تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى بويىچە مەركەز 10 - يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسى شىنجاڭدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، يېتەكچىلىك قىلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى

شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى 7 - ئاينىڭ 8 - كۈنىدىن 18 - كۈنىگىچە، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى بويىچە مەركەز 10 - يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى ۋېي داپېڭ يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنى باشلاپ، شىنجاڭغا كېلىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، يېتەكچىلىك قىلدى. تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش مەزگىلىدە، يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئاپتونوم رايوننىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرى تۇرۇشلۇق پارتىيە ياچېيكىلىرىنىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى بويىچە مەخسۇس تېمىلىق تەشكىلىي تۇرمۇش يىغىنىغا سىرتتىن قاتنىشىپ ھەم ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست ۋە بىڭتۇەننىڭ قىسمەن شى، شەھەرلىرىگە چوڭقۇر چۆكۈپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، يېتەكچىلىك قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ كەڭ دائىرىلىك كېڭەيتىلىشىگە، چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلىشىغا تۈرتكە بولدى.

ئۈرۈمچى شەھىرىدە، يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسى 8 - ئارمىيەنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ئىش بېجىرىش ئورنى خاتىرە سارىيىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى، شىنجاڭ داشۆسىگە كېلىپ نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلىدى؛ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىدا، يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسى خوشۇت ناھىيەسىدىكى مالەن ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقى، خېجىڭ ناھىيەسىدىكى شىنشىڭ جىخۇا كىيىم - كېچەك كەسىپلەر باغچىسى، باغراش ناھىيەسىنىڭ بۇمبۇت بازىرى شىنبوخۇ كەنتى پارتىيە تارىخى سارىيى، كورلا شەھىرىدىكى «ئۈچ دەريانى تۇتاشتۇرۇش» كەپىلىك رايونلارنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى نەق مەيدانى قاتارلىق جايلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى بويىچە مەخسۇس تېمىدا تەربىيەلىنىش ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، ماتېرىيال كۆرۈش، سىن كۆرۈش، نەق مەيداندا ھەيدەكچىلىك قىلىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئىگىلىدى، تۈرگە ئايرىپ يېتەكچىلىك قىلدى؛ ئاقسۇ ۋىلايىتىدە، يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى - مۇزېي يۇرتى(مۇزېي)، ئاقسۇ شەھىرىنىڭ ئىگەرچى يېزىسى باغچى كەنتى، كۆكيار خاتىرە سارىيى قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، خىزمەتچى خادىملار، پارتىيە ئەزالىرى، ئامما بىلەن يۈزتۇرا پىكىر ئالماشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئەھۋاللارنى ئىگىلىدى.

ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىدا، يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسى غۇلجا شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى، كۈنەس ناھىيەسى نارات بازىرى ئارشاڭ كەنتى، قورغاس شەھىرى چېگرا قوغدىغۇچىلار چوڭ ئەترىتى قاتارلىق جايلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىشقا يېتەكچىلىك قىلدى ھەم «1 - ئىيۇل ئوردېنى»غا ئېرىشكۈچى، غۇلجا ناھىيەسىنىڭ ئونيار بازىرى بۇلۇكەي كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ سابىق شۇجىسى مەمەتجان ئۆمەرنى يوقلاپ ھال سورىدى؛ بىڭتۇەندە، يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسى شىنجاڭ گۇەننۇڭ گورۇڭ پاي چەكلىك شىركىتى، 1 - شى 11 - تۇەنى، 1 - شى ئارال شەھىرى 359 - لۈسىدىكى بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش خاتىرە سارىيى، تارىم داشۆسىنىڭ مەكتەپ تارىخى سارىيى قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، «مەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» تېمىسىدىكى ئەمەلىيەت پائالىيىتىنىڭ ئاساسىي قاتلامدا جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈش، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈش ئەھۋالى، قىزىل بايلىقتىن پايدىلىنىپ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەپسىلىي ئىگىلىدى.

ۋېي داپېڭ شىنجاڭنىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىدە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجە - ئۈنۈمىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى ھەم كېيىنكى قەدەمدىكى خىزمەتلەرگە قارىتا تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ ھەم ئۇنى ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى بىر تۈرلۈك مۇھىم، زور سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ يادرولۇق مەزمۇنى قىلىپ، «تۆت تارىخ» تەشۋىقات تەربىيەسى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ ئىچكى خاس مەزمۇنىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىپ، سۈپەت ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك؛ پارتىيە تارىخىنى مەخسۇس تېمىدا ئۆگىنىش - تەربىيەلەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تەشۋىق قىلىش، لېكسىيە سۆزلەشنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، مەخسۇس تېمىلىق تەشكىلىي تۇرمۇش يىغىنىنى ياخشى ئېچىپ، باش شۇجىنىڭ «1 - ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنىڭ كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئېلىشى، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك؛ قىزىل بايلىقلارنى ئېچىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشنى سىجىل ياخشى تۇتۇپ، قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىپ، قىزىل ھېكايىلەرنى ياخشى سۆزلەپ، قىزىل تومۇرنى داۋاملاشتۇرۇپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى ئارقىلىق جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان قۇدرەتلىك مەنىۋى كۈچ شەكىللەندۈرۈش كېرەك؛ «مەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» تېمىسىدىكى ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، دىققەتنى ئامما «ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، ئەنسىرەۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان» مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئەمەلىي ئىش، ياخشى ئىشلارنى ياخشى قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك؛ ھەر مىللەت ياشلارنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىدىكى ياشلاردىن كۈتكەن سەمىمىي ئۈمىدىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، شەخسنىڭ غايە ئىنتىلىشىنى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىغا سىڭدۈرۈپ، دەۋرگە يۈز كېلىپ، ياشلىق باھارىغا يۈز كېلىپ، جان تىكىپ كۈرەش قىلىپ، تىرىشىپ ۋەتەن قۇرۇلۇشىنىڭ ياراملىق ئىختىساسلىقلىرىغا ئايلىنىشقا تەربىيەلەش، يېتەكلەش كېرەك؛ مۇقىملىق، تەرەققىياتتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش، ئىدىيەنى ئۆزلەشتۈرۈش، ئەمەلىي ئىش قىلىش، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، تىرىشىپ يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن تيەن ۋېن، دوۋ ۋەنگۇي، چيۇ شۇخۇا قاتارلىقلار قىسمەن تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش پائالىيەتلىرىگە قاتناشتى.

(ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يەنفاڭ، بايىنغولىن ئوبلاستى مۇخبىرلار پونكىتىدىن جاڭ خۇيجياڭ، ياڭ شياۋدۇڭ، ئاقسۇ مۇخبىرلار پونكىتىدىن ۋۇ جىپىڭ، ئىختىيارىي مۇخبىرلار لى شىنئەن، جاۋ جۈن)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.