تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

«ئۇلۇغ مەنىۋى مەنبە، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان قۇدرەتلىك كۈچ − ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھى توغرىسىدا»

شىنخۇا ئاگېنتلىقى «جۇڭخۇالۈن» ماقالىسىنى تارقاتتى

«ئۇلۇغ مەنىۋى مەنبە، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان قۇدرەتلىك كۈچ − ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھى توغرىسىدا»

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 - ئاينىڭ 18 - كۈنى تېلېگراممىسىغا ئاساسلانغان 7 - ئاينىڭ 18 - كۈنى شىنخۇا ئاگېنتلىقى «جۇڭخۇالۈن» ماقالىسىنى تارقاتتى، تېمىسى «ئۇلۇغ مەنىۋى مەنبە، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان قۇدرەتلىك كۈچ − ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھى توغرىسىدا».

«100 يىل ئىلگىرى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پېشۋالىرى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى قۇرۇپ، ھەقىقەتتە چىڭ تۇرىدىغان، غايىسىنى قەتئىي ساقلايدىغان، ئەسلىي مەقسەتنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىدىغان، بۇرچنى زىممىگە ئالىدىغان، قۇربان بېرىشتىن قورقمايدىغان، باتۇرلۇق بىلەن كۈرەش قىلىدىغان، پارتىيەگە سادىق بولغان، خەلقنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويمايدىغان ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھىنى شەكىللەندۈردى، بۇ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەنىۋى مەنبەسى».

2021 - يىلى 7 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، بېيجىڭ تيەنئەنمېن مەيدانى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى، 95 مىليوندىن ئارتۇق پارتىيە ئەزاسى، 1 مىليارد 400 مىليوندىن ئارتۇق جۇڭگو خەلقىنىڭ قەلبىدە ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ كېيىنكىلەرگە يول ئاچىدىغان، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيدىغان قۇدرەتلىك كۈچنى ئۇرغۇتتى.

ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى: 32 خەتكە 100 يىللىق كۈرەش مۇجەسسەملىنىپ، تارىخنىڭ چىن مەنىسى ئېچىپ بېرىلدى. بۇ بىر ئۇلۇغ ماركسىزملىق سىياسىي پارتىيەنىڭ مەنىۋى تارىخىي داستانى، بۇ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ تارىخنى ئەينەك قىلىپ، كەلگۈسىنى يارىتىشتىكى مەردانە خىتابنامىسى.

ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھىغا قارىتا تاللاپ چىقىپ يەكۈنلەپ ۋە چوڭقۇر ئىزاھلاپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەنىۋى مەنبەسى ۋە باشلىنىش نۇقتىسىنى شەرھلەپ بەردى، ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھىنىڭ تارىخىي ئەھمىيىتى ۋە دەۋر قىممىتىنى ئېچىپ بەردى، پارتىيەنىڭ تارىخى، پارتىيەنىڭ ئەنئەنىسى، پارتىيەنىڭ روھىنى چوڭقۇر بايان قىلىشنى مەركەزلىك گەۋدىلەندۈردى. بۇ، بىر قېتىملىق مۇھىم، زور نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىش، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ بېيىتىلىشى ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈلۈشى بولۇپ، پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرىنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولۇشتا مۇھىم، زور ۋە چوڭقۇر، ئۇزاق ئەھمىيەتكە ئىگە.

ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھىنىڭ ئىدىيەسى مۇپەسسەل، ئىچكى خاس مەزمۇنى مول، مەنىسى چوڭقۇر، ئۇزاق، ئۇ تۆت تەرەپتىن ھەم نىسپىي مۇستەقىل بولغان، ھەر قايسىسىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى بار بولغان، ھەم زىچ باغلانغان، ئۆزئارا يۇغۇرۇلغان، ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇلغان، بىر - بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ئورگانىك گەۋدە بولۇپ، 100 يىللىق پارتىيە تارىخىنىڭ باش تېمىسى ۋە ئاساسىي لىنىيەسى، ئاساسىي ئېقىمى ۋە ماھىيىتىنى تولۇق گەۋدىلەندۈردى، «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش»تىن ئىبارەت ماركسىزملىق سىياسىي پارتىيەنىڭ بۇ ماھىيەتلىك تەلىپىنى تولۇق گەۋدىلەندۈردى.

ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى: «ھەقىقەتتە چىڭ تۇرۇش، غايىنى قەتئىي ساقلاش» ئىدىيە قاتلىمىدىن پارتىيەمىزنىڭ ئىدىيەسى ئىلغار، ئېتىقادى مۇستەھكەم بولۇشتەك ئۆزگىچە ئەۋزەللىكىنى ئېچىپ بەردى؛ «ئەسلىي مەقسەتنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش، بۇرچنى زىممىگە ئېلىش» ئەمەلىيەت قاتلىمىدىن پارتىيەمىز ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان تارىخىي مەسئۇلىيەتچانلىق ۋە پۈتمەس - تۈگىمەس ئالغا ئىلگىرىلەش ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئېچىپ بەردى؛ «قۇربان بېرىشتىن قورقماسلىق، باتۇرلۇق بىلەن كۈرەش قىلىش» مەنىۋى قاتلامدىن پارتىيەمىزنىڭ ئىرادىسىنىڭ كۈچلۈكلۈكى، يېڭىلمەس قۇدرەتلىك كۈچىنى ئېچىپ بەردى؛ «پارتىيەگە سادىق بولۇش، خەلقنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويماسلىق» قىممەت قاتلىمىدىن پارتىيەمىزنىڭ ئومۇم ئۈچۈن پارتىيە قۇرۇش، خەلققە رىشتە باغلاشتەك ئالىيجاناب پەزىلىتىنى ئېچىپ بەردى.

ماقالىدە مۇنۇلار تەكىتلەندى: كۆككە تاقاشقان دەرەخنىڭ يىلتىزى بولۇر، ئون مىڭ چاقىرىملىق دەريانىڭ مەنبەسى بولۇر. ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھى پارتىيە قۇرۇش، پارتىيەنى گۈللەندۈرۈش، پارتىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنىڭ مەنىۋى باشلىنىش نۇقتىسى، ئىدىيەۋى ئاساسىي نۇقتىسى، جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ مەنىۋى شەجەرىسىنىڭ مەنبەسى ۋە ئاساسى، يىلتىزى ۋە روھى. ئېتىقاد نۇرى ئارقىلىق كۈرەش يولىنى يورۇتۇپ، گۈللىنىش ئىرادىسى ئارقىلىق قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملەپ، ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھى بىزنى ئۇلۇغ گۈللىنىش نىشانىغا قاراپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشكە رىغبەتلەندۈرىدۇ!

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.