تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

يېڭى مۇساپىدە، جەزمەن ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا ئۈزلۈكسىز تۈرتكە بولۇش كېرەك

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

□ خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

«جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئىنسانىيەتنىڭ ئىستىقبالى، تەقدىرىگە كۆڭۈل بۆلىدۇ، دۇنيادىكى بارلىق ئىلغار كۈچلەر بىلەن قول تۇتۇشۇپ ئالغا ئىلگىرىلەيدۇ، جۇڭگو باشتىن - ئاخىر دۇنيا تىنچلىقىنىڭ بەرپا قىلغۇچىسى، يەر شارىۋى تەرەققىياتنىڭ تۆھپىكارى، خەلقئارا تەرتىپنىڭ قوغدىغۇچىسى!» جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 100 يىللىق كۈرەش قىلىش شانلىق مۇساپىسىنى چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن ئەسلەپ ئۆتۈپ، مۇنداق تەكىتلىدى: «تارىخنى ئەينەك قىلىپ، كەلگۈسىنى يارىتىشتا، جەزمەن ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا ئۈزلۈكسىز تۈرتكە بولۇش كېرەك».

«سەمىمىيلىكنى مىزان، كەڭ قورساق بولۇشنى ئەخلاق ئۆلچىمى قىلىش كېرەك.» جۇڭخۇا مىللىتى ئەزەلدىن «پۈتۈن دۇنيادىكىلەر بىر ئائىلە كىشىلىرى»دىن بولۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى، ئىنسانلار ۋە بارلىق شەيئىلەرنى سۆيۈش، بارلىق دۆلەتلەر بىلەن ئىناق ئۆتۈش، دۇنيانىڭ بۈيۈك بىرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىپ، «داغدام يولدا ماڭغاندىلا، دۇنيا خەلققە مەنسۇپ بولىدۇ» دېگەن گۈزەل دۇنياغا ئىنتىلىپ كەلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى باشتىن - ئاخىر تىنچ تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى بوشاشماي قوغداپ، مەڭگۈ زومىگەر بولماسلىق، كېڭەيمىچىلىك قىلماسلىق، تەسىر كۈچ دائىرىسىنى كۆزلىمەسلىكتە چىڭ تۇرۇپ، ھەم دۇنيا تىنچلىقىنى قوغداش ئارقىلىق ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇردى، ھەم ئۆز تەرەققىياتى ئارقىلىق دۇنيا تىنچلىقىنى ئىلگىرى سۈردى؛ باشتىن - ئاخىر ئادىللىق، ھەققانىيلىقتا چىڭ تۇرۇپ، ئىنسانىيەتنىڭ ئەركىنلىكى، ئازادلىقىغا بوشاشماي تۈرتكە بولۇپ، دۆلەتلەرنى چوڭ - كىچىك، كۈچلۈك - ئاجىز، باي - نامرات دەپ قارىماي بىردەك باراۋەر مۇئامىلە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، باشقىلارغا زورلاپ تېڭىشقا قارشى تۇردى، باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلىشىشقا قارشى تۇردى، كۈچلۈكلەر ئاجىزلارنى بوزەك قىلىشقا قارشى تۇردى؛ باشتىن - ئاخىر ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق تەرەققىي قىلىشىنى بوشاشماي ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئالىدىغان ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ھەمكارلىق ئارقىلىق قارشىلىشىشنى تۈگىتىپ، ئورتاق پايدا ئېلىشنى نۆل يىغىندىنىڭ ئورنىغا دەسسىتىپ، جۇڭگونىڭ يېڭى تەرەققىياتى ئارقىلىق دۇنيانى يېڭى پۇرسەت بىلەن تەمىنلىدى. 100 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو خەلقىنى بەختكە ئېرىشتۈرۈش، شۇنداقلا ئىنسانىيەت تەرەققىيات ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن كۈرەش قىلدى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى دۇنيانىڭ بۈيۈك بىرلىكى ئۈستىدە ئىزدىنىشتىن ئىبارەت پۈتۈن دۇنياغا بولغان مېھىر - مۇھەببىتىنى چىڭ ساقلاپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا پائال تۈرتكە بولۇپ، ئىنسانىيەت مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن جۇڭگو ئەقىل - پاراسىتى ۋە جۇڭگو لايىھەسىنى تەقدىم قىلىپ، ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكى ۋە تەرەققىيات ئىشلىرى ئۈچۈن ئاجايىپ تۆھپىلەرنى قوشتى.

بۈگۈنكى دۇنيا 100 يىلدىمۇ كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىنى باشتىن كەچۈرمەكتە، تىنچلىق ۋە تەرەققىيات يەنىلا بۈگۈنكى دەۋرنىڭ باش تېمىسى، ئىنسانىيەتنىڭ تەقدىرى ھېچقاچان بۈگۈنكىدەك بۇنداق زىچ باغلانمىغان، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ مەنپەئىتى ھېچقاچان بۈگۈنكىدەك بۇنداق چوڭقۇر يۇغۇرۇلمىغان، تىنچلىق، تەرەققىيات، ھەمكارلىق، ئورتاق پايدا ئېلىشتىن ئىبارەت دەۋر ئېقىمىنى توسۇۋالغىلى بولمايدۇ. تۈرلۈك يەر شارىۋى تەھدىت ۋە خىرىسلار ئالدىدا، خەلقئارا جەمئىيەت ئىتتىپاقلىشىش، ھەمكارلىشىشقا ئىلگىرىكى ھەرقانداق ۋاقىتتىكىگە قارىغاندا تېخىمۇ ئېھتىياجلىق، كۆپ تەرەپچىللىكنى قوغداشقا تېخىمۇ ئېھتىياجلىق، خەلقئارا ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقتا چىڭ تۇرۇشقا تېخىمۇ ئېھتىياجلىق. تارىخ ۋە رېئاللىق بىزگە شۇنى ئۇقتۇرىدۇكى، پەقەت دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى ئىدىيەسىگە ئەمەل قىلىپ، كۆپ تەرەپچىللىكتە چىڭ تۇرۇپ، ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىق يولىدا ماڭسىلا، چوقۇم تۈرلۈك يەر شارىۋى مەسىلىلەرگە ئورتاق تاقابىل تۇرۇپ، يەر شارىدىن ئىبارەت گۈزەل يۇرت - ماكانىنى ئورتاق قۇرۇپ چىقالايدۇ. ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدا، جۇڭگو باشتىن - ئاخىر تارىخنىڭ توغرا تەرىپىدە تۇرۇشنى، باشتىن - ئاخىر ئىنسانىيەتكە يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشنى ئۆزىنىڭ بۇرچى قىلىدۇ. دەل باش شۇجى شى جىنپىڭ تەكىتلىگەندەك: «يېڭى مۇساپىدە، بىز جەزمەن تىنچلىق، تەرەققىيات، ھەمكارلىق، ئورتاق پايدا ئېلىش بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولغان تىنچلىق دىپلوماتىيەسى سىياسىتىگە ئەمەل قىلىپ، تىنچ تەرەققىي قىلىش يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەت ئورنىتىشقا تۈرتكە بولۇپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، <بىر بەلباغ، بىر يول>نى ئورتاق قۇرۇشنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگونىڭ يېڭى تەرەققىياتى ئارقىلىق دۇنيانى يېڭى پۇرسەت بىلەن تەمىنلىشىمىز كېرەك. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئۈزلۈكسىز ھالدا تىنچلىقنى سۆيىدىغان بارلىق دۆلەت ۋە خەلق بىلەن بىرلىكتە، تىنچلىق، تەرەققىيات، ئادىللىق، ھەققانىيلىق، دېموكراتىيە، ئەركىنلىكتىن ئىبارەت پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق قىممىتىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ھەمكارلىقتا چىڭ تۇرۇپ قارشىلاشماي، ئېچىۋېتىشتە چىڭ تۇرۇپ، بېكىنمىچىلىك قىلماي، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، نۆل يىغىندىلىق ئېلىشماي، زومىگەرلىك ۋە زوراۋانلىق سىياسىيسىغا قارشى تۇرۇپ، تارىخ چاقىنىڭ پارلاق نىشانغا قاراپ ئالغا ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولىدۇ!»

تىنچلىق، ئېجىللىق، ئىناقلىق جۇڭخۇا مىللىتى 5000 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان ئىزچىل ئىنتىلىپ ۋە ۋارىسلىق قىلىپ كېلىۋاتقان ئىدىيە، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ قېنىدا باشقىلارغا تاجاۋۇز قىلىدىغان، زومىگەر بولىدىغان، زومىگەرلىك قىلىدىغان گېن يوق. يېقىنقى زاماندىن بۇيان، جۇڭگو خەلقى كۈچلۈك جاھانگىر دۆلەتلەر تاجاۋۇزچىلىقىنىڭ زىيىنىنى يەتكۈچە تارتتى، ئۇرۇش ئوتى ۋەيرانچىلىقىنىڭ ئازابىنى باشتىن كەچۈردى، لېكىن جۇڭگو خەلقى بۇنىڭدىن ئاجىزلارنى كۈچلۈكلەر بوزەك قىلىشتەك قاراقچىلىق لوگىكىسىنى ئۆگەنمەستىن، بەلكى تىنچلىقنى قوغداش ئىرادىسىنى تېخىمۇ چىڭىتتى. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان 70 نەچچە يىلدىن بۇيان، بىز ئەزەلدىن تەشەببۇسكارلىق بىلەن بىر مەيدان ئۇرۇش قوزغاپ باقمىدۇق، ئەزەلدىن باشقا دۆلەتلەرنىڭ بىر سۇڭ يېرىنى ئىگىلىۋالمىدۇق. جۇڭگو خەلقى ئىش تېرىمايدۇ ھەم ئىش چىقىشتىنمۇ قورقمايدۇ، ھەرقانداق قىيىنچىلىق ۋە خەۋپ - خەتەر ئالدىدا تەمتىرەپ قالمايدۇ، بەل قويۇۋەتمەيدۇ، جۇڭخۇا مىللىتى قورقماس، باش ئەگمەس مىللەت! باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سۆزى جاراڭلىق ئىدى: «جۇڭگو خەلقى ھەققانىيەتنى ئۇلۇغلايدىغان، زوراۋانلىقتىن قورقمايدىغان خەلق، جۇڭخۇا مىللىتى كۈچلۈك مىللەت ئىپتىخارلىق تۇيغۇسىغا ۋە ئىشەنچكە ئىگە مىللەت. جۇڭگو خەلقى ئەزەلدىن باشقا دۆلەت خەلقىنى بوزەك قىلمىدى، ئەزمىدى، قۇل قىلمىدى، ئۇنداق ئىش ئىلگىرى بولمىغان، ھازىر بولمىدى، كەلگۈسىدىمۇ بولمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، جۇڭگو خەلقىمۇ سىرتتىن كەلگەن ھەرقانداق كۈچنىڭ بوزەك قىلىشىغا، ئېزىشىگە، قۇل قىلىشىغا ھەرگىز يول قويمايدۇ، كىمكى بۇنداق قىلىشنى خام خىيال قىلىدىكەن، مۇقەررەر 1 مىليارد 400 مىليوندىن ئارتۇق جۇڭگو خەلقىنىڭ قان بىلەن گۆشتىن پۈتكەن پولات سېپىلىغا سوقۇلۇپ باش - كۆزلىرى قانغا بويىلىدۇ!»

دۇنيا ياخشى بولسا، جۇڭگو ئاندىن ياخشى بولىدۇ؛ جۇڭگو ياخشى بولسا، دۇنيا تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ. 100 يىلنى ئەسلىسەك، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ جۇڭگو خەلقىگە رەھبەرلىك قىلىپ ئېلىپ بارغان ئۇلۇغ كۈرىشى تارىخ سەھىپىسىدە مەڭگۈ چاقناپ تۇرىدۇ، ئىنسانىيەتنىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن قوشقان مۇھىم، زور تۆھپىسى ھەممىگە ئايان. كەلگۈسىگە يۈزلەنگەندە، جۇڭگو دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە، نامراتلىق، قالاقلىقتىن قۇتۇلۇش، گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن بوشاشماي تىرىشىدۇ، ئىختىلاپ، ئۇرۇش مالىمانچىلىقىنى تۈگىتىش، ئىناقلىق، مۇقىملىقنى قوغداش ئۈچۈن سىجىل كۈرەش قىلىدۇ، مەدەنىيلىك ئارازلىقىنى تۈگىتىش، ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى كۈچەيتىش ئۈچۈن كۈچ قوشىدۇ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى بىرلىكتە بەرپا قىلىپ، قول تۇتۇشۇپ تېخىمۇ گۈزەل دۇنيا قۇرۇپ چىقىدۇ.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 - ئاينىڭ 9 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.