تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

يېڭى مۇساپىدە، جەزمەن دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيەنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېزلىتىش كېرەك

− ​باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

□ خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

«دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئۈچۈن جەزمەن ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش كېرەك، ئارمىيە قۇدرەت تاپسا ئاندىن دۆلەت ئەمىن تاپىدۇ.» جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ: «خەلق ئارمىيەسى پارتىيە ۋە خەلق ئۈچۈن ئۆچمەس تۆھپە قوشتى، ئۇ قىزىل ھاكىمىيەتنى قوغدايدىغان، مىللەتنىڭ ئىززەت - ھۆرمىتىنى قوغدايدىغان كۈچلۈك تۈۋرۈك، شۇنداقلا رايون ۋە دۇنيا تىنچلىقىنى قوغدايدىغان قۇدرەتلىك كۈچ» دەپ كۆرسەتتى، «تارىخنى ئەينەك قىلىپ، كەلگۈسىنى يارىتىشتا، جەزمەن دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيەنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېزلىتىش كېرەك» دەپ تەكىتلىدى.

1927 - يىلى 8 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، نەنچاڭ شەھىرى سېپىلىدا تۇنجى ئوق ئاۋازى ياڭراپ، پارتىيەمىزنىڭ گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىگە قوراللىق قارشى تۇرۇشىنىڭ مۇقەددىمىسى باشلاندى. ئاشۇ چاغدىن باشلاپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىكىدىكى خەلق ئارمىيەسى جۇڭگو خەلقىنىڭ ئازادلىقىنى كۆزلەيدىغان، بەختىنى كۆزلەيدىغان، جۇڭخۇا مىللىتىنى مۇستەقىللىققا ئېرىشتۈرىدىغان، گۈللەندۈرىدىغان تارىخىي ئېقىمغا باتۇرلۇق بىلەن ئاتلىنىپ، جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تەقدىرى بىلەن زىچ باغلاندى. 90 نەچچە يىلدىن بۇيان، خەلق ئارمىيەسى ئۇرۇش ئىس - تۈتەكلىرىنى باشتىن كەچۈرۈپ، يول بويى توسالغۇلارنى سۈپۈرۈپ تاشلاپ، غايەت زور قۇربان بېرىپ، ئارقا - ئارقىدىن شانلىق غەلىبىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئىسسىق قېنى ۋە ھاياتى ئارقىلىق خەلق ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولىدىغان يېڭى جۇڭگو قۇرۇش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ يېقىنقى زاماندىن بۇيانقى ئارقىدا قېلىپ، بوزەك بولۇشىدەك پاسسىپ ۋەزىيىتىنى ئۈزۈل - كېسىل ئۆزگەرتىپ، يېڭىدىن بارلىققا كەلگەن خەلق ھاكىمىيىتىنى مۇستەھكەملەش، جۇڭگونىڭ چوڭ دۆلەتلىك ئورنىنى شەكىللەندۈرۈش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئىززەت - ھۆرمىتىنى قوغداشنى كۈچلۈك ئارقا تىرەك بىلەن تەمىنلەپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى ۋە دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك تۈزۈمىنى قوغداشنى، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئىتىنى قوغداشنى، دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتىدىكى مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت مەزگىلىنى قوغداشنى، رايون ۋە دۇنيانىڭ تىنچلىقىنى قوغداشنى قۇدرەتلىك كۈچ تىرىكى بىلەن تەمىنلىدى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «پارتىيە مىلتىققا قوماندانلىق قىلىش، ئۆزىنىڭ خەلق ئارمىيەسىنى قۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش − پارتىيە قانلىق ۋە يالقۇنلۇق كۈرەش داۋامىدا ھاسىل قىلغان يىمىرىلمەس ھەقىقەت.» قۇدرەتلىك خەلق ئارمىيەسى قۇرۇش پارتىيەمىزنىڭ بوشاشماس ئىنتىلىشى، پارتىيەنىڭ خەلق ئارمىيەسىگە بولغان مۇتلەق رەھبەرلىكى ئارمىيە قۇرۇشنىڭ ئاساسى، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنىڭ جېنى. پارتىيەنىڭ ئارمىيەگە مۇتلەق رەھبەرلىك قىلىشىدىكى تۈپ پىرىنسىپى ۋە تۈزۈمى نەنچاڭ قوزغىلىڭىدىن باشلانغان، سەنۋەندىكى ئۆزگەرتىپ تەشكىللەشتە ئاساس سېلىنغان، گۇتيەن يىغىنىدا تۇراقلاشقان بولۇپ، ئۇ خەلق ئارمىيەسىنىڭ بارلىق كونا ئارمىيەلەردىن پۈتۈنلەي پەرقلىنىدىغان سىياسىي ئالاھىدىلىكى ۋە تۈپ ئەۋزەللىكى. مىڭلىغان - ئونمىڭلىغان ئىنقىلابىي قوماندان - جەڭچىلەر قەتئىي ئېغىشماي پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، ئوڭۇشسىزلىق ئىچىدە تېخىمۇ جاسارەتلىك بولۇپ، كۈلپەت ئىچىدە باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، مەزمۇت، يىمىرىلمەس، ھۇجۇم قىلسا چوقۇم ئىستېھكامنى ئالىدىغان، جەڭ قىلسا چوقۇم غەلىبە قىلىدىغان پولاتتەك قۇدرەتلىك قوشۇننى بارلىققا كەلتۈردى. شىددەتلىك بوران - چاپقۇنلۇق ئۇزاققا سوزۇلغان ئىنقىلاب يولىدا، ئارمىيەمىزنىڭ قوماندان - جەڭچىلىرى ئەڭ كۆپ قىلغان بىر جۈملە سۆز: پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭساقلا، چوقۇم غەلىبە قىلالايمىز، دېگەندىن ئىبارەت بولدى. تارىخ بىزگە شۇنى ئۇقتۇردىكى، پارتىيەنىڭ مىلتىققا قوماندانلىق قىلىشى خەلق ئارمىيەسىنىڭ ماھىيىتى ۋە ئاساسىي مەقسىتىنى ساقلاشنىڭ تۈپ كاپالىتى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بولسىلا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى بولسىلا، خەلق ئارمىيەسىنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشى، كۈچى بولىدۇ. ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدا، خەلق ئارمىيەسى جەزمەن پارتىيەنىڭ ئارمىيەگە بولغان مۇتلەق رەھبەرلىكىدە مەھكەم چىڭ تۇرۇپ، بۇنى خەلق ئارمىيەسىنىڭ مەڭگۈ ئۆزگەرسە بولمايدىغان ئارمىيە روھى، مەڭگۈ يوقىتىپ قويۇشقا بولمايدىغان جان تومۇرى قىلىپ، ھەرقانداق ۋاقىت، ھەرقانداق ئەھۋالدا پارتىيە بايرىقىنى بايراق قىلىش، پارتىيەنىڭ يۆنىلىشىنى يۆنىلىش قىلىش، پارتىيەنىڭ ئىرادىسىنى ئىرادە قىلىشى كېرەك.

مۇستەھكەم دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە قۇدرەتلىك ئارمىيە يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئىستراتېگىيەلىك تىرەك. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۆزدە تۇتۇپ، پارتىيەنىڭ قوماندانلىقىغا بويسۇنىدىغان، جەڭدە غەلىبە قىلالايدىغان، ئىستىلى ئېسىل بولغان خەلق ئارمىيەسى قۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ پارتىيەنىڭ يېڭى ۋەزىيەتتىكى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ ھەربىي ئىشلار ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىكىدە يېڭىلىق يارىتىپ، يېڭى ۋەزىيەتتىكى ھەربىي ئىشلار ئىستراتېگىيەلىك فاڭجېنىنى تۈزۈپ، خەلق ئارمىيەسىنىڭ جۇڭگوچە ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش يولىدا پۇختا قەدەم تاشلىشىغا تۈرتكە بولدى. قۇدرەتلىك ئارمىيە بولمىسا، قۇدرەتلىك ۋەتەننىڭ بولۇشى مۇمكىن ئەمەس. جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشتا، جەزمەن تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى، دۆلەتنى بېيىتىش بىلەن ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنى بىرتۇتاش پىلانلاش كېرەك. جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، جۇڭگو خەلقىنىڭ تېخىمۇ گۈزەل تۇرمۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، جەزمەن خەلق ئارمىيەسىنى دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئارمىيە قىلىپ قۇرۇپ چىقىشنى تېزلىتىش كېرەك.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «يېڭى مۇساپىدە، بىز جەزمەن يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى ھەربىي ئىشلار ئىستراتېگىيەلىك فاڭجېنىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ خەلق ئارمىيەسىگە بولغان مۇتلەق رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگوچە ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئارمىيەنى سىياسىي ئارقىلىق قۇرۇش، ئارمىيەنى ئىسلاھات ئارقىلىق قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئارمىيەنى پەن - تېخنىكا ئارقىلىق قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئارمىيەنى ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئارمىيەنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، خەلق ئارمىيەسىنى دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئارمىيە قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، تېخىمۇ كۈچلۈك ئىقتىدار، تېخىمۇ ئىشەنچلىك ۋاسىتىلەر بىلەن دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئىتىنى قوغدىشىمىز كېرەك!» دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيەنى زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسى جەزمەن دۆلەتنى زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىگە ئۇيغۇنلىشىشى، ھەربىي ئىقتىدار جەزمەن جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىستراتېگىيەلىك ئېھتىياجىغا ئۇيغۇنلىشىشى كېرەك. دۆلەت خەۋپسىزلىكى مۇھىتىدىكى چوڭقۇر ئۆزگىرىش ئالدىدا، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش دەۋر تەلىپى ئالدىدا، شى جىنپىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئارمىيەگە مۇتلەق رەھبەرلىك قىلىش تۈپ پىرىنسىپى ۋە تۈزۈمىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، باشتىن - ئاخىر دىققەتنى جەڭگە تەييارلىق قىلىش، ئۇرۇش قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، چاقىرغان ھامان كېلەلەيدىغان، كەلگەن ھامان جەڭ قىلالايدىغان، جەڭ قىلسا چوقۇم غەلىبە قىلالايدىغان سەرخىل قوشۇن بەرپا قىلىپ، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيەنى زامانىۋىلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئىتىنى قوغداش ئىستراتېگىيەلىك ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىغا قاراپ چوڭ قەدەم بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىگەندە، خەلق ئارمىيەسى چوقۇم يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىشلىرىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتالايدۇ، پارتىيە ۋە خەلق يۈكلىگەن يېڭى دەۋردىكى بۇرچ، ۋەزىپىلەرنى تېخىمۇ ياخشى زىممىگە ئالالايدۇ.

يەلكەنلىك كېمە كۈچلۈك شامالدا دېڭىز دولقۇنىنى يېرىپ ئالغا ئىلگىرىلىدى، قۇدرەتلىك قوشۇن جاسارەت بىلەن يېڭى سەپەرگە ئاتلاندى. پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيىدا 2035 - يىلىغا بارغاندا دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيەنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇشقا تىرىشىش، مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا بارغاندا خەلق ئارمىيەسىنى دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئارمىيە قىلىپ ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىش ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇشى بېكىتىلدى. پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىدا 2027 - يىلى ئارمىيە قۇرۇشنىڭ 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ئۇلۇغۋار پىلان تۈزۈلۈپ بولدى، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش پەيتى يېتىپ كەلدى. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، جۇڭگوچە ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىپ، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنىڭ تېخىمۇ شانلىق سەھىپىسىنى ئۈزلۈكسىز پۈتۈپ، تارىخ ۋە دەۋرگە يۈز كېلەلەيدىغان يېڭى شانلىق نەتىجىلەرنى ئۈزلۈكسىز يارىتايلى!

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 - ئاينىڭ 8 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.