تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

تىرىشىپ پارتىيە ۋە خەلق ئۈچۈن تېخىمۇ زور شان ـ شەرەپ كەلتۈرەيلى

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

□خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

«بارلىق جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئەزالىرى! پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى سىلەرنى ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، غايە ـ ئېتىقادنى چىڭىتىپ، پارتىيەنىڭ ئاساسىي مەقسىتىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، خەلق ئاممىسى بىلەن بولغان قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋەتنى مەڭگۈ ساقلاپ، باشتىن ـ ئاخىر خەلق ئويلىغاننى ئويلاپ، خەلق بىلەن بىللە ئىشلەپ، بوران ـ چاپقۇندا بىللە بولۇپ، جاپادىمۇ، ھالاۋەتتىمۇ بىللە بولۇپ، داۋاملىق تۈردە خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي تىرىشىپ، پارتىيە ۋە خەلق ئۈچۈن تىرىشىپ تېخىمۇ زور شان ـ شەرەپلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە چاقىرىق قىلىدۇ!»

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مەردانە ئىشەنچ، جۇشقۇن ئىرادە بىلەن، بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرغانلىقىمىزنى، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىققانلىقىمىزنى تەنتەنىلىك جاكارلىدى، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىدىغان ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا قاراپ قەدەم تاشلاش قەتئىي ئىرادىسىنى تەنتەنىلىك جاكارلىدى، تارىخنى ئەينەك قىلىپ، كەلگۈسىنى يارىتىشتىكى «توققۇز جەزمەن» تۈپ تەلىپىنى چوڭقۇر شەرھلەپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن بارلىق پارتىيە ئەزالىرىغا پارتىيە ۋە خەلق ئۈچۈن تېخىمۇ زور شان ـ شەرەپ كەلتۈرۈشتەك ئۇلۇغ چاقىرىقنى چىقىرىپ، پۈتۈن پارتىيەدىكى يولداشلارنى ۋەزىيەتكە تايىنىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشۇپ، داۋاملاشتۇرۇپ كۈرەش قىلىپ، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشتىن ئىبارەت ئۇلۇغ ئىش داۋامىدا پارتىيە ۋە خەلق ئۈچۈن تۆھپە قوشۇپ چوڭ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشقا ئىلھاملاندۇردى ۋە رىغبەتلەندۈردى. ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە، بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 ـ ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى بىر تۈرلۈك مۇھىم، زور سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، سۆزگە دىيالېكتىك ماتېرىيالىزملىق ۋە تارىخىي ماتېرىيالىزملىق دۇنيا قاراش، مېتودولوگىيە سىڭدۈرۈلگەنلىكىنى، ئۇنىڭ ماركسىزملىق پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەت، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاشتىكى سىياسىي خىتابنامىسى، پارتىيەمىزنىڭ خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، تارىخنى ئەينەك قىلىپ، كەلگۈسىنى يارىتىشتىكى ھەرىكەت كۆرسەتمىسى ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، سۆزنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتى، مول ئىچكى خاس مەزمۇنى، يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنى، ئەمەلىيەت تەلىپىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، ھەقىقىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى سۆزنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، يۈكسەك سىياسىي ئاڭلىقلىق بىلەن 100 يىللىق شانلىق تارىخنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھىنى تارقىتىپ، قۇدرەتلىك جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، يېڭى مۇساپىدە يېڭى، تېخىمۇ زور مۆجىزىلەرنى يارىتىشىمىز كېرەك.

100 يىل جاپالىق كۈرەش قىلىندى، 100 يىل ئازاب ـ ئوقۇبەتلەرنى يېڭىش ئارقىلىق، شانلىق نەتىجە يارىتىلدى. 100 يىل ئىلگىرى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغاندا ئاران 50 نەچچە پارتىيە ئەزاسى بار ئىدى، بۈگۈنكى كۈندە 95 مىليوندىن ئارتۇق پارتىيە ئەزاسىغا ئىگە بولغان، 1 مىليارد 400 مىليوندىن ئارتۇق نوپۇسى بار چوڭ دۆلەتكە رەھبەرلىك قىلىۋاتقان، مۇھىم، زور يەر شارىۋى تەسىر كۈچكە ئىگە بولغان دۇنيادىكى بىرىنچى چوڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان پارتىيەگە ئايلاندى. 100 يىل ئىلگىرى، جۇڭخۇا مىللىتى دۇنيانىڭ ئالدىدا زاۋاللىققا يۈزلىنىپ، خارابلاشقان كۆرۈنۈشتە نامايان بولغانىدى. بۈگۈنكى كۈندە، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ دۇنياغا نامايان قىلغىنى گۈللەپ ياشناۋاتقان كەيپىيات بولۇپ، توسۇۋالغىلى بولمايدىغان قەدەم بىلەن ئۇلۇغ گۈللىنىشكە قاراپ ئاتلانماقتا. ئۆتكەن 100 يىلدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى خەلققە، تارىخقا ئاجايىپ ئەلا جاۋاب قەغىزى تاپشۇردى. ھازىر، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى جۇڭگو خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، يەنە ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ يېڭى ئىمتىھانغا بېرىش يولىغا قەدەم قويدى. بېسىپ ئۆتكەن مۇساپىنى ئەسلەپ، ئالدىمىزدىكى سەپەرگە نەزەر سالساق، قەلبىمىز جۇشقۇنلۇققا تولىدۇ، چەكسىز ئىپتىخارلىق تۇيغۇسىغا چۆمۈلىمىز! يېڭى مۇساپىدە ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، گۈزەل كەلگۈسى يارىتىشتا، بىز تېخىمۇ قەتئىيلىككە، تېخىمۇ ئاڭلىقلىققا ئىگە! مەۋقەنى «ئىككى چوڭ ۋەزىيەت»كە قويۇپ، «دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى»نى قەلبكە پۈكۈپ، يېڭى دەۋرنىڭ ئىمتىھان قەغىزىگە ياخشى جاۋاب بېرىشتە، بىز تېخىمۇ سەگەكلىككە، تېخىمۇ ئىشەنچكە ئىگە!

يېڭى ئىمتىھانغا بېرىش يولىدا تىرىشىپ پارتىيە ۋە خەلق ئۈچۈن تېخىمۇ زور شان ـ شەرەپ كەلتۈرۈشتە، قەتئىي بوشاشماي شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق كاللىنى قوراللاندۇرۇپ، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىپ، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇپ، ماركسىزمنىڭ ھەقىقەت نۇرى ئارقىلىق ئىلگىرىلەش يولىمىزنى يورۇتۇپ، ئېتىقاد، ئەقىدە، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، مەڭگۈ پارتىيەگە ئىشىنىپ، پارتىيەنى سۆيۈپ، پارتىيە ئىشلىرى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇپ، ئۆز خىزمەت ئورنىمىزدا قەيسەرانە ئېلىشىپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە يۈكسەك غايە ئۈچۈن كۈرەش قىلىش ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىشىمىز كېرەك؛ ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى چىڭ ساقلاپ، خەلقنىڭ مەيدانىدا، خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، خەلقنى بەختكە ئېرىشتۈرۈش ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق كوممۇنىستلارنىڭ «مەن ئۆزۈمنى ئۇنتۇغان ھالدا ئىشلەپ، خەلقنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويمايمەن» دېگەن ئالىيجاناب مۇھەببىتىنى شەرھلەپ، ئىرادىدىن يانماي جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىش كېرەك؛ ئىنقىلابنى ئاداققىچە ئېلىپ بېرىش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، كوممۇنىستلارنىڭ مەنىۋى تومۇرىنى داۋاملاشتۇرۇپ، كۈرەش قىلىش روھىنى كۈچەيتىپ، كۈرەش قىلىش ماھارىتىنى ئۆستۈرۈپ، بارلىق خەۋپ ـ خەتەر، خىرىسلارنى باتۇرلۇق بىلەن يېڭىش كېرەك؛ ئۆزى ئۈستىدە ئۈزۈل ـ كېسىل ئىنقىلاب قىلىش روھىنى داۋاملىق ئەۋج ئالدۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئىلغارلىقىنى ئاجىزلاشتۇرىدىغان، پارتىيەنىڭ ساپلىقىغا زىيان يەتكۈزىدىغان بارلىق مەسىلىلەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىپ، كوممۇنىستلارنىڭ سىياسىي خىسلىتىنى مەڭگۈ ساقلاپ، پارتىيەمىزنىڭ ئۆزىنى ساپلاشتۇرۇش، ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئۆزىنى يېڭىلاش، ئۆزىنى يۈكسەلدۈرۈش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك. ئىلگىرىلەش يولىدا، پارتىيەنىڭ كۈرەش مۇساپىسى ۋە ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلىرى ئارقىلىق كۈرەش ئىرادىسىگە ئىلھام بېرىپ، يۆنىلىشنى كۆرسىتىپ، پارتىيەنىڭ شەرەپلىك ئەنئەنىسى ۋە ئېسىل ئىستىلى ئارقىلىق ئېتىقادنى چىڭىتىپ، كۈچنى مۇجەسسەملەپ، پارتىيەنىڭ تارىخىي تەجرىبىلىرى ۋە ئەمەلىيەت ئىجادىيىتى ئارقىلىق ئەقىل ـ پاراسەتنى ئۇرغۇتۇپ، پەزىلەتنى تاۋلاپ، ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئېچىپ، يول ئېچىپ ئالغا ئىلگىرىلىسەكلا، بىز چوقۇم ئىنقىلابىي قۇربانلار قان تۆكۈپ قۇربان بېرىپ قولغا كەلتۈرگەن قىزىل ھاكىمىيەتنى ياخشى ساقلاپ، ياخشى قۇرۇپ، ئىنقىلابىي ئەجدادلارنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويمايدىغان، تارىخ ۋە خەلققە يۈز كېلەلەيدىغان يېڭى نەتىجىلەرنى يارىتالايمىز.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مىڭ يىللىق ئۇلۇغۋار ئىشلىرى ئۈچۈن ئىرادە باغلىدى، 100 يىل دەل جاسارەت ئۇرغۇغان دەۋر بولدى!» بىز كۈرەش قىلىش ئارقىلىق، توسالغۇلارنى سۈپۈرۈپ تاشلاپ، كۈرمىڭلىغان تاغ ـ دەريالارنى بېسىپ ئۆتتۇق. بىز يەنە داۋاملىق كۈرەش قىلىپ، باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلەپ، تېخىمۇ شانلىق نەتىجىلەرنى يارىتىشىمىز كېرەك. يول ئۇزۇن، كۈرەش داۋاملىشىدۇ. پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، مەڭگۈ كۈرەش قىلىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىدە، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا قاراپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىغا قاراپ باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلىشى كېرەك.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 ـ ئاينىڭ 13 ـ كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.