تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

يېڭى مۇساپىدە، جەزمەن نۇرغۇن يېڭى تارىخىي ئالاھىدىلىككە ئىگە ئۇلۇغ كۈرەش ئېلىپ بېرىش كېرەك

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

□ خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

«ئۇلۇغ ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن قەيسەرلىك بىلەن جان تىكىپ ئېلىشىش، بوشاشماي كۈرەش قىلىش كېرەك.» جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ «بۈگۈنكى كۈندە، بىز جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش نىشانىغا تارىختىكى ھەرقانداق مەزگىلدىكىدىن تېخىمۇ يېقىنلاشتۇق، تېخىمۇ ئىشەنچىمىز ۋە ئىقتىدارىمىز بار، شۇنىڭ بىلەن بىللە، جەزمەن تېخىمۇ مۈشكۈل، تېخىمۇ جاپالىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە تەييارلىق قىلىشىمىز كېرەك» دەپ كۆرسەتتى، «تارىخنى ئەينەك قىلىپ، كەلگۈسىنى يارىتىشتا، جەزمەن نۇرغۇن يېڭى تارىخىي ئالاھىدىلىككە ئىگە ئۇلۇغ كۈرەش ئېلىپ بېرىشىمىز كېرەك» دەپ تەكىتلىدى.

پارتىيەمىز دۆلەت ئىچىدە ئەنسىزلىك، تاشقى پاراكەندىچىلىك بولۇۋاتقان، مىللەت خەۋپ - خەتەر، قىيىنچىلىق ئىچىدە قالغان پەيتتە دۇنياغا كەلگەن، دۇنياغا كېلىشى بىلەنلا كۈرەش قىلىش تامغىسى بېسىلغان، باسقان ھەربىر قەدىمىدە كۈرەش ئىچىدىن ھاياتلىق تاپقان، تەرەققىي قىلغان، غەلىبىگە ئېرىشكەن. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى قۇرۇش، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنى قۇرۇش، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى يولغا قويۇش، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ ھەممىسى كۈرەش قىلىش داۋامىدا بارلىققا كەلگەن، كۈرەش قىلىش داۋامىدا تەرەققىي قىلغان، كۈرەش قىلىش داۋامىدا زورايغان. 100 يىلدىن بۇيان، دەل ئىزچىل ئەمەل قىلىدىغان كۈرەش روھىدا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەمىز خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، ئۇلۇغ يول ئېچىپ، ئۇلۇغ تۆھپە يارىتىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تەرەققىيات تارىخى، ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ ئىلگىرىلەش تارىخىدا كىشىلەر يېڭىچە نەزەر بىلەن قارايدىغان مۆجىزىلەرنى يارىتىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئورنىدىن دەس تۇرۇش، بېيىشتىن قۇدرەت تېپىشقىچە بولغان ئۇلۇغ ھالقىشىنى كۈتۈۋالدى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئارقىغا ياندۇرغىلى بولمايدىغان تارىخىي مۇساپىگە قەدەم قويدى. 100 يىلدىن بۇيان، تۈرلۈك قىيىنچىلىق، خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇش داۋامىدا، پارتىيەمىز كۈچلۈك دۈشمەندىن قورقماسلىق، خەۋپ - خەتەردىن قورقماسلىق، كۈرەش قىلىشقا جۈرئەت قىلىش، غەلىبە قىلىشقا جۈرئەت قىلىش جاسارىتى ۋە پەزىلىتىنى تاۋلىدى. خۇددى باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭقۇر كۆرسىتىپ ئۆتكەندەك: «كۈرەش قىلىشقا جۈرئەت قىلىش، غەلىبە قىلىشقا جۈرئەت قىلىش جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ يېڭىلمەس قۇدرەتلىك مەنىۋى كۈچى».

پارتىيەمىز كۈرەش قىلىشقا تايىنىپ بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەن، شۇنداقلا مۇقەررەر ھالدا كۈرەش قىلىشقا تايىنىپ كەلگۈسىنى قولغا كەلتۈرىدۇ. بۈگۈنكى دۇنيا 100 يىلدىمۇ كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىنى باشتىن كەچۈرۈۋاتىدۇ، دۆلىتىمىز جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئاچقۇچلۇق مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ. باش شۇجى شى جىنپىڭ قايتا - قايتا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى ھەرگىزمۇ ئاسانلا، داقا - دۇمباق چېلىش بىلەنلا ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدىغان ئىش ئەمەس، ئۇلۇغ ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن جەزمەن ئۇلۇغ كۈرەش ئېلىپ بېرىش كېرەك. ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدا بىز دۇچ كېلىدىغان خەۋپ -خەتەر، سىناقلار پەقەت بارغانسېرى مۇرەككەپلىشىدۇ، ھەتتا تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز دەھشەتلىك دولقۇنغا دۇچ كېلىمىز. بىز دۇچ كەلگەن تۈرلۈك كۈرەشلەر قىسقا مۇددەتلىك بولماستىن، بەلكى ئۇزاق مۇددەتلىك، ھېچ بولمىغاندا ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا ھەمراھ بولىدۇ. پۈتۈن پارتىيە بۇ ئۇلۇغ كۈرەشنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىكلىكى، مۇرەككەپلىكى، مۈشكۈللۈكىنى تولۇق تونۇپ، كۈرەش قىلىش روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، كۈرەش قىلىش ماھارىتىنى ئۆستۈرۈپ، خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ ئېغىر، زور خىرىسقا ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇپ، ئېغىر، زور خەۋپ - خەتەرگە تاقابىل تۇرۇپ، ئېغىر، زور توسالغۇلارنى يېڭىپ، ئېغىر، زور زىددىيەتلەرنى ھەل قىلىپ، ئۇلۇغ كۈرەشنىڭ يېڭى غەلىبىسىنى ئۈزلۈكسىز قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «يېڭى مۇساپىدە، بىز جەزمەن كۈلپەت ئېڭىنى كۈچەيتىپ، باشتىن - ئاخىر خاتىرجەم شارائىتتىمۇ خەۋپ - خەتەرنى ئويلاپ، ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، تەرەققىيات ۋە بىخەتەرلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىش ئىستراتېگىيەلىك پۈتۈن ۋەزىيىتى ۋە دۇنيادا 100 يىلدىمۇ كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، دۆلىتىمىز جەمئىيىتىدىكى ئاساسلىق زىددىيەت ئۆزگىرىشى ئېلىپ كەلگەن يېڭى ئالاھىدىلىك، يېڭى تەلەپنى چوڭقۇر تونۇپ، چىگىش، مۇرەككەپ خەلقئارا مۇھىت ئېلىپ كەلگەن يېڭى زىددىيەت، يېڭى خىرىسلارنى چوڭقۇر تونۇپ، كۈرەش قىلىشقا جۈرئەت قىلىپ، كۈرەش قىلىشقا ماھىر بولۇپ، تاغقا يولۇققاندا يول ئېچىپ، سۇغا يولۇققاندا كۆۋرۈك سېلىپ، باتۇرلۇق بىلەن بارلىق خەۋپ - خەتەر، خىرىسلار ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشىمىز كېرەك!» ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدا، ئومۇمەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى ۋە دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىزم تۈزۈمىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان تۈرلۈك خەۋپ - خەتەر، خىرىسلار، ئومۇمەن دۆلىتىمىزنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئىتىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان تۈرلۈك خەۋپ - خەتەر، خىرىسلار، ئومۇمەن دۆلىتىمىزنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتى ۋە مۇھىم، زور پىرىنسىپلىرىغا خەۋپ يەتكۈزىدىغان تۈرلۈك خەۋپ - خەتەر، خىرىسلار، ئومۇمەن دۆلىتىمىز خەلقىنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان تۈرلۈك خەۋپ - خەتەر، خىرىسلار، ئومۇمەن دۆلىتىمىزنىڭ «ئىككىنچى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا خەۋپ يەتكۈزىدىغان تۈرلۈك خەۋپ - خەتەر، خىرىسلار يېتىپ كەلسىلا، بىز جەزمەن قىلچە تەۋرەنمەي، قىلچە چېكىنمەي، تاكى غەلىبىنى قولغا كەلتۈرگىچە قەتئىي كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك. بىزنىڭ كاللىمىز ئالاھىدە سەگەك بولۇشى، مەيدانىمىز ئالاھىدە مۇستەھكەم بولۇشى، توغرا بولغان كۈرەش قىلىش يۆنىلىشىنى پۇختا ئىگىلەپ، تۈرلۈك مۇھىم، زور كۈرەش، سىناقلار ئالدىدا «لەيلەپ يۈرگەن بۇلۇتنىڭ كۆزنى توسۇۋېلىشىدىن قورقماسلىق» «بوران - چاپقۇن ئالدىدا تەمكىن تۇرۇش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز كېرەك. پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىدىن ئىبارەت بۇ مۇھىم تۈگۈن نۇقتىنى تۇتۇپ، نۇرغۇن يېڭى تارىخىي ئالاھىدىلىككە ئىگە ئۇلۇغ كۈرەشنى چىقىش قىلىپ، پارتىيەنىڭ ئوخشاش بولمىغان تارىخىي مەزگىلدە خەۋپ - خەتەر، خىرىسلارغا مۇۋەپپەقىيەتلىك تاقابىل تۇرۇشتىكى مول تەجرىبىلىرىنى يەكۈنلەپ، قوللىنىپ، خېلى ئۇزاققىچە تاشقى مۇھىتنىڭ ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرىدىغان ئىدىيەۋى تەييارلىق ۋە خىزمەت تەييارلىقىنى ياخشى قىلىپ، خەۋپ - خەتەرگە تاقابىل تۇرۇش، خىرىسنى كۈتۈۋېلىش، خەۋپ - خەتەرنى بىخەتەرلىككە ئايلاندۇرۇش ئىقتىدار، سەۋىيەمىزنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، كۈرەش ئىرادىمىزنى چىڭىتىپ، جاسارەتلىك بولۇپ، دادىللىق بىلەن ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، قەيسەرلىك بىلەن جەڭ قىلىپ، غەلىبە قىلالايدىغان بولۇشىمىز كېرەك!

ئويمان - دۆڭلەرنى تۈزلەپ داغدام يول ئېچىش، خەۋپ - خەتەرلەرنى يېڭىپ يەنە يولغا چىقىش. بۈگۈن، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش يېڭى مۇساپىسى باشلىنىپ، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا يۈرۈش قىلىش بۇرغىسى چېلىندى. خاتىرجەم شارائىتتىمۇ خەۋپ - خەتەرنى ئويلايدىغان سىياسىي سەگەكلىك، ئۇيۇل تاشتەك مۇستەھكەم ئىستراتېگىيەلىك ئىرادە، باتۇرانە كۈرەش قىلىدىغان جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش ھالىتى ئارقىلىق، باتۇرلۇق بىلەن ئېلىشىپ، قىيىنچىلىقلارغا قارشى ئىلگىرىلەپ، ھۇجۇم بىلەن مۇھىم ئۆتكەلنى ئىگىلەپ، شەھەرگە ھۇجۇم قىلىپ ئىستىھكامنى ئالساقلا، چوقۇم ئىلگىرىلەش يولىمىزدىكى تۈرلۈك جاپا - مۇشەققەت، خەۋپ - خەتەر ۋە توسالغۇ ئۈستىدىن غالىب كېلەلەيمىز، «جۇڭگو ناملىق» غايەت زور پاراخوت چوقۇم داۋاملىق دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلەپ، يەلكەن چىقىرىپ يىراققا سەپەر قىلالايدۇ!

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 - ئاينىڭ 10 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.