□ ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋېي يۇڭگۈي
«بۇ خىل <چولپان ئۆرۈك> ناھايىتى ياخشى ئالقىشلاندى، سۈپەتلىك ماركىنىڭ نامىنى ساقلاپ قېلىشتا، ھەربىر تال ئۆرۈكنىمۇ ئىنچىكە تاللاش كېرەك.» 7 - ئاينىڭ 18 - كۈنى، گۇما ناھىيەسى سازام يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى ئالىمجان مەمتىمىن يېڭى خىزمەتچىلەرگە «1 - دەرىجىلىك ئۆرۈك» تاللاشنى قولمۇقول ئۆگەتتى.
ئالتە يىل ئىلگىرى ئالىمجان تېرىقچىلىققا تايىنىپ تۇرمۇش كەچۈرىدىغان دېھقان ئىدى. يەرلەر ئوبوروت قىلىنغاندىن كېيىن، ئۇ گۇما ناھىيەسىگە نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئەنخۇي ئۆلكىسىدىن شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە كەلگەن كادىرلارنىڭ ياردىمىدە بىر مېۋە - چېۋە كارخانىسىغا ئىشقا چۈشتى، كېيىن ئۆزىنىڭ شىركىتىنى قۇردى. «گۇما ناھىيەسىدىكى ھەرقايسى كەنتلەر ئەنخۇي ئۆلكىسىدىكى يېزا - بازارلار بىلەن قوشماقلاشتى، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلار يەنە مەن بىلەن تۇغقانلاشتى» دېدى ئۇ.
يېزا - بازارلارنىڭ قوشماقلىشىشى، كادىرلارنىڭ تۇغقانلىشىشى ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىدە ئۇزاقتىن بۇيان چىڭ تۇرۇپ كەلگەن تەدبىرى. كۆپ يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان 19 ئۆلكە، شەھەردىكى كادىرلار، ئامما ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت ئامما بىلەن كەڭ دائىرىدە ئالاقىلەشتى، ئومۇميۈزلۈك ئالماشتۇردى، چوڭقۇر يۇغۇرۇلدى، كۆپچىلىك ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇپ، گۈزەل شىنجاڭنى ئورتاق قۇرۇپ، گۈزەل كەلگۈسىنى ئورتاق ياراتتى.
كەڭ دائىرىدە ئالاقىلىشىپ، ئۆزئارا ياردەم بېرىپ، ھەقىقىي ھېسسىياتنى ھېس قىلدى
بۇ يىل 5 - ئايدا، قەشقەر تېخنىك مەكتىپىنىڭ ساياھەت باشقۇرۇش كەسپىدە ئوقۇۋاتقان نۇرزادەم تۇرسۇننىڭ ئاتا - ئانىسى بىر قېتىملىق قاتناش ۋەقەسىدە بەختكە قارشى قازا قىلىپ كەتكەچكە، نۇرزادەم يېتىم قالدى.
نۇرزادەم يەكەن ناھىيەسىنىڭ ئودانلىق بازىرى چوڭئېرىق كەنتىدىن بولۇپ، شاڭخەي شەھىرىدىن شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە كەلگەن كادىر لى جىڭ تۇغقانلىشىش، زىيارەت قىلىش جەريانىدا ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، ئەھۋالنى دەرھال شاڭخەي شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابىغا دوكلات قىلدى. قوماندانلىق ئىشتابى ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ كۈچىنى پائال ماسلاشتۇرۇپ، نۇرزادەمگە ئىللىقلىق يەتكۈزۈپ، غەمخورلۇق قىلىپ، ئەمەلىي مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىپ بەردى، نۇرزادەمنىڭ تۇرمۇشقا بولغان غەيرىتى قايتىدىن ئۇرغۇدى.
«نۇرزادەمگە ئوخشاش بالىلارغا ياردەم قىلالىغانلىقىمدىن، ئۇلارنى ئۆسۈپ يېتىلىش يولىدا سەپتىن چۈشۈرۈپ قويمىغانلىقىمدىن ئۆزۈمنى ناھايىتى بەختلىك ھېس قىلىمەن» دېدى لى جىڭ.
كۆپ يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان كەڭ كادىرلار چىن قەلبى، چىن ھېسسىياتى بىلەن كىشىنى چوڭقۇر تەسىرلەندۈرىدىغان مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھېكايىلىرىنى يېزىپ چىقتى. خوتەن ۋىلايىتىدە، بېيجىڭ شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى «مېنىڭ بېيجىڭدا ئائىلەم بار» ياشلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ ئوقۇشىغا ياردەم بېرىش بويىچە ياردەم بېرىش - يۆلەش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى، 1144 ئۇيغۇر ئۆسمۈر بالىنىڭ «بېيجىڭلىق دادىسى، بېيجىڭلىق ئانىسى» بار بولدى.
سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىدا، فۇجيەن ئۆلكىسىدىن شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە كەلگەن كادىرلارنىڭ ھەربىرى بىردىن ئۈچكىچە ئائىلە بىلەن قوشماقلىشىپ تۇغقان بولۇپ، تۇغقانلىرىنى قەرەللىك زىيارەت قىلدى، قىيىن ئىشلارغا يولۇقسىلا جەزمەن ياردەم قىلدى، ئېغىر كېسەل بولۇپ قالسىلا جەزمەن ياردەم قىلدى، خۇشاللىنارلىق ئىش بولسىلا جەزمەن مۇبارەكلىدى، ھېيت - بايرام كەلسىلا جەزمەن تەبرىكلىدى.
بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى ۋە بىڭتۇەن 2 - شىسىدا، خېبېي ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى قوشماقلىشىپ ياردەم بېرىش - يۆلەش مېخانىزمىنى مۇستەھكەملەپ، كېڭەيتىپ، ئىككى جايدىكى كادىرلار، ئىختىساسلىقلار قوشماقلىشىش، يېزا - بازارلار قوشماقلىشىش، كەنت - كارخانىلار قوشماقلىشىش، مەكتەپلەر قوشماقلىشىشنى يولغا قويدى، قوشماقلاشقان ئورۇنلاردىكى كادىرلار، ئامما دائىم بېرىش - كېلىش قىلىپ، چوڭقۇر دوستلۇق ئورناتتى.
ئومۇميۈزلۈك ئالماشتۇرۇپ، ئەڭ چوڭ مەركەزداش چەمبەرنى ياخشى سىزدى
«كۆكتوقايدىكى پادىچى» دېگەن ناخشا كۆكتوقاي مەنزىرە رايونى، نارات يايلىقىنى پۈتۈن مەملىكەتكە تونۇتتى.
ساياھەت ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش كېڭەيتىلدى، ئادىمىيەت ئالاقىسى ئىلگىرى سۈرۈلدى، خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، 6 - ئاينىڭ 1 - كۈنى خاربىن شەھىرىدىن ئالتاي ۋىلايىتىگە بىۋاسىتە بارىدىغان «لۇڭجياڭ» ناملىق ساياھەت پويىزىنىڭ قوش يۆنىلىشلىك قاتنىشىنى ئىلگىرى سۈردى؛ جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى ئىلى ئوبلاستى بىلەن ھەمكارلىشىپ، نارات ساياھەت مەنزىرە رايونىنىڭ ساياھەت مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈردى، مەنزىرە رايونىغا كەلگەن ساياھەتچىلەرنىڭ سانىدا بۇ يىل 5 - ئايدىن بۇيان «شىددەتلىك» ئېشىش ۋەزىيىتى كۆرۈلدى.
مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش قانات يايدۇرۇلۇپ، ئىتتىپاقلىق كۈچلىرى مۇجەسسەملەندى. 7 - ئاينىڭ 17 - كۈنى، «شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش . خېنەن - قومۇل ئۆسمۈرلەر سەپىرى» ۋە يازلىق لاگېر قول تۇتۇشۇش پائالىيىتىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمى قومۇل شەھىرى مەدەنىيەت ئىجادىيەت باغچىسىدا ئۆتكۈزۈلدى، خېنەن ئۆلكىسى، قومۇل شەھىرىدىن ئىبارەت ئىككى جايدىكى 200 نەپەر ياش - ئۆسمۈر ئەنئەنىۋى كىلاسسىك ئۇسسۇللۇق تىياتىر بىلەن زامانىۋى قىزىل ئۇسسۇل نومۇرلىرىنى بىرلىكتە ئورۇنلىدى. خېنەن ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى «خېنەن - قومۇلغا مۇھەببەت . مەدەنىيەت سەپىرى»نىڭ 27 تۈرلۈك پائالىيىتىنى بىر - بىرلەپ قانات يايدۇردى.
