تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش

كەسىپلەر ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولدى، كىرىمنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈردى

    7-ئاينىڭ 16-كۈنى، قىزىلسۇ ئوبلاستى جياڭسۇ كەسىپلەر باغچىسى−ئاتۇش كۇنشەن كەسىپلەر باغچە رايونىدا، قىزىلسۇ ئوبلاستى ۋېيلەي توقۇمىچىلىق پەن-تېخنىكا گۇرۇھ چەكلىك شىركىتىنىڭ خىزمەتچىلىرى يىپ ئېگىرىش سېخىدا مەشغۇلات قىلماقتا. بۇ شىركەت 2020-يىلى كەسىپلەر باغچىسىغا ماكانلىشىپ، ئاتۇش شەھىرىدە يۇقىرى ئۆلچەملىك توقۇمىچىلىق كارخانىسى يوق بولۇشتەك بوشلۇقنى تولدۇردى، بۇ ھەم جياڭسۇ كۇنشەننىڭ ئاتۇش شەھىرىگە نىشانلىق ياردەم بېرىش بويىچە سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش خىزمىتىنىڭ تېز سۈرئەتلىك يولغا كىرگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. (جەي رۇزېڭ فوتوسى) 
    7-ئاينىڭ 15-كۈنى، جىڭ سانائەت باغچە رايونىغا جايلاشقان جىڭ ناھىيەسى چۇشىن يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ خىزمەتچىلىرى يىپ ئېگىرىش سېخىدا مەشغۇلات قىلماقتا. بۇ كارخانا خۇبېينىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان كارخانىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، 190 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ قۇرغان 100 مىڭ ئۇرچۇقلۇق يىپ ئېگىرىش ئىشلەپچىقىرىش تۈرىنىڭ ھەممىسى تولۇق تاماملىنىپ، شۇ جايدىكى 150تىن ئارتۇق ئەمگەك كۈچىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى. (ما دۇڭچياڭ فوتوسى) 
    7-ئاينىڭ 15-كۈنى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 5-شىسى قوشئۆگۈز شەھىرىگە جايلاشقان قوشئۆگۈز ئېلېكتىرونلۇق سودا مەركىزى كۆرگەزمە زالىدا، ساياھەتچىلەر تاۋارلارنى تاللاپ سېتىۋالماقتا. بۇ ئېلېكتىرونلۇق سودا مەركىزىنى خۇبېي ئۆلكىسى 24 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ ياردەم بېرىپ قۇرغان، تور ۋە تور سىرتى ئارقىلىق خۇبېي ئۆلكىسى ۋە قوشئۆگۈز شەھىرىنىڭ داڭلىق، ئەلا سۈپەتلىك مەھسۇلاتلىرىنى مەركەزلىك نامايان قىلغان بولۇپ، بۇ يىل 7-ئاينىڭ 1-كۈنى رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن. شۇ جايدىكى نۇرغۇن ئىشلەپچىقىرىش كارخانىسى، دېھقان-چارۋىچىلار ھەمكارلىق كوپىراتىپى ئاكتىپلىق بىلەن ئېلېكتىرونلۇق سودا مەركىزىدە «دېھقان ئائىلىسى + ھەمكارلىق كوپىراتىپى + كارخانا + ئېلېكتىرونلۇق سودا» يېڭى ئەندىزىسى ئارقىلىق ئۆمەك شەكلىدە تەرەققىي قىلدى. (خۇ ۋېيبىن فوتوسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئەخەت مىجىت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.