شەۋكەت ئىمىن ئاددىي پارتىيە ئەزاسىلىق سالاھىيىتى بىلەن ئۆزى تۇرۇشلۇق پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى بويىچە مەخسۇس تېمىلىق تەشكىلىي تۇرمۇش يىغىنىغا قاتناشتى
پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئىلغارلىقى، ساپلىقىنى باشتىن - ئاخىر ساقلاش كېرەك
ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لياڭ لىخۇا خەۋەر قىلىدۇ: 7 - ئاينىڭ 12 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇدىر شەۋكەت ئىمىن ئاددىي پارتىيە ئەزاسىلىق سالاھىيىتى بىلەن ئۆزى تۇرۇشلۇق ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئىشخانىسى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى بويىچە مەخسۇس تېمىلىق تەشكىلىي تۇرمۇش يىغىنىغا قاتنىشىپ، پارتىيە ياچېيكىسى ئەزالىرى بىلەن بىرلىكتە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىپ، ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھىنىڭ چوڭقۇر ئىچكى خاس مەزمۇنى ۋە دەۋر قىممىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، غايە - ئېتىقادنى چىڭىتىپ، پارتىيەنىڭ ئاساسىي مەقسىتىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسەتتى.
يىغىندا، ياچېيكىدىكى پارتىيە ئەزالىرى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى چۆرىدەپ، دىققەتنى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش، ئىدىيەنى ئۆزلەشتۈرۈش، ئەمەلىي ئىش قىلىش، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئۆگىنىش تەسىراتىنى ئالماشتۇردى؛ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ نىشان - تەلىپى بويىچە، ئۆزىنىڭ ئىدىيەسى ۋە خىزمەت ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈپ، كۆزىتىپ، تېپىپ چىقىپ، ئىدىيەۋى مەنبەسىنى تەھلىل قىلىپ، تۈزىتىش تەدبىرلىرىنى ئايدىڭلاشتۇردى.
كۆپچىلىكنىڭ سۆزىنى ئەستايىدىل ئاڭلىغاندىن كېيىن، شەۋكەت ئىمىن سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىدە ئۇلۇغ كۈرەش، ئۇلۇغ قۇرۇلۇش، ئۇلۇغ ئىش، ئۇلۇغ ئارزۇ تۇتاشتۇرۇلغان، چوڭقۇر ئىستراتېگىيەلىك تەپەككۇر، كۈچلۈك تارىخىي مەسئۇلىيەتچانلىق، سەمىمىي خەلقچىللىق ھېسسىياتى نامايان قىلىنغان بولۇپ، بۇ، ماركسىزملىق پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەت، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاشتىكى سىياسىي خىتابنامىسى، پارتىيەمىزنىڭ خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، تارىخنى ئەينەك قىلىپ، كەلگۈسىنى يارىتىشتىكى ھەرىكەت كۆرسەتمىسى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى مۇھىم، زور سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي چۈشىنىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئۆگىنىش نەتىجىلىرىنى يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش، يېڭى دەۋردە تۆھپە يارىتىشتىكى ئەمەلىي ھەرىكەتكە ھەقىقىي ئايلاندۇرۇش كېرەك.
شەۋكەت ئىمىن مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ جەڭگىۋار قورغانلىق رولى ۋە پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئاۋانگارتلىق، نەمۇنىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتى، مول ئىچكى خاس مەزمۇنى، يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنى، ئەمەلىيەت تەلىپىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈش ۋە ئىگىلەشكە تەربىيەلەپ، يېتەكلەپ، ھەقىقىي تۈردە چوڭقۇر ئۆگىنىپ تولۇق ئۆزلەشتۈرۈش، كاللىغا، قەلبكە سىڭدۈرۈش، ھەقىقىي ئۆگىنىپ ھەقىقىي بىلىش، ھەقىقىي ئىشىنىپ ھەقىقىي ئىشلىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى پۇرسەت بىلىپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇپ، پارتىيەنىڭ ئىلغارلىقى، ساپلىقىنى باشتىن - ئاخىر ساقلاش كېرەك. خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئاڭلىق ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، «مەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» تېمىسىدىكى ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، خەلق ئۈچۈن بەخت يارىتىش ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق كوممۇنىستلارنىڭ «مەن ئۆزۈمنى ئۇنتۇغان ھالدا ئىشلەپ، خەلقنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويمايمەن» دەيدىغان ئالىيجاناب مۇھەببىتىنى شەرھلەش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن چىقارغان ئۇلۇغ چاقىرىقىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، تىرىشىپ پارتىيە ۋە خەلق ئۈچۈن تېخىمۇ زور شان - شەرەپ كەلتۈرۈش كېرەك.
شەۋكەت ئىمىن مۇنداق كۆرسەتتى: ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى دائىمىي كومىتېتنىڭ مەركىزىي خىزمىتىنى زىچ چۆرىدەپ، مەسلىھەتچى - ياردەمچى بولۇش، بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەيدەكچىلىك قىلىش ۋە يۈرۈشتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىشتەك فۇنكسىيەلىك رولىنى زىممىسىگە ئالغان. بايرىقىمىز روشەن ھالدا سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىپ، سىجىل تۈردە نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىش ۋە ئىستىل قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تىرىشىپ شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشى كېرەك.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى بويىچە 12 - سەييارە يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسى يىغىنغا كېلىپ يېتەكچىلىك قىلدى.