تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

پارتىيەنىڭ 100 يىللىق ئۇلۇغ كۈرەش مۇساپىسىدىن ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچ قوبۇل قىلىش كېرەك

نۇرلان ئەبىلمەجىن ئادەتتىكى پارتىيە ئەزاسىلىق سالاھىيىتى بىلەن ئۆزى تۇرۇشلۇق پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى مەخسۇس تېمىلىق تەشكىلىي تۇرمۇش يىغىنىغا قاتناشتى

پارتىيەنىڭ 100 يىللىق ئۇلۇغ كۈرەش مۇساپىسىدىن ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچ قوبۇل قىلىش كېرەك

ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يۈنمېي خەۋەر قىلىدۇ: 7 - ئاينىڭ 19 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، رەئىس نۇرلان ئەبىلمەجىن ئادەتتىكى پارتىيە ئەزاسىلىق سالاھىيىتى بىلەن ئۆزى تۇرۇشلۇق ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ئورگىنى 11 - پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى مەخسۇس تېمىلىق تەشكىلىي تۇرمۇش يىغىنىغا قاتنىشىپ، پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ ئەزالىرى بىلەن بىرلىكتە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىپ، ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش ئاڭلىقلىقى ۋە تەشەببۇسكارلىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئۈزلۈكسىز ھالدا پارتىيەنىڭ 100 يىللىق ئۇلۇغ كۈرەش مۇساپىسىدىن ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچ قوبۇل قىلدى.

يىغىندا، ياچېيكىدىكى پارتىيە ئەزالىرى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى چۆرىدەپ، دىققەتنى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش، ئىدىيەنى ئۆزلەشتۈرۈش، ئەمەلىي ئىش قىلىش، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئۆگىنىش تەسىراتلىرىنى ئالماشتۇردى؛ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ نىشان - تەلىپى بويىچە، ئۆزلىرىنىڭ ئىدىيەسى ۋە خىزمەت ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈپ، كۆزىتىپ، تېپىپ چىقىپ، ئىدىيەۋى مەنبەسىنى تەھلىل قىلىپ، تۈزىتىش تەدبىرلىرىنى ئايدىڭلاشتۇردى.

كۆپچىلىكنىڭ سۆزىنى ئەستايىدىل ئاڭلىغاندىن كېيىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا قاراپ قەدەم تاشلىشى ئۈچۈن ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بەردى، تۈپ مىزان بىلەن تەمىنلىدى. سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى دائىم تۇتۇپ، كۈندىلىك ئىشلارغا سىڭدۈرۈپ، ئادەتتە چىڭىتىپ، ھەقىقىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما - تەلىپى بويىچە، باشتىن - ئاخىر پارتىيەگە ئىشىنىش، پارتىيەنى سۆيۈش، پارتىيە ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتەك سىياسىي ئاڭلىقلىق، ئىدىيە ئاڭلىقلىقى ۋە ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، پولاتتەك ئىرادە بىلەن پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش، ئۆلسىمۇ ئۆكۈنمەسلىكتەك ئېتىقادنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەپ، ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھىنى كۈندىلىك ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇپ، ئاڭلىق ھالدا ئىنقىلابىي ئەنئەنىگە ۋارىسلىق قىلىپ، قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىپ، مەنىۋى كالتسىينى تولۇقلاپ، غايە - ئېتىقادنى مەنىۋى روھقا، پۇت تىرەپ تۇرۇشتىكى ئاساسقا، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش ئۇلىغا ئايلاندۇرۇش كېرەك.

نۇرلان ئەبىلمەجىن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيەنىڭ ئەسلىي مەقسىتى ۋە بۇرچىنى چوڭقۇر ھېس قىلىپ، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش باش مەقسىتىنى پائال ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش، كۆزدىن كەچۈرۈش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، مائارىپنى قوللاپ ئوقۇشقا ياردەم بېرىش قاتارلىق پۇرسەتلەردىن تولۇق، ياخشى پايدىلىنىپ، ئامما ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئامما بىلەن ئالاقە باغلاپ، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىپ، ئەمەلىي ھەرىكەت ئارقىلىق پارتىيەنىڭ شىنجاڭدا ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشىنىڭ ئامما ئاساسىنى پۇختىلاش كېرەك. ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارى مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىسىنى كەم - كوتسىز ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ تۈرلۈك خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىرلىكتە تىرىشىپ خەلقنىڭ بەخت - سائادىتىنى ئاشۇرۇش داۋامىدا خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتەك قىممەت ئىنتىلىشىنى روشەن نامايان قىلىش كېرەك.

نۇرلان ئەبىلمەجىن مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: جەڭگىۋار قورغانلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ياچېيكىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى كەسپىي خىزمەتنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، ياچېيكا قۇرۇلۇشىنى تۇتۇشنىڭ يېڭى نەتىجە - ئۈنۈمى ئارقىلىق باشقارما، ئىشخانىلارنىڭ ئاساسىي مەسئۇلىيىتى ۋە ئاساسىي كەسپىنىڭ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تىرىشىپ «بەلگە خادىسىلىق ياچېيكا»غا ئايلاندۇرۇش كېرەك. «توققۇز جەزمەن» تۈپ تەلىپىنى چوڭقۇر ھېس قىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى پۇرسەت بىلىپ، ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى چوڭقۇر، پۇختا قانات يايدۇرۇپ، پۇختا قەدەم بىلەن ئۆز خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.