تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

پۈتۈن شىنجاڭدا يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش قىزغىن دولقۇنىنى تېزدىن قوزغاشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بويىچە مەخسۇس تېمىدا لېكسىيە سۆزلەش خىزمىتىگە سەپەرۋەر قىلىش، ئورۇنلاشتۇرما قىلىش يىغىنى ئاچتى

پۈتۈن شىنجاڭدا يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش قىزغىن دولقۇنىنى تېزدىن قوزغاشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك

ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يەنفاڭ خەۋەر قىلىدۇ: 7 - ئاينىڭ 12 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بويىچە مەخسۇس تېمىدا لېكسىيە سۆزلەش خىزمىتىگە سەپەرۋەر قىلىش، ئورۇنلاشتۇرما قىلىش يىغىنى ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، مەخسۇس تېمىدا لېكسىيە سۆزلەش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، پۈتۈن شىنجاڭدا يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش قىزغىن دولقۇنىنى تېزدىن قوزغاشقا تۈرتكە بولدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى تيەن ۋېن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: مەخسۇس تېمىدا لېكسىيە سۆزلەشنى قانات يايدۇرۇش باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنىڭ ئاساسىي قاتلامغا يېتىپ بېرىشى، كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئېلىشىغا تۈرتكە بولۇشنىڭ تەخىرسىز ئېھتىياجى، كۈچلۈك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە بۇرچ تۇيغۇسى بىلەن مەخسۇس تېمىدا لېكسىيە سۆزلەش خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەش كېرەك. لېكسىيەنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى ئىگىلەپ، «1 - ئىيۇل»دا قىلىنغان مۇھىم سۆزنىڭ روھىنى زىچ چۆرىدەپ، سۆزنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتى، ئاساسلىق مەزمۇنى ۋە مول ئىچكى خاس مەزمۇنىنى ئومۇميۈزلۈك، دەل جايىدا، چوڭقۇر تەشۋىق قىلىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 100 يىللىق كۈرەش قىلىش شانلىق مۇساپىسى، ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلىرى، قىممەتلىك تەجرىبىلىرى ۋە ئەمەلىيەت ئىلھامىنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىپ، كەڭ پارتىيەلىك كادىرلار، ئاممىنى ھەقىقىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى مۇھىم سۆزنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈشكە يېتەكلەپ، يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش، يېڭى دەۋردە تۆھپە يارىتىشنىڭ قۇدرەتلىك كۈچىنى مۇجەسسەملەش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: بۇ قېتىمقى لېكسىيە سۆزلەشتە سىنلىق كەڭ كۆلەمدە لېكسىيە سۆزلەش شەكلى ئارقىلىق يۈرۈشلۈك مەخسۇس تېمىلىق لېكسىيە سۆزلەش، دوكلات بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدۇ. لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى بىر قەدەم ئالدىدا ئۆگىنىپ، بىر قاتلام چوڭقۇر ئۆگىنىپ، روھىي ماھىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئاممىباب، جانلىق تىلدىن پايدىلىنىپ، مەزمۇنى دەل جايىدا، ھېكايە خاراكتېرى كۈچلۈك، تەسىرلەندۈرۈش كۈچىگە باي لېكسىيە تېزىسى يېزىپ چىقىپ، لېكسىيە سۆزلەش ۋەزىپىسىنى يۇقىرى سۈپەتتە، يۇقىرى سەۋىيەدە ياخشى ئورۇندىشى كېرەك. ئالاقىدار مەسئۇل تارماقلار كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ، مەخسۇس تېمىدا لېكسىيە سۆزلەشنىڭ ئوڭۇشلۇق قانات يايدۇرۇلۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى ئورۇنلار ئاساسىي قاتلامغا يۈزلەنگەن، ئاممىغا يۈزلەنگەن ئوبيېكتلاشتۇرۇلغان، ئوبيېكتلىرى ئايرىلغان، ھەمتۈرتكىلەشكەن لېكسىيەنى كەڭ كۆلەمدە قانات يايدۇرۇپ، مۇھىم سۆزنىڭ روھىنىڭ كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئېلىشىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.