تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن. قەھرىمانلار، قۇربانلار شەجەرىسى

چېن تەنچيۇ دۈشمەننىڭ تۈرمە سوتىنى جەڭ مەيدانى دەپ قارىدى

ھېكايىلەر توپلىمى (18)

1943 - يىلى 5 - ئاينىڭ 7 - كۈنى، دۈشمەنلەر «يۈزلەشتۈرۈپ سوراق قىلىش»تىن ئىبارەت رەزىل ئويۇننى ئوينىغاندا، چېن تەنچيۇ خائىننىڭ يالغان گۇۋاھلىق بېرىشىنى قاتتىق سۆكۈپ، دۈشمەنلەرنى مەسخىرە قىلغان. □ لى دۇڭخۇي

□ ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى گاۋ ۋا

بىر قوڭۇر رەڭلىك شارپا، بىر كونىرىغان بۆك، بىر ياقىسى ئۇپراپ ئاقىرىپ كەتكەن خۇرۇم پەلتو... 8 - ئارمىيەنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ئىش بېجىرىش ئورنى خاتىرە سارىيىغا كىرىپ، پارتىيەمىزنىڭ قۇرغۇچىلىرىنىڭ بىرى، ئىنقىلابىي قۇربان چېن تەنچيۇ قالدۇرغان بۇيۇملارغا ئېھتىرام بىلەن تەپسىلىي قارىغىنىمدا، خۇددى ئاشۇ قان كېچىپ كۈرەش قىلغان ئىنقىلاب يىللىرىغا قايتقاندەك بولدۇم.

1942 - يىلى 9 - ئاينىڭ 17 - كۈنى، شېڭ شىسەي جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ شىنجاڭدىكى خادىملىرىنىڭ ھەممىسىنى نەزەربەند قىلغان، شىنجاڭدىكى ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى مىللىي بىرلىك سەپ ئۈزۈل - كېسىل بۇزۇلغان. چېن تەنچيۇ بارلىق يولداشلارنى يەنئەندىكى ئىستىل تۈزىتىشكە ئائىت ھۆججەتلەرنى ئۆگىنىشكە تەشكىللىگەن ھەم نۇقتىلىق غۇرۇر تەربىيەسى ئېلىپ بارغان. ئۇ كۆپچىلىككە مۇنداق دېگەن: دۈشمەن تۈرمىسىنى ئىنقىلابچىلارنى چېنىقتۇرىدىغان مەكتەپكە، دۈشمەنگە قارشى كۈرەش قىلىدىغان جەڭ مەيدانىغا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇپ، ۋەتەننى قۇتقۇزۇش تەشەببۇسىنى تەشۋىق قىلىدىغان دەرس مۇنبىرىگە ئايلاندۇرۇپ، دۈشمەننىڭ ئويدۇرۇپ چىققان پىتنە - ئىغۋاسىنى ۋە كوممۇنىستلارغا بوھتان چاپلايدىغان رەزىل سۇيىقەستىنى پاش قىلىشىمىز كېرەك.

1943 - يىلى 2 - ئاينىڭ 7 - كۈنى، شېڭ شىسەي چېن تەنچيۇ قاتارلىق كوممۇنىستلارنى 2 - تۈرمىگە تاشلىغان. ئارقىدىنلا جۇڭتۇڭنىڭ ئالىي دەرىجىلىك ئىشپىيونى، گومىنداڭ مەركىزىي سىياسىي مەكتىپىنىڭ تەلىم - تەربىيە مۇدىرى ۋاڭ دېپۇ باشچىلىقىدىكى ئاتالمىش «شىنجاڭغا خاس ئەۋەتىلگەن سوت ئۆمىكى» دىخۇا (ھازىرقى ئۈرۈمچى)غا كېلىپ، نۇقتىلىق ھالدا چېن تەنچيۇ، ماۋ زېمىن ئۈستىدىن سوت ئېچىپ، سوراق قىلىش ئارقىلىق، ئۇلارنى «توپىلاڭ كۆتۈرۈشنى پىلانلاپ، ھۆكۈمەتنى ئاغدۇرۇپ تاشلىماقچى» بولغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدۇرۇشقا تەلۋىلەرچە ئۇرۇنۇپ، ئۇلارنى پارتىيەدىن چېكىنىپ كوممۇنىستىك پارتىيەگە قارشى تۇرۇش خىتابنامىسى ئېلان قىلىشقا مەجبۇرلىغان.

«جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بىزدەك يولداشلارنى شىنجاڭغا كېلىپ خىزمەتلەرگە ياردەم بېرىشكە ئەۋەتتى، بىز ھۆكۈمەتكە خەۋپ يەتكۈزىدىغان ئىشلارنى قىلمىدۇق، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش مىللىي بىرلىك سەپ سىياسىتىگە خىلاپلىق قىلمىدۇق.» «بىز شىنجاڭدا قىلغان ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئوچۇق - ئاشكارا.» دۈشمەنلەر چېن تەنچيۇنى چوغدەك قىزىتىلغان كۆمۈر داشقىلى ئۈستىدە تۇرغۇزۇپ، سۇغا چىلىغان ئارغامچا بىلەن ئۇنى ئۇرغان، ئۇنىڭ پۈتۈن بەدىنى يارا بولۇپ كەتكەن، تاپىنىمۇ شەلۋەرەپ كەتكەن. لېكىن چېن تەنچيۇ باشتىن - ئاخىر سادىقلىق بىلەن تىز پۈكمەي، جاسارەت بىلەن «پارتىيەدىن چېكىنىش باياناتى»غا ئىمزا قويۇشنى رەت قىلغان، ئۇ دۈشمەن سوتىنى دەرس مۇنبىرى قىلىپ، دۈشمەننىڭ پىتنە - ئىغۋا توقۇپ، بوھتان چاپلىشىغا رەددىيە بېرىپ، پارتىيەمىزنىڭ شىنجاڭدىكى تۆھپىسىنى تەشۋىق قىلغان.

1943 - يىلى 5 - ئاينىڭ 7 - كۈنى، ئامالسىز قالغان دۈشمەن «يۈزلەشتۈرۈپ سوراق قىلىش»تىن ئىبارەت رەزىل ئويۇننى ئوينىغان. دۈشمەنلەر پەردە بىلەن سوت كوللېگىيەسىنىڭ بىر بۇلۇڭىنى ئايرىپ، ليۇ شىپىڭ قاتارلىق خائىنلارنى پەردە ئارقىسىغا يوشۇرۇپ، ئۇلارغا ئالدىن توقۇپ چىققان «گۇۋاھلىق سۆزى»نى ئوقۇغۇزۇپ، ئاندىن چېن تەنچيۇغا ئېتىراپ قىلغۇزماقچى بولغان. «ئۇلارنىڭ دېگەنلىرىنىڭ ھەممىسى يالغان، ھازىر ئۇلار ۋىجدانىنى يوقاتتى.» «مەن ھۆكۈمەت سوتىدىن ئۇلارنىڭ نېمە ئۈچۈن ۋىجدانىنى يوقاتقانلىقىنى تەتقىق قىلىشىنى تەلەپ قىلىