تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئەسلىي مەقسەت ھېكايىلىرىدىن تەڭ بەھرىمەن بولۇش كۈرەش ئىرادىسىنى چىڭىتىش

ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت - ساياھەت نازارىتى پېشقەدەم پارتىيە ئەزالىرىنى پارتىيەگە كىرىش كەچۈرمىشىنى سۆزلەشكە تەشكىللىدى

ئەسلىي مەقسەت ھېكايىلىرىدىن تەڭ بەھرىمەن بولۇش كۈرەش ئىرادىسىنى چىڭىتىش

□ ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جيا چۈنشيا

«62 يىللىق پارتىيە ئىستاژىغا ئىگە پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈپلا قالماي، يەنە ئاڭلىق ھالدا ئىنقىلابىي تارىخنى چۈشەندۈرگۈچى، ئېسىل ئەنئەنە تەشۋىقاتچىسى، ئىدىيەۋى تەربىيە يېتەكچىسى بولۇپ، ئەتراپىمدىكىلەرنى پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا يېتەكلەيمەن.» 7 - ئاينىڭ 6 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت - ساياھەت نازارىتى قانات يايدۇرغان «مېنىڭ پارتىيەگە كىرىش ھېكايەم» تېمىسىدىكى پېشقەدەم پارتىيە ئەزالىرى بىلەن مەخسۇس تېمىدا سۆھبەت ئۆتكۈزۈش پائالىيىتىدە، يېشى 80دىن ئاشقان پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى قاسىم مويدىن باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشقا بىرلەشتۈرۈپ، ئۆزىنىڭ ھاسىلاتى ۋە تەسىراتىدىن كۆپچىلىكنى تەڭ بەھرىمەن قىلدى.

پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت - ساياھەت نازارىتى پارتىيە ئىستاژى 50 يىلدىن ئاشقان دەم ئېلىشقا، پېنسىيەگە چىققان پارتىيە ئەزالىرىنى پارتىيەگە كىرىشتىكى ئەسلىي مەقسەت ھېكايىسىنى ئەسلەشكە تەشكىللەپ، ياش پارتىيەلىك كادىرلارنى بۇرچ - مەسئۇلىيەتنى چۈشىنىشكە، يىمىرىلمەس ئېتىقادنى ھېس قىلىشقا، قەتئىي كۈرەش قىلىش ئىرادىسى، ئىشەنچىنى چىڭىتىشقا يېتەكلىدى.

سابىق ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت نازارىتى ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ 71 يىللىق پارتىيە ئىستاژىغا ئىگە مۇئاۋىن مۇدىرى نيې شىنشى ياش ۋاقتىدا تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن دۆلەتنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ، شىنجاڭغا كېلىپ جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلغانلىق ھېكايىسىنى ئەسلەپ ئۆتتى؛ شىنجاڭ مۇزېيىدىن پېنسىيەگە چىققان 79 ياشلىق كادىر سۇڭ چاڭباۋ يېزنە ئاتىسى گەن زۇچاڭنىڭ تەسىرىدە، ئۆزىنىڭ قانداق قىلىپ ئاكتىپلىق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، پارتىيەگە كىرىش ئىرادىسى ۋە غەيرىتىنى مۇستەھكەملىگەنلىكىنى ئەسلەپ ئۆتتى؛ ئىلگىرى شەرەپ بىلەن مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچىسى ۋە مەملىكەتلىك 8 - مارت قىزىلبايراقدارى نامىغا ئېرىشكەن سابىق شىنجاڭ ئوپېرا ئۆمىكىنىڭ ئارتىسى پاتەم راھىدىن ئۆز كەچۈرمىشى ئارقىلىق كۆپچىلىكنى خىزمەت جەريانىدا جاسارەت بىلەن يۇقىرى ئۆرلەشكە ئىلھاملاندۇردى؛ 56 يىللىق پارتىيە ئىستاژىغا ئىگە سۇلتان توختى ياش پارتىيە ئەزالىرىغا ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق كوممۇنىستلارنىڭ «مەن ئۆزۈمنى ئۇنتۇغان ھالدا ئىشلەپ، خەلقنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويمايمەن» دەيدىغان ئالىيجاناب مۇھەببىتىنى شەرھلەش توغرىسىدا تەلىم بەردى؛ پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى جوۋ شۈخەن مۇنداق بىلدۈردى: ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، سىياسىي خىسلەتنى مەڭگۈ ساقلاپ، پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىنمۇ خىسلىتىمنى يوقاتماي، ئىش ئورنۇمدىن ئايرىلغان بولساممۇ پارتىيەدىن ئايرىلماي، پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرى ئۈچۈن رولۇمنى داۋاملىق جارى قىلدۇرىمەن...

كۆپ يىل ئىلگىرىكى پارتىيەگە كىرگەن ئاشۇ دەقىقىلەرنى ئەسلەپ، پېشقەدەم پارتىيە ئەزالىرى چوڭقۇر ھېسسىياتقا تولدى؛ ئۇلار بۈگۈنكى بەختلىك تۇرمۇشى ئۈستىدە تەپسىلىي توختىلىپ، چىن قەلبىدىن مىننەتدارلىق بىلدۈردى؛ كەلگۈسى پارلاق ئىستىقبالغا نەزەر سېلىپ، ئۇلارنىڭ ئىشەنچى تولۇپ تاشتى. پېشقەدەم پارتىيە ئەزالىرىنىڭ چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن قىلغان بايانلىرى ۋە كىشىنى ئالغا ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيدىغان سۆزلىرى ياش پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى چوڭقۇر تەسىرلەندۈردى.

«مەن پارتىيەگە كىرىش قەسىمىمنى باشتىن - ئاخىر ئەستە چىڭ ساقلاپ، پېشقەدەملەرنى ئۈلگە قىلىپ، پارتىيەنىڭ 100 يىللىق مۇساپىسىدىن ئالغا ئىلگىرىلەش كۈچىنى قوبۇل قىلىپ، قەتئىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ <1 - ئىيۇل>دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى تىرىشىپ ياخشى پۈتىمەن» دېدى شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى ئوپېرا ئۆمىكىنىڭ ئارتىسى ئابلاجان ئابدۇرېھىم.

ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت - ساياھەت نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى خوۋ خەنمىن مۇنداق دېدى: «بىز پېشقەدەم پارتىيە ئەزالىرىنىڭ جىسمىدىكى ئالىيجاناب مۇھەببەت، كۈرەش قىلىش پەزىلىتى ۋە كەسىپنى قەدىرلەش پوزىتسىيەسىدىن ئۆگىنىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ <1 - ئىيۇل>دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئۆگىنىش نەتىجىسىنى مەدەنىيەت - ساياھەت كەسپىنىڭ شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىدىكى تۈۋرۈك كەسىپكە ۋە خەلقنى بېيىتىش كەسپىگە ئايلىنىشىغا تۈرتكە بولىدىغان ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئايلاندۇرىمىز».

پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت - ساياھەت نازارىتى شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش قۇرۇلۇشى، شىنجاڭنى ساياھەت ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى بىلەن چوڭقۇر يۇغۇردى، ئالتە خىلدىكى 38 تۈرلۈك پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى باش تېما پائالىيىتىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇردى، پائالىيەت 4 مىليون 900 مىڭ ئادەم قېتىم پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ۋە ئاممىنى قاپلاپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، ئەمەلىيلىشىشىنى يۇقىرى سۈپەتتە ئالغا سىلجىتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.