تۇرپان شەھىرىدە، خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى خۇنەن ئۆلكىسىدىكى خاس كەنتلەرنى تۇرپان شەھىرىدىكى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش، بەرپا قىلىش كەنتلىرى بىلەن ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشقا تەشكىللىدى، تۇرپان شەھىرىدىكى ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى ۋە ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلار، ئامما ۋەكىللىرىنى خۇنەنگە بېرىپ ئالماشتۇرۇشقا تەشكىللەپ، تۇرپان شەھىرىنىڭ يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشىگە كۈچ قوشتى.
گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى ئالماشتۇرۇش سۇبيېكتلىرىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتتى، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان كوناشەھەر ناھىيەسى، پەيزاۋات ناھىيەسى، بىڭتۇەن 3 - شىسىدىكى مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار، مۇنەۋۋەر ئاياللار ۋەكىللىرى، تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرى، بېيىش باشلامچىلىرى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى نەمۇنىچىلىرى، پارتىيەگە كىرىش ئاكتىپلىرى، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى قاتارلىقلارنى گۇاڭدۇڭغا بېرىپ ئېكسكۇرسىيە قىلىشقا تەشكىللەپ، بىرلىكتە جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملىدى.
چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇپ، بىر نىيەتتە ئارزۇنى روياپقا چىقىرىپ كەلگۈسىگە يۈزلەندى
19 ئۆلكە، شەھەرنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلىپ، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بىللە ئولتۇراقلىشىپ، بىللە ئۆگىنىپ، بىللە ئىشلەپ، بىللە كۆڭۈل ئېچىشىغا تۈرتكە بولۇنۇپ، ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش، ئىدىيە، ھېسسىيات جەھەتتىكى يۇغۇرۇلۇش چوڭقۇرلاشتى.
تارباغاتاي ۋىلايىتىدە، لياۋنىڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى 28 مىليون 630 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ، ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇش تۈرىدىن 72نى يولغا قويدى. قوماندانلىق ئىشتابى كۆۋرۈكلۈك، ۋاسىتىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەت ئاممىسىنىڭ ۋە ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ لياۋنىڭدا ئولتۇراقلىشىشى ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىشى، ئىگىلىك تىكلىشىگە يېتەكچىلىك قىلدى، قوللىدى ھەم ئۇلارنىڭ ئەمەلىي قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بەردى.
قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىدا، جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى «جياڭسۇدىكى دۆلەت كارخانىلىرى مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ قىزىلسۇ سەپىرى» پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش، «جەنۇبىي جياڭسۇ، قىزىلسۇ ئوبلاستىدىكى يېزا - بازارلارنىڭ ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىق مۇنبىرى» قاتارلىقلارنى ئۆتكۈزۈشكە تەشكىللەپ، قىزىلسۇ ئوبلاستىدىكى كارخانىلار، يېزا - بازاردىكى كادىرلار، ئاممىنىڭ تىجارەت ئىدىيەسىنى ئۆزگەرتىشىگە ياردەم بەردى.
شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى شەندۇڭ بىلەن شىنجاڭنىڭ ساياھەت ھەمكارلىق مېخانىزمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شەندۇڭ «قەشقەرنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى» ساياھەت كوپىراتىپى ئىتتىپاقى قۇرۇپ، «شەندۇڭلۇقلار قەشقەرنى ساياھەت قىلىش»«شىنجاڭلىقلار شەندۇڭنى ساياھەت قىلىش» كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، كىشىلەرنىڭ كەڭ دائىرىدە ئالماشتۇرۇشىنى ئىشقا ئاشۇردى.
ئالتاي ۋىلايىتىدە، جىلىن ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى قار - مۇز ئىقتىسادىنى يۇقىرى سۈپەتتە تەرەققىي قىلدۇرۇش سىناق رايونى بەرپا قىلىش خىزمىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، «تىرىشىپ 2022 - يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ پىدائىيلىرىدىن بولۇش» تەربىيەلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، 600 ئادەم قېتىم پىدائىي تەربىيەلىدى.
2020 - يىلى خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلىشىنىڭ ھالقىلىق جىددىي پەيتىدە، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، بىڭتۇەن 5 - شىسىدىكى كادىرلار، ئامما خۇبېيغا سۇندۇرۇپ ھېسابلىغاندا 20 مىليون يۈەندىن ئاشىدىغان ماددىي ئەشيا ئىئانە قىلىپ، خەتەرلىك پەيتتە ئىككى جايدىكى ئاممىنىڭ ئۆزئارا ياردەم بېرىپ، ۋاقىتلىق قىيىنچىلىقلارنى ئورتاق يېڭىشتەك چوڭقۇر دوستلۇقىنى نامايان قىلدى.