تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئۆگىنىش نەتىجىسىنى مۇقىملىق، تەرەققىيات خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇش كېرەك

چېن چۈەنگو قەشقەر ۋىلايىتىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئۆگىنىش نەتىجىسىنى مۇقىملىق، تەرەققىيات خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇش كېرەك

7 - ئاينىڭ 14 - كۈنىدىن 15 - كۈنىگىچە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو قەشقەر ۋىلايىتىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. سۈرەتتە: 7 - ئاينىڭ 14 - كۈنى چېن چۈەنگو قەشقەر كۆكتات كەسىپلەر باغچىسىغا كېلىپ، باغچە رايونىنىڭ يىرىك پىلان قۇرۇلۇشى، ئىشقا ئورۇنلىشىش، كىرىمنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش قاتارلىق ئەھۋاللىرىنى تەپسىلىي ئىگىلىمەكتە. □ ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: 7 - ئاينىڭ 14 - كۈنىدىن 15 - كۈنىگىچە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو قەشقەر ۋىلايىتىگە بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، غايە - ئېتىقادنى چىڭىتىپ، پارتىيەنىڭ ئاساسىي مەقسىتىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، «14 - بەش يىل»دا ئىشنى ياخشى باشلاش، قەدەمنى ياخشى ئېلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

چېن چۈەنگو ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ كونا شەھەر ناھىيەسىنىڭ توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك كەسىپلەر شەھەرچىسى، قەشقەر كۆكتات كەسىپلەر باغچىسى، قەشقەر مەززىلىك نان مەدەنىيەت باغچىسىغا كېلىپ، كارخانا مەسئۇللىرى، ھەر مىللەت خىزمەتچىلەر ۋە ئامما بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئىشلەپچىقىرىش - تىجارەت، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇش، كىرىمنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئىگىلىدى. چېن چۈەنگو مۇنداق تەكىتلىدى: خاس، ئەۋزەل كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈپ، زورايتىپ، ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كەسىپلەرنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ ئاممىنىڭ ئۆز جايىدا، يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلىشىشى، كىرىمنى سىجىل، مۇقىم ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، كېڭەيتىپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

قەشقەر ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونى ۋە يوپۇغا سانائەت باغچە رايونىدا، چېن چۈەنگو باغچە رايونىنىڭ يىرىك پىلان قۇرۇلۇشى، تىجارەت باشقۇرۇش، سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش ۋە كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت، مەھسۇلات تەتقىق قىلىش - ئېچىش قاتارلىق ئەھۋاللىرىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، دۆلەتنىڭ ئېتىبار سىياسەتلىرىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، رايون ئورنى ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، تىجارەت باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، مۇلازىمەت كاپالىتىنى تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن ياخشى قىلىپ، تەسىر كۆرسىتىش، تۈرتكە بولۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، تۈرلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش كېرەك. چېن چۈەنگو كارخانىلارنى ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچەيتىپ، تىرىشىپ ئەلالاشتۇرۇپ، زورايتىپ، شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇشقا ئىلھاملاندۇردى.

چېن چۈەنگو يېڭىشەھەر ناھىيەسىنىڭ بارىن يېزىسى يۇقارقى بارىن كەنتى كەنت ئاھالىلەر كومىتېتىغا كېلىپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى، ئاساسىي قاتلام بازا قۇرۇلۇشى، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئىگىلىدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ياخشى ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «تۆت تارىخ» تەشۋىقات تەربىيەسىنى كەڭ كۆلەمدە قانات يايدۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىدىكى ئەمەلىي ئىش، ياخشى ئىشلارنى چىن قەلب، پۈتۈن ھېسسىيات، پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى قىلىش كېرەك. چېن چۈەنگو كەنت يەسلىسىدە بالىلارنىڭ ئۆگىنىش، يېمەك - ئىچمەك ۋە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مائاش تەمىنات ئەھۋالىنى كۆڭۈل بۆلۈپ سورىدى، ئوقۇتقۇچىلارنى بالىلارنى سۆيۈپ، ئىش ئورنىنى قەدىرلەپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىنى تىرىشىپ ياخشى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈشكە ئىلھاملاندۇردى. چېن چۈەنگو يەنە دېھقان پارتىيە ئەزاسى تۇراجى مامۇتنىڭ ئۆيىگە كېلىپ، بىر ئائىلە كىشىلىرى بىلەن ھويلىدا ئولتۇرۇپ پاراڭلاشتى، ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش، ئائىلە كىرىمى، پەرزەنتلىرىنى تەربىيەلەش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئەھۋاللارنى تەپسىلىي ئىگىلەپ، ئۇلارنى پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، كۈنلىرىنى كۈنسايىن ياخشى ئۆتكۈزۈشكە ئىلھاملاندۇردى.

چېن چۈەنگو تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلەردە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىشتىن ئۇرغۇغان قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچنى مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىش، ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىشتىكى ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇپ، مۇقىملىق، تەرەققىياتتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى پۇختا، چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ يادرولۇق مەزمۇنى قىلىپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ ئىچكى خاس مەزمۇنىنى يەنىمۇ بېيىتىپ، كېڭەيتىپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا كۈچەپ تۈرتكە بولۇپ، مەۋقەنى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قويۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇپ، 1 -، 2 -، 3 - كەسىپنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، «تۆتنى توختاتماسلىق»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قايتا نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش بويىچە كۆزىتىش - ئۆلچەش ۋە ياردەم بېرىش - يۆلەش تۈزۈم - مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېزا - كەنت قۇرۇلۇشى ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى ياخشىلاپ، دېھقانلارنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىشنى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. خەلق تۇرمۇشىنى زوركۈچ بىلەن كاپالەتلەندۈرۈپ، ياخشىلاپ، خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، مائارىپ، داۋالاش، ئىجتىمائىي كاپالەت قاتارلىقلارنى مۇھىم نۇقتا قىلغان خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشلىرىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك. ئېچىۋېتىشنى قەتئىي تەۋرەنمەي كېڭەيتىپ، سىرتقا ئېچىۋېتىش ۋاسىتىسىنى بېيىتىپ، سىرتقا ئېچىۋېتىش قاتلىمىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، ئوچۇق ئىقتىساد تۈزۈلمىسىدە يېڭىلىق يارىتىپ، ئىچكى قۇرۇقلۇقنى ئېچىۋېتىش ۋە چېگرا بويىنى ئېچىۋېتىش ئېگىزلىكى بەرپا قىلىش كېرەك. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى مۇستەھكەملەپ، كۈچەيتىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى بويىچە بەرپا قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش كېرەك. نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، جەمئىيەت مۇقىملىقى، يۇقۇمنىڭ دائىملىق ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئۈچۈن ياخشى مۇھىت يارىتىش كېرەك.

ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن لى نىڭپىڭ، مەڭلىك سىيىت قاتارلىقلار بىللە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.