تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

يېڭى مۇساپىدە، جەزمەن پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىش كېرەك

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

□خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

«باتۇرلۇق بىلەن ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ باشقا سىياسىي پارتىيەلەردىن پەرقلىنىدىغان روشەن بەلگىسى.» جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ: «100 يىل ئىلگىرى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغاندا ئاران 50 نەچچە پارتىيە ئەزاسى بار ئىدى، بۈگۈنكى كۈندە 95 مىليوندىن ئارتۇق پارتىيە ئەزاسىغا ئىگە بولغان، 1 مىليارد 400 مىليوندىن ئارتۇق نوپۇسى بار چوڭ دۆلەتكە رەھبەرلىك قىلىۋاتقان، مۇھىم، زور يەر شارىۋى تەسىر كۈچكە ئىگە بولغان دۇنيادىكى بىرىنچى چوڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان پارتىيەگە ئايلاندى» دەپ كۆرسىتىپ، «تارىخنى ئەينەك قىلىپ، كەلگۈسىنى يارىتىشتا، جەزمەن پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىش كېرەك» دەپ تەكىتلىدى.

باتۇرلۇق بىلەن ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش، پارتىيەنى قاتتىق باشقۇرۇش، پارتىيەنى قاتتىق ئىدارە قىلىش پارتىيەمىزنىڭ ئەڭ روشەن خىسلىتى. پارتىيەمىزنىڭ 100 يىللىق ئىسسىق ـ سوغۇق، قار ـ يامغۇر، 100 يىللىق كۈچلۈك دولقۇندا تاۋلىنىپ، قىيىنچىلىقلارنى باشتىن كەچۈرگەن بولسىمۇ يەنىلا ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملىشىشى، جاسارىتىنىڭ يەنىلا ئۇرغۇپ تۇرۇشى، ئارقا ـ ئارقىدىن قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، ئارقا ـ ئارقىدىن غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈشىدىكى ئاچقۇچ پارتىيە ئۆزىنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى باشتىن ـ ئاخىر بوشاشتۇرمىغانلىقىدا، جەمئىيەت ئىنقىلابىغا تۈرتكە بولۇش بىلەن بىللە، ئۆزى ئۈستىدە ئۈزۈل ـ كېسىل ئىنقىلاب قىلغانلىقىدا. خۇددى باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭقۇر قىلىپ كۆرسەتكەندەك: «پارتىيەمىزنىڭ قايتا ـ قايتا تاۋلىنىشنى باشتىن كەچۈرۈپ كۆتۈرەڭگۈ روھلۇق بولۇشىدىكى بىر ناھايىتى مۇھىم سەۋەب − بىزنىڭ باشتىن ـ ئاخىر پارتىيە ئۆزىنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۆزىمىز ھەرقايسى تارىخىي مەزگىللەردە دۇچ كەلگەن خەۋپ ـ خەتەر، سىناقلارغا ئۈزلۈكسىز ياخشى تاقابىل تۇرۇپ، پارتىيەمىزنىڭ دۇنيا ۋەزىيىتىدە چوڭقۇر ئۆزگىرىش بولۇۋاتقان تارىخىي مۇساپىدە باشتىن ـ ئاخىر دەۋرنىڭ ئالدىدا مېڭىپ، دۆلەت ئىچى ـ سىرتىدىكى تۈرلۈك خەۋپ ـ خەتەر، خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇش تارىخىي مۇساپىسىدە باشتىن ـ ئاخىر پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ يۆلەنچۈكىگە ئايلىنىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلغانلىقىمىزدا!» پارتىيەنىڭ خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش، ئىسلاھات ئېلىپ بارغان ئەمەلىيىتى قاچان پارتىيەمىز ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇپ كۈچەيسە، شۇ چاغدا پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرىنىڭ توختاۋسىز ئالغا ئىلگىرىلەپ ھەممىدە غەلىبە قىلالايدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بەردى. پارتىيە قۇرۇلۇشىنى بىر تۈرلۈك ئۇلۇغ قۇرۇلۇش سۈپىتىدە ئالغا سىلجىتىش پارتىيەمىزنىڭ بىر چوڭ ئىجادىيىتى، پارتىيەمىزنىڭ خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ ئۇلۇغ جەمئىيەت ئىنقىلابى قىلىشتىكى مۇھىم ئەڭگۈشتەرى.

جۇڭگونىڭ ئىشلىرىنى ياخشى قىلىشنىڭ ئاچقۇچى پارتىيەدە، ئاچقۇچى پارتىيە ئۆزىنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇشتا. يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ ئۇلۇغ جەمئىيەت ئىنقىلابىنى ياخشى قىلىشتا، پارتىيەمىز جەزمەن باتۇرلۇق بىلەن ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىپ، پارتىيەنى تېخىمۇ قۇدرەتلىك، كۈچلۈك قىلىپ قۇرۇپ چىقىشى كېرەك. شۇنى جەزمەن كۆرۈش كېرەككى، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش پارتىيەمىزگە مىسلى كۆرۈلمىگەن يېڭى خىرىس، يېڭى تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى، پارتىيەنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىدا يەنە ماس كەلمەيدىغان، ئۇيغۇن كەلمەيدىغان بەزى جايلار مەۋجۇت. پارتىيەمىزنىڭ 100 يىللىق چوڭ پارتىيە بولۇش سۈپىتى بىلەن، قانداق قىلغاندا ئىلغارلىقى ۋە ساپلىقىنى مەڭگۈ ساقلىيالىشى، ياشلىق ھاياتىي كۈچىنى مەڭگۈ ساقلىيالىشى، قانداق قىلغاندا مەڭگۈ خەلقنىڭ ھىمايىسى ۋە قوللىشىغا ئېرىشەلىشى، قانداق قىلغاندا ئۇزاق مۇددەت ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشنى ئىشقا ئاشۇرالىشى بىز جەزمەن ياخشى جاۋاب بېرىشكە، ياخشى ھەل قىلىشقا تېگىشلىك بىر تۈپ خاراكتېرلىك مەسىلە. پەقەت دادىللىق بىلەن پىچاقنىڭ بىسىنى ئۆزىگە قارىتىپ، دادىللىق بىلەن سۆڭەكنى قىرىپ يارىنى داۋالاپ، دادىللىق بىلەن كەسكىن ئىش كۆرگەندىلا، ئاندىن ئۆزى باشتىن ـ ئاخىر قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدۇ، باشتىن ـ ئاخىر دەۋرنىڭ ئاۋانگارتى، مىللەتنىڭ تۈۋرۈكى بولالايدۇ، باشتىن ـ ئاخىر ماركسىزملىق ھاكىمىيەت يۈرگۈزگۈچى پارتىيە بولالايدۇ. يېڭى دەۋردە، پارتىيەمىز جەزمەن پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشى ئارقىلىق پارتىيە خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ ئېلىپ بارغان ئۇلۇغ جەمئىيەت ئىنقىلابىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك. پارتىيە 19 ـ قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا: «پارتىيەنى باشتىن ـ ئاخىر دەۋرنىڭ ئالدىدا ماڭىدىغان، خەلق چىن دىلىدىن ھىمايە قىلىدىغان، باتۇرلۇق بىلەن ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىدىغان، تۈرلۈك بوران ـ چاپقۇننىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان، جۇشقۇن ھاياتىي كۈچكە تولغان ماركسىزملىق ھاكىمىيەت يۈرگۈزگۈچى پارتىيە قىلىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك» دەپ تەكىتلەندى، بۇ، ھەم پارتىيەمىزنىڭ خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ ئۇلۇغ جەمئىيەت ئىنقىلابى ئېلىپ بېرىشىدىكى ئوبيېكتىپ تەلەپ، شۇنداقلا پارتىيەمىزنىڭ ماركسىزملىق سىياسىي پارتىيەنى قۇرۇش ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىنىڭ ئىچكى ئېھتىياجى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «يېڭى مۇساپىدە، بىز بازغانچىنىڭ بېلى جەزمەن چىڭ بولۇشى كېرەك، دېگەن داۋلىنى ئېسىمىزدە چىڭ ساقلاپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ دەيدىغان سىياسىي ئاڭلىقلىقنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش يېتەكچى قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيەنىڭ تەشكىلىي سىستېمىسىنى ئۈزلۈكسىز چىڭىتىپ، ئەخلاقلىق ھەم قابىلىيەتلىك، يۇقىرى ساپالىق كادىرلار قوشۇنىنى كۈچەپ قۇرۇپ، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئالغا سىلجىتىپ، قەتئىي تۈردە پارتىيەنىڭ ئىلغارلىقى ۋە ساپلىقىغا زىيان يەتكۈزىدىغان بارلىق ئامىللارنى تازىلاپ، پارتىيەنىڭ ساغلام ئورگانىزمىنى چىرىتىدىغان بارلىق ۋىرۇسلارنى تازىلاپ، پارتىيەنىڭ سۈپىتى ئۆزگەرمەسلىك، خىسلىتى ئۆزگەرمەسلىك، خاراكتېرى ئۆزگەرمەسلىككە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشىمىز، پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش تارىخىي مۇساپىسىدە باشتىن ـ ئاخىر كۈچلۈك رەھبەرلىك يادروسى بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك!» پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۈزۈل ـ كېسىل ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش روھىنى داۋاملىق ئەۋج ئالدۇرۇپ، «ئىمتىھانغا بېرىش» سەگەكلىكىنى ساقلاپ، پارتىيەنىڭ ئىلغارلىقىنى ئاجىزلاشتۇرىدىغان، پارتىيەنىڭ ساپلىقىغا زىيان يەتكۈزىدىغان بارلىق مەسىلىلەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىپ، پارتىيەنىڭ ئۆزىنى پاكلاشتۇرۇش، ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئۆزىنى يېڭىلاش، ئۆزىنى يۈكسەلدۈرۈشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي رەھبەرلىك ئىقتىدارى، ئىدىيەۋى يېتەكچىلىك ئىقتىدارى، ئاممىنى تەشكىللەش ئىقتىدارى، جەمئىيەتكە قارىتا چاقىرىق قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، پارتىيە بىلەن خەلق ئاممىسىنىڭ قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋىتىنى مەڭگۈ ساقلىغاندا، پارتىيەمىز چوقۇم تولۇپ تاشقان ھاياتىي كۈچى ۋە كۈچلۈك جەڭگىۋارلىقىنى مەڭگۈ ساقلاپ، خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدىكى بارلىق خەۋپ ـ خەتەر، خىرىسلار ئۈستىدىن غالىب كېلىپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە يېڭى، ئۇلۇغ غەلىبىلەرنى قولغا كەلتۈرەلەيدۇ.

پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇش ئۇلۇغ كۈرەش، ئۇلۇغ ئىشلارغا يېتەكچىلىك قىلىپ، ئاخىرىدا ئۇلۇغ ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ تۈپ كاپالىتى. يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشى ئارقىلىق يېڭى ئۇلۇغ جەمئىيەت ئىنقىلابىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيەنى تېخىمۇ قۇدرەتلىك، كۈچلۈك قىلىپ قۇرۇپ چىقساقلا، جۇڭگو خەلقىنىڭ ئۇلۇغ ئارزۇسى يۈكلەنگەن پاراخوت چوقۇم دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلەپ، غەلىبىسېرى پارلاق مەنزىلگە قاراپ يۈرۈش قىلىدۇ!

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 ـ ئاينىڭ 12 ـ كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合曼

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.