تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

يېڭى مۇساپىدە، جەزمەن جۇڭخۇا ئوغۇل - قىزلىرىنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش كېرەك

​− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

□خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

«ۋەتەنپەرۋەرلىك بىرلىك سېپى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەملىكەت ئىچى - سىرتىدىكى بارلىق جۇڭخۇا ئوغۇل - قىزلىرىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم ئەڭگۈشتەرى.» جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ 100 يىلدىن بۇيان جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ جۇڭگو خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ ياراتقان ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن ئەسلەپ، «تارىخنى ئەينەك قىلىپ، كەلگۈسىنى يارىتىشتا، جەزمەن جۇڭخۇا ئوغۇل - قىزلىرىنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش كېرەك» دەپ تەكىتلىدى.

جۇڭگو خەلقى ئۇلۇغ ئىتتىپاقلىق روھىغا ئىگە خەلق. نەچچە مىڭ يىللىق تارىخ ئېقىنىدا، جۇڭگو خەلقى باشتىن - ئاخىر بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، جاپا - مۇشەققەتتە بىللە بولدى، بولۇپمۇ يېقىنقى زاماندىن كېيىن، سىرتنىڭ تاجاۋۇزچىلىقى ۋە بالايىئاپەت ئېغىر بولغان كەسكىن ۋەزىيەتتە، دۆلىتىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلق قولنى قولغا تۇتۇشۇپ، مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ، قەھرىمانلارچە كۈرەش قىلىپ، قان كېچىپ جاسارەت بىلەن جەڭ قىلىپ، بارلىق ئەڭ قەبىھ تاجاۋۇزچىلارنى مەغلۇپ قىلىپ، مىللەتنىڭ مۇستەقىللىقى ۋە ئەركىنلىكىنى قوغداپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ۋەتەننى قوغداش، چەت ئەلنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا تاقابىل تۇرۇشتىكى سەلتەنەتلىك تارىخىي داستانىنى ئورتاق يېزىپ چىقتى. 100 يىلدىن بۇيان، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى جۇڭگو خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، ئۇلۇغ يول ئاچتى، ئۇلۇغ تۆھپىلەرنى قوشۇپ چوڭ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقاردى، ئۇلۇغ روھنى تاۋلىدى، قىممەتلىك تەجرىبىلەرنى توپلىدى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تەرەققىيات تارىخى ۋە ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىيات تارىخىدا سەلتەنەتلىك سەھىپىنى پۈتۈپ چىقتى. باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭقۇر قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: «100 يىللىق كۈرەش مۇساپىسىدە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى باشتىن - ئاخىر بىرلىك سەپنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، ئەڭ كەڭ بىرلىك سەپنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئىتتىپاقلىشىشقا بولىدىغان بارلىق كۈچلەر بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ، قوزغىتىشقا بولىدىغان بارلىق ئاكتىپ ئامىللارنى قوزغىتىپ، ئورتاق كۈرەش قىلىدىغان كۈچلەرنى ئەڭ زور چەكتە مۇجەسسەملىدى.» ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، بىرلىك سەپ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ كىشىلەر قەلبىنى ئۇيۇشتۇرىدىغان، كۈچنى مۇجەسسەملەيدىغان سىياسىي ئەۋزەللىكى ۋە ئىستراتېگىيەلىك فاڭجېنى بولۇپ، ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش، ئىسلاھات ئىشلىرىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشتىكى مۇھىم ئەڭگۈشتەرى، پارتىيەنىڭ سىنىپىي ئاساسىنى كۈچەيتىش، پارتىيەنىڭ ئاممىۋى ئاساسىنى كېڭەيتىش، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئورنىنى مۇستەھكەملەشتىكى مۇھىم ئەڭگۈشتەرى، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم ئەڭگۈشتەرى.

ئىتتىپاقلىق − تۆمۈر، ئىتتىپاقلىق − پولات، ئىتتىپاقلىق − كۈچ. ئىتتىپاقلىق جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدىكى بارلىق خەۋپ - خەتەر، خىرىسلار ئۈستىدىن غالىب كېلىشى، ئۈزلۈكسىز تۈردە غەلىبىدىن يېڭى غەلىبىگە قاراپ ئىلگىرىلىشىنىڭ مۇھىم كاپالىتى. 100 يىللىق كۈرەش مۇساپىسىنى ئەسلەپ ئۆتسەك، بىز شۇنى چوڭقۇر تونۇپ يەتتۇقكى، ئىتتىپاقلاشقان، بىرلىككە كەلگەن جۇڭخۇا مىللىتى مەملىكەت ئىچى - سىرتىدىكى جۇڭخۇا ئوغۇل - قىزلىرىنىڭ ئورتاق يىلتىزى، مول، چوڭقۇر مەزمۇنلۇق جۇڭخۇا مەدەنىيىتى مەملىكەت ئىچى - سىرتىدىكى جۇڭخۇا ئوغۇل - قىزلىرىنىڭ ئورتاق روھى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش مەملىكەت ئىچى - سىرتىدىكى جۇڭخۇا ئوغۇل - قىزلىرىنىڭ ئورتاق ئارزۇسى. ئورتاق يىلتىز بىزنى چوڭقۇر مۇھەببەتكە ئىگە قىلدى، ئورتاق روھ بىزنى قەلبداش قىلدى، ئورتاق ئارزۇ بىزنى بىر نىيەت، بىر مەقسەتكە ئىگە قىلدى، ۋەتەنپەرۋەرلىك، سوتسىيالىزم بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئۈزلۈكسىز يېتىلدۈرۈپ ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، باشتىن - ئاخىر جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلغان ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرغاندىلا، بىز چوقۇم پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ مەنىۋى يۇرت - ماكانىنى ياخشى قۇرۇپ، جۇڭخۇا ئوغۇل - قىزلىرىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيدىغان، توختاۋسىز ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان ئىدىيە ئاساسىنى مۇستەھكەملەپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تەرەققىياتىنىڭ دەۋر يېڭى سەھىپىسىنى ئورتاق پۈتۈپ چىقالايمىز.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «يېڭى مۇساپىدە، بىز جەزمەن بۈيۈك ئىتتىپاقلىق، بۈيۈك بىرلىشىشتە چىڭ تۇرۇپ، بىردەكلىك بىلەن كۆپ خىللىقنىڭ بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىدىيەۋى - سىياسىي يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، ئورتاق تونۇشنى كەڭ دائىرىدە مۇجەسسەملەپ، پۈتۈن دۇنيادىكى ئىختىساسلىقلارنى كەڭ دائىرىدە توپلاپ، تىرىشىپ ئەڭ چوڭ ئورتاقلىق ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئەڭ چوڭ مەركەزداش چەمبەر سىزىپ، مەملىكەت ئىچى - سىرتىدىكى بارلىق جۇڭخۇا ئوغۇل - قىزلىرى بىر نىيەتتە ئويلاپ، بىر مەقسەتتە كۈچ چىقىرىدىغان جانلىق ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈرۈپ، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ قۇدرەتلىك كۈچىنى مۇجەسسەملىشىمىز كېرەك!» بۈگۈنكى دۇنيا 100 يىلدىمۇ كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىنى باشتىن كەچۈرۈۋاتىدۇ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئاچقۇچلۇق مەزگىلدە تۇرۇۋاتىدۇ. نىشانغا قانچە يېقىنلاشقانسېرى، ۋەزىيەت قانچە مۇرەككەپلەشكەنسېرى، ۋەزىپە قانچە مۈشكۈل بولغانسېرى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىكىنىڭ سىياسىي ئەۋزەللىكى ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ تۈزۈم ئەۋزەللىكىنى شۇنچە جارى قىلدۇرۇپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئەقىل - پاراسىتى ۋە كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، مەملىكەت ئىچى - سىرتىدىكى جۇڭخۇا ئوغۇل - قىزلىرى بىر نىيەتتە ئويلاپ، بىر مەقسەتتە كۈچ چىقىرىدىغان قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىشنىڭ ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا قاراپ ئاتلاندۇق، بىز پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەرمىللەت خەلقنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنى مۇستەھكەملەپ، ھەرقايسى پارتىيە - گۇرۇھلار، ھەرقايسى تەشكىلاتلار، ھەرقايسى مىللەتلەر، ھەرقايسى قاتلاملار ھەمدە ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىپ، دۆلەتنىڭ بىرلىكى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنى قەتئىي قوغداپ، بارلىق خەلقنىڭ ئەقىل - پاراسىتى ۋە كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ ئىجاد قىلىش ھاياتىي كۈچى ۋە تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى قوزغىتىپ، بارلىق جۇڭخۇا ئوغۇل - قىزلىرىنىڭ ھەممە بىر نىيەتتە بولۇپ، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشىدىن ئېتىلىپ چىققان ھەيۋەتلىك كۈچنى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇشىمىز كېرەك. جۇڭگو خەلقىنىڭ تېخىمۇ گۈزەل تۇرمۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا قاراپ ئىلگىرىلەش قەدىمىنى توسۇپ قالغىلى بولمايدۇ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشكە قاراپ مېڭىشتىكى تارىخ قەدىمىنى توسۇپ قالغىلى بولمايدۇ!

سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش يېڭى مۇساپىسى باشلىنىپ، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا يۈرۈش قىلىشنىڭ بۇرغىسى چېلىندى. بۇ، جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭخۇا مىللىتى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيدىغان يېڭى دەۋر، جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ يېڭى شانلىق سەھىپىسىنى پۈتىدىغان ئۇلۇغ دەۋر! جۇڭگو خەلقىنىڭ ھەربىر ئەزاسى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ھەربىر ئەزاسى مۇشۇنداق بىر ئۇلۇغ دەۋردە تۇرۇۋاتقانلىقىدىن پەخىرلىنىشى، ئىپتىخارلىنىشى كېرەك! بىر نىيەتتە جۇڭگو ئارزۇسىنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرىدىغان، قول تۇتۇشۇپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيدىغان يېڭى دەۋردىكى يېڭى ئۇزۇن سەپەر يولىدا، جۇڭخۇا ئوغۇل - قىزلىرىنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىپ، ئەڭ كەڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك بىرلىك سېپىنى مۇستەھكەملەپ ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇپ، داۋاملىق بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىپ، بوران - چاپقۇنغا قارىماي ئالغا ئىلگىرىلىگەندىلا، بىز چوقۇم ئىنسانىيەتنىڭ ئۇلۇغ ۋاقىت تارىخىدا داۋاملىق جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ تارىخىي ۋاقتىنى يارىتالايمىز!

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 - ئاينىڭ 11 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.