تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ئاساسىي مەقسىتىنى ئەستە چىڭ ساقلاش مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىپ ئۆزىنى بېغىشلاش

−​ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى جايلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگەندى، ئىزچىللاشتۇردى

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى

يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش قىزغىن دولقۇنى كۆتۈرۈلدى. كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار بەس - بەستە مۇنداق بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ھازىر ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى بىر تۈرلۈك مۇھىم، زور سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ئاساسىي مەقسىتىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىمىزگە ئېلىپ ئۆزىمىزنى بېغىشلاپ، خەلق ئۈچۈن بەخت يارىتىش ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق كوممۇنىستلارنىڭ «مەن ئۆزۈمنى ئۇنتۇغان ھالدا ئىشلەپ، خەلقنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويمايمەن» دېگەن ئالىيجاناب مېھىر - مۇھەببىتىنى شەرھلەيمىز.

«يېڭى مۇساپىدە، ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ئاڭلىق ھالدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ <1 - ئىيۇل>دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، سىجىل تۈردە ئۆگىنىپ ئىگىلەش، پۇختا ئۆزلەشتۈرۈش، ئەمەلىي ئىشلەشكە كۈچ سەرپ قىلىپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش، ئىدىيەنى ئۆزلەشتۈرۈش، ئەمەلىي ئىش قىلىش، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشنى گەۋدىلەندۈرىدۇ.» 7 - ئاينىڭ 10 - كۈنى، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ ۋالىيسى نىياز ھاشىم مۇنداق دېدى: «شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاڭلىق ھالدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ <1 - ئىيۇل>دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى <14 - بەش يىل>دىكى نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىش ئىشەنچى ۋە ئىرادىسىنى چىڭىتىپ، كەسىپلەر توپىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىشنى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇپ، ئاقسۇنىڭ تەرەققىيات يېڭى ۋەزىيىتىنى ئۈزلۈكسىز يارىتىمىز».

كوناشەھەر ناھىيەسىنىڭ توققۇزاق بازىرى ئاياغمەنگەن كەنتىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە مەكتىپى (مەمۇرىيەت شۆيۈەنى)نىڭ بۇ كەنتتە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، 1 - شۇجى ليۇ خۇڭتاۋ مۇنداق دېدى: كەنت «ئىككى كومىتېت» بەنزىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنى چۆرىدەپ، پائال تۈردە ياش دېھقانلار، بېيىش ماھىرلىرى، سىرتقا چىقىپ ئىشلەۋاتقان، سودا قىلىۋاتقانلار ئىچىدىن پارتىيەگە ئەزا تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يېزا پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرىمىز؛ خەلق ئۈچۈن بەخت يارىتىشنى ئەڭ چوڭ سىياسىي نەتىجە قىلىپ، ئېتىز بېشىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، پىكىرلەرنى ئېلىپ چىقىپ، قىيىن مەسىلىلەرنى ياخشى ھەل قىلىپ، ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسىنى ھەقىقىي كۈچەيتىمىز.

جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، باش قوماندان جۇ لىنسېن مۇنداق بىلدۈردى: شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ چوڭ ئىشى، ھازىر ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىدە، جېجياڭدىن كېلىپ شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلار، ئىختىساسلىقلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەقلىي جەھەتتىن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش، كەسىپلەر ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش، خەلق تۇرمۇشى جەھەتتىن شىنجاڭغا ياردەم بېرىشنى سىستېمىلىق ئالغا سىلجىتىپ، بىر نىيەتتە ئويلاپ، بىر مەقسەتتە كۈچ چىقىرىپ، دۆلەت چوڭ ۋەزىيىتىگە مۇلازىمەت قىلىش داۋامىدا جېجياڭ كۈچىنى قوشىدۇ.

«مەن باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سەمىمىي تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مەسئۇلىيەتنى زىممەمگە ئېلىپ، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشنى ھەرىكىتىمدە كۆرسىتىپ، تېرىقچىلىق قۇرۇلمىسىنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇپ، تەڭشەپ، يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە تېخنىكا كېڭەيتىش سالمىقىنى زورايتىپ، يېزا ئىگىلىكىدىكى يۇقىرى سۈپەتلىك، ئالقىشلىق <ئالتۇن خەتلىك ۋىۋىسكا>نى بەرپا قىلىپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ كۈچىيىشىگە، يېزىلارنىڭ گۈزەللىشىشىگە، دېھقانلارنىڭ بېيىشىغا تۈرتكە بولۇپ، يېڭى دەۋردە شىنجاڭنىڭ يېزا - كەنتلىرىنى گۈللەندۈرۈش يېڭى سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن پۈتۈش ئۈچۈن ئۆز كۈچۈمنى قوشىمەن» دېدى بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق يېزا ئىگىلىكى، يېزا ئىدارىسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى جياڭ جيەنيۇڭ.

سانجى دۆلەت يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى پارتىيە خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جاۋ شياۋۋېي مۇنۇلارنى بىلدۈردى: سانجى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىپ، ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا تۈرتكە بولۇشقا كۈچ سەرپ قىلىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرگە يېتەكچىلىك قىلىش، تۈرتكە بولۇشقا كۈچ سەرپ قىلىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش سىناق رايونى قۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، مۇھىم ئامىللار تەننەرخىنىڭ ئويمان يېرى، پەن - مائارىپ ئىختىساسلىقلىرىنىڭ ئېگىزلىكىنى پائال بەرپا قىلىپ، مەبلەغ سېلىش ئارقىلىق تۈرتكە بولۇش، كىشىلەر ئاۋاتلىقى ئارقىلىق تۈرتكە بولۇش، پەن - مائارىپ ئارقىلىق تۈرتكە بولۇش، ئۈنۈم ئىقتىدار ئارقىلىق تۈرتكە بولۇشتىن ئىبارەت تۆت چوڭ ئىستراتېگىيەنى يولغا قويۇپ، تەرەققىياتنى يېشىللاشتۇرۇش، مۇھىم ئامىللارنى توپلاشتۇرۇش، كەسىپلەرنى توپلاشتۇرۇش، رايون بىلەن بازارلارنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش ۋە كەسىپ بىلەن شەھەرنى يۇغۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.

«بۇنىڭدىن كېيىن، مەن باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ <1 - ئىيۇل>دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يېتەكچى قىلىپ، مەۋقەنى ئۆز خىزمىتىمگە قويۇپ، مەسئۇلىيەتنى زىممەمگە ئېلىپ ئەمەلىي ئىشلەپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، كەنت كادىرلىرى قوشۇنىنى تەربىيەلەشنى كۈچەيتىش، ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش جەھەتتە تېخىمۇ زور كۈچ سەرپ قىلىپ، مۇلازىمەت دائىرىسىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، چىن قەلبىم، پۈتۈن ھېسسىياتىم، پۈتۈن كۈچۈم بىلەن خەلق ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» دېدى توقسۇن ناھىيەسى بوستان بازارلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، تەشكىلات ھەيئىتى جاڭ شۇ.

(مۇخبىر جاڭ جىلى، قاتناشقان مۇخبىرلار گې يوۋجۈن، خەن چىنيەن، دۇ جيەنخۇي، جاڭ رۇيلىن، ئىختىيارىي مۇخبىر يې شىتىڭ)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.