تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ يېتەكلەش، كاپالەتلەندۈرۈش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا تۈرتكە بولۇش

− پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى 23 - قېتىملىق پارتىيە ئىستىلى - پاكلىق تەربىيەسى ئېيى پائالىيىتىنى پۇختا قانات يايدۇردى

□ ئىختىيارىي مۇخبىر ۋۇ لى

يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرىدىن بۇ يىل 7 - ئايدا «پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ يېتەكلەش، كاپالەتلەندۈرۈش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا تۈرتكە بولۇش» باش تېما قىلىنغان 23 - قېتىملىق پارتىيە ئىستىلى - پاكلىق تەربىيەسى ئېيى پائالىيىتىنى باشلاشنى تەلەپ قىلدى.

پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى بۇيرۇقنى ئاڭلىغان ھامان دەرھال ھەرىكەتكە كېلىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى، تەلىپى بويىچە، تەربىيە ئېيى پائالىيىتىنى دەرىجىمۇدەرىجە باشلىدى.

چوڭقۇر ئۆگىنىپ تولۇق ئۆزلەشتۈرۈش سەمىمىيلىك بىلەن ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش

7 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنى ئېچىلغان كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش بويىچە پىكىر ئالماشتۇرۇش مۇھاكىمە يىغىنى ئاچتى، مۇھاكىمە يىغىنىدا كۆپچىلىك قىزغىن سۆز قىلىپ، بەس - بەستە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ مەزمۇنى چوڭقۇر، ئىدىيەسى چوڭقۇر بولۇپ، كىشىنى ناھايىتى ئىلھاملاندۇرىدۇ، ئىنتايىن روھلاندۇرىدۇ، ئىزچىل يېتىشىپ ئۆگىنىپ، چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىش ئورنى ۋەزىپە - مەسئۇلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈپ، خىزمەتلەرگە يېتەكچىلىك قىلىمىز.

بۇ قېتىمقى تەربىيە ئېيى پائالىيىتىدە شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى يېتەكچى قىلىنىپ، پارتىيە كومىتېت(پارتىيە گۇرۇپپا)لىرى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسىنىڭ ئۆگىنىشى، كوللېكتىپ مۇھاكىمە، مەخسۇس تېمىدىكى لېكسىيە، «ئۈچ يىغىن، بىر دەرس»، كىتاب ئوقۇش كۇرسى قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق پارتىيەلىك كادىرلار، ھۆكۈمەت خادىملىرى پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيى ۋە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 -، 3 -، 4 -، 5 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش، 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش قاتارلىقلارغا تەشكىللەندى، بۇنىڭدىكى مەقسەت پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى كەڭ پارتىيەلىك كادىرلارنى «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىش، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىش، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تەربىيەلەپ، يېتەكلەپ، سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي چۈشىنىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، چىرىكلىشىشكە پېتىنالماسلىق، چىرىكلىشەلمەسلىك، چىرىكلىشىشنى ئويلىماسلىقنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىپ، تىرىشىپ ئىستىلدا تەلەپچان، ئىنتىزامدا قاتتىق، كادىرلار پاك، بەنزە پاك بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، «14 - بەش يىل»دا ئىشنى ياخشى باشلاش، قەدەمنى ياخشى ئېلىشنى كۈچلۈك ئىنتىزام كاپالىتىگە ئىگە قىلىش، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشتا مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىش.

ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ پارتىيە كومىتېتى بەنگۇڭتىڭىدا تۇرۇشلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە گۇرۇپپىسى نازارەت قىلىدىغان يەتتە ئورۇن نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى، پارتىيە ياچېيكىسى ئۆگىنىش، ياشلار نەزەرىيە ئۆگىنىش گۇرۇپپىسى تەتقىق قىلىپ ئۆگىنىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، مەخسۇس تېمىدا 50 مەيدان (قېتىم)دىن ئارتۇق مۇھاكىمىنى قانات يايدۇردى.

دېلو ئارقىلىق ئىنتىزامنى ئايدىڭلاشتۇرۇش چىرىكلىشىشنى رەت قىلىش، ئۆزگىرىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىدىيە توسمىسىنى مۇستەھكەملەش

7 - ئاينىڭ 2 - كۈنى، نىيە ناھىيەسى 23 - قېتىملىق پارتىيە ئىستىلى - پاكلىق تەربىيەسى ئېيى ئىبرەت تەربىيەسى يىغىنى ئاچتى. يىغىندا ئالتە تىپىك دېلو ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىندى، ناھىيەگە بىۋاسىتە قاراشلىق مەلۇم ئورۇننىڭ ئىنتىزامغا، قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىشقا چېتىشلىق «بىرىنچى قول»ى، ئاممىنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزگەن يېزا - بازار كادىرلىرىدىن تارتىپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسىگىچە، نەق مەيداندا ۋە سىن ئارقىلىق يىغىنغا قاتناشقان ھەر دەرىجىلىك پارتىيەلىك كادىرلارنى چوڭقۇر تەربىيەگە ئىگە قىلدى. «ئىلگىرىكى رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئىبرەت تەربىيەسىدىكى تىپىك دېلو مىسالىغا ئايلىنىپ قېلىشىدىن ئىنتايىن چۆچۈدۈم، بۇ ماڭا پاكلىقتىن ئىبارەت بۇ تارىنى ھەر ۋاقىت چىڭىتىشنى ئەسكەرتتى» دېدى يىغىن ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، نىيە ناھىيەلىك يېزا ئىگىلىكى، يېزا ۋە سۇچىلىق ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى جۇ گۇاڭخۇي چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە بولۇپ.

تۇرپان شەھەرلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغان سىياسىي - قانۇن قوشۇنىدىكى ئىنتىزامغا، قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش تىپىك دېلولىرىنى خام ماتېرىيال قىلىپ، «ئېتىقادنىڭ <گۈمۈرۈلۈشى>» ناملىق ئىبرەت تەربىيەسى فىلىمىنى سۈرەتكە ئالدى، بۇ، پۈتۈن شەھەردىكى پارتىيەلىك كادىرلار، بولۇپمۇ سىياسىي قانۇن سىستېمىسىدىكى پارتىيەلىك كادىرلارغا چوڭقۇر ئىبرەت تەربىيەسى بەردى. خوتەن ۋىلايەتلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى رېۋىزىيە كومىتېتى كىچىك، ئۇششاق ھوقۇققا چېتىلىدىغان تىپىك دېلو مىساللىرىنى تاللاپ، «<ئاچ كۆز چىۋىن>نى قاتتىق تەدبىر قوللىنىپ زەربە بېرىپ يوقىتىش» ناملىق ئىبرەت تەربىيەسى فىلىمىنى ئىشلەپ، دېلو ئارقىلىق ئىنتىزامنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، دېلو ئارقىلىق ئاگاھلاندۇرۇپ، پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ پارتىيە ئىنتىزامى، دۆلەت قانۇنىدىن ئەيمىنىش تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، چىرىكلىشىشنى رەت قىلىش، ئۆزگىرىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىدىيە توسمىسىنى مۇستەھكەملەشكە يېتەكلىدى.

پائالىيەتنى بېيىتىش پاكلىق ئىستىلىنى تەشەببۇس قىلىش

پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى يەنە پاكلىق مەدەنىيىتىنىڭ ئوزۇقلاندۇرۇش رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بەردى. قومۇل شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى، شەھەرلىك ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى بىرلىكتە «يېڭى دەۋردە ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش قەلەم بىلەن پارتىيەگە بولغان مۇھەببەتنى مەدھىيەلەش» باش تېمىسىدىكى ھۆسنخەت، رەسىم كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزدى، باش تېمىسى روشەن 170 نەچچە پارچە ھۆسنخەت، رەسىم ئەسىرىدە، چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن قەلەم ئارقىلىق جەمئىيەت، ئىقتىساد تەرەققىياتى نەتىجىلىرى، پاكلىق مەدەنىيىتى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى قاتارلىق مەزمۇنلار تەسۋىرلىنىپ، پارتىيەنىڭ ئۇلۇغ تۆھپىلىرى ۋە ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، گۈزەل يۇرت - ماكاننى ئورتاق قۇرۇپ چىققانلىقىدەك مەنزىرە مەدھىيەلىنىپ، 40 نەچچە ئورۇندىكى 2000دىن ئارتۇق پارتىيەلىك كادىرنى ئېكسكۇرسىيە قىلىشقا جەلپ قىلدى.

پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىگە بىرلەشتۈرۈپ، 100 يىللىق پارتىيە تارىخىدىكى ئىلغار شەخسلەردىن چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيە بازىسى، ئىنقىلاب تارىخى سارىيىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىشمۇ تەربىيە ئېيى پائالىيىتىنىڭ مەزمۇنى. بىر مەھەل، شىنجاڭ ھەربىي رايونىنىڭ مەلۇم قىزىل ئارمىيە شىسى، ماۋ زېمىننىڭ ئەسلىي تۇرالغۇسى، جۇڭگو ئىشچى - دېھقانلار قىزىل ئارمىيەسى غەربىي يۆنىلىش ئارمىيەسى باش تارماق ئەترىتى خاتىرە سارىيى، چياۋئېرما ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقى، كۆكتوقاي دۆلەت كان باغچىسى قاتارلىق قىزىل تەربىيە بازىلىرى كىشىلەر قىزىقىدىغان «جەزمەن بارىدىغان جاي»غا ئايلاندى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيەلىك كادىرلار نەچچە ئەۋلاد كوممۇنىستلارنىڭ پارتىيەگە سادىق بولۇش، خەلقنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويماسلىقتەك ئىش ئىزلىرىدىن ئەسلىي مەقسەتنى تاۋلىدى، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە ياراتتى.

بۇ قېتىمقى تەربىيە ئېيىدا يەنە پارتىيە ئىنتىزامى، قانۇن - نىزام، ئەخلاق، پاكلىق بىلىملىرىدىن سىناق ئېلىشنى قانات يايدۇرۇش، «تىيانشاننى قاپلىغان مەيىن شامال كىلاسسىك ئەسەرلەرگە مەڭگۈ ۋارىسلىق قىلىش» تېمىسىدىكى تېلېۋىزىيە پىروگراممىسىنى كۆرسىتىش قاتارلىقلار ئارقىلىق، تەربىيە ئېيى پائالىيىتى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.