شىنخۇا ئاگېنتلىقى تەپسىلىي خەۋەر تارقاتتى
«مەنىۋى مەنبە مەنىۋى بەلگە − جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھىنىڭ ئىلھامى بىلەن»
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 - ئاينىڭ 19 - كۈنى تېلېگراممىسىغا ئاساسلانغان شىنخۇا ئاگېنتلىقى 7 - ئاينىڭ 19 - كۈنى «مەنىۋى مەنبە مەنىۋى بەلگە − جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھىنىڭ ئىلھامى بىلەن» ناملىق تەپسىلىي خەۋەرنى تارقاتتى.
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى يەتكۈچە ئازاب - ئوقۇبەت چەككەن بولسىمۇ، نېمە ئۈچۈن ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملىشالىدى؟ 100 يىللىق مۇساپىنى باشتىن كەچۈرگەن بولسىمۇ، نېمە ئۈچۈن جاسارىتى ئۇرغۇپ تۇرىدۇ؟
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نەزەرى غايەت زور پاراخوتنىڭ يولغا چىققان ۋاقتىغا قايتا تاشلاندى:
«100 يىل ئىلگىرى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پېشۋالىرى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى قۇرۇپ، ھەقىقەتتە چىڭ تۇرىدىغان، غايىسىنى قەتئىي ساقلايدىغان، ئەسلىي مەقسەتنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىدىغان، بۇرچنى زىممىگە ئالىدىغان، قۇربان بېرىشتىن قورقمايدىغان، باتۇرلۇق بىلەن كۈرەش قىلىدىغان، پارتىيەگە سادىق بولغان، خەلقنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويمايدىغان ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھىنى شەكىللەندۈردى، بۇ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەنىۋى مەنبەسى».
ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى: ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھى خۇددى بىر پارچە ئۇل تاشتەك 100 يىلدىن بۇيانقى پارتىيە ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى، ئىلگىرىلىشىدىن ئىبارەت ھەيۋەتلىك بىناغا تىرەك بولۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئەزەلدىن بار بولغان قىزىل گېنىغا، باشقا ھەرقانداق سىياسىي پارتىيەنىڭكىگە ئوخشىمايدىغان مەنىۋى بەلگىسىگە ئايلاندى.
ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھى خۇددى چوغقا ئوخشاش جىڭگاڭشەندىكى ئۇچقۇنلارنى، ئۇزۇن سەپەر يولىدىكى لاۋۇلداپ يېنىپ تۇرغان مەشئەللەرنى، باۋتا تېغىدىكى چاقناپ تۇرغان قىزىل يۇلتۇزلارنى ياندۇردى... مەشئەلنى ئەۋلادمۇئەۋلاد يەتكۈزۈپ، جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ مەنىۋى شەجەرىسىنى بەرپا قىلدى.
ماقالىدە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ئۇلۇغ ئەمەلىيەت ئۇلۇغ روھنى يېتىلدۈرىدۇ، ئۇلۇغ روھ ئۇلۇغ ئەمەلىيەتنى ۋۇجۇدقا چىقىرىدۇ. ئەۋلادمۇئەۋلاد جۇڭگو كوممۇنىستلىرى دۆلەت ۋە خەلقنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن، ئالدىنقىلارنىڭ ئىزىنى كېيىنكىلەر بېسىپ، ئىسسىق قېنى بىلەن غايىسىنى سۇغاردى، ھاياتىنى ئائىلە دۆلەتكە بېغىشلىدى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ روھىي جەھەتتىن قەددىنى رۇسلىشىدىكى ئۇمۇرتقىسى بولدى، مەدەنىي قەدىمىي دۆلەت شانلىق يېڭى ھاياتلىقنى كۈتۈۋالدى.
ماقالە بەش قىسىمغا بۆلۈنگەن: 100 يىللىق يولدا، جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ ئېتىقاد ئىستىكى ئىزچىل داۋاملاشتى، باشتىن - ئاخىر ھەقىقەتتە چىڭ تۇردى، غايىسىنى قەتئىي ساقلىدى؛ 100 يىللىق يولدا، جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ سىياسىي خىسلىتى ئىزچىل داۋاملاشتى، باشتىن - ئاخىر ئەسلىي مەقسەتنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، بۇرچنى زىممىگە ئالدى؛ 100 يىللىق يولدا، جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ قەيسەر ئىرادىسى ئىزچىل داۋاملاشتى، باشتىن - ئاخىر قۇربان بېرىشتىن قورقماي، باتۇرلۇق بىلەن كۈرەش قىلدى؛ 100 يىللىق يولدا، جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ ئېسىل ئىستىلى ئىزچىل داۋاملاشتى، باشتىن - ئاخىر پارتىيەگە سادىق بولۇپ، خەلقنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويمىدى؛ 100 يىلدا مەشئەل ئەۋلادمۇئەۋلاد يەتكۈزۈلدى، 100 يىلدا ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ يېڭىلىنىشلار بولدى، ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھى مۇقەررەر پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ ئارزۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش يولىدا ئالغا ئىلگىرىلىشىدىكى قۇدرەتلىك كۈچنى ئۇرغۇتىدۇ.
ماقالىدە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: مىڭ يىللىق ئۇلۇغۋار ئىشلاردا، 100 يىل پەقەت مۇقەددىمە. 1921 - يىلىدىن 2021 - يىلىغىچە، يەنە 2035 - يىلىغىچە، مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە... جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى جۇڭگو خەلقىنى يېتەكلەپ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىش نىشانىغا قاراپ توختىماي ئالغا ئىلگىرىلەپ، مۇقەررەر ھالدا يېڭى مەنىۋى ئۇلۇغ كۈچ بىلەن يېڭى دەۋر سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقىدۇ، مۇقەررەر ھالدا يېڭى ئۇلۇغ غەلىبە بىلەن يېڭى مەنىۋى ئابىدىنى تىكلەيدۇ.
سىكاننېرلاپ مەخسۇس تېمىلىق ماقالىلەرنى كۆرۈڭ