرسىيەچىلەرنى كۈتۈۋالدى. كۆپچىلىك چۈشەندۈرگۈچىگە ئەگىشىپ كۆرگەزمە زالىغا كىرىپ، ئايرىم - ئايرىم ھالدا «100 يىللىق كۈرەش يولى يېڭى مۇساپىگە ئاتلىنىش» «قىزىل كىنو ئېلانى كۆرگەزمىسى ۋە قىزىل كىنو كۆرگەزمە پائالىيىتى» «گۈزەل سەنئەت كىلاسسىك ئەسەرلىرىدىكى پارتىيە تارىخى» قاتارلىق قىزىل جەزمەن بارىدىغان جاينى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، تەسىرلىك سۈرەت، كىنو ئېلانى، قىزىل كىنو، گۈزەل سەنئەت كىلاسسىك ئەسەرلىرى، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى، ئەمەلىي بۇيۇملار قاتارلىقلار ئارقىلىق، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ھەيۋەتلىك 100 يىللىق مۇساپىسىنى ھەر تەرەپلىمە ئىگىلەپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈردى.

ھازىرغا قەدەر، بورتالا ئوبلاستلىق ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش مەركىزى . مەدەنىيەت - سەنئەت مەركىزىدە جەمئىي 500 مەيداندىن ئارتۇق پائالىيەت ئۆتكۈزۈلدى، كۆرگەزمىنى كۆرگەنلەر جەمئىي 20 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئاشتى. ھەر مىللەت پارتىيەلىك كادىرلار، ئامما بۇ يەرگە كېلىپ پارتىيەگە كىرىش قەسىمىنى تەكرارلاپ، ئەجدادلارنىڭ ئىزىنى ئەسلەپ، قىزىل ھېكايىلەرنى ئەستايىدىل ئاڭلاپ، نەق مەيداندا كۆرۈش، چىن قەلب بىلەن ئۆزلەشتۈرۈش ئارقىلىق قىزىل گېننى قان تومۇرغا ھەقىقىي سىڭدۈردى.

بۇنىڭدىن باشقا، بورتالا ئوبلاستى يەنە ماقالە قوبۇل قىلىش، لېكسىيە سۆزلەش، كۇەيبەن ئېيتىش، كىچىك ھېكايە سۆزلەش قاتارلىق مۇسابىقىلەرنى قانات يايدۇرۇپ، مۇزىكا كېچىلىكى، يېنىك جابدۇنغان قىزىل ئويۇن قويۇش ئاتلىق ئەترىتى باش تېمىسىدىكى سەييارە ئويۇن قويۇش، مەخسۇس تېمىلىق مەدەنىيەتنى يېزىلارغا يەتكۈزۈش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى تەشكىللىدى؛ جاسارەتلىك ياشلار، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى، ھۈنەرۋەنلەر، پۇقرا سۆزمەنلەر قاتارلىق كەسپىي لېكسىيە ئەترىتىدىن ئوننى ھەمدە ئۇلانمۇچىر، ئويۇن قويۇش ماشىنىسى، مېھرىبان ئانىلار قاتارلىق خاس تەشۋىقات ئەترىتىدىن 206نى، پۇقرا تەشۋىقاتچىدىن 1733نى تەشكىللىدى. مەيدان - مەيدان «لېكسىيە+ئەدەبىيات - سەنئەت» پائالىيەتلىرىدە، پارتىيەنىڭ شانلىق مۇساپىسى ئەسلەپ ئۆتۈلۈپ، ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھىغا ۋارىسلىق قىلىنىپ، ئەتراپتىكى ئىشلار ئارقىلىق چوڭ سىياسەتلەر چۈشەندۈرۈلۈپ، كىچىك ھېكايىلەر ئارقىلىق چوڭ داۋلى شەرھلىنىپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ كىشىلەرنىڭ كاللىسىغا، قەلبىگە سىڭدۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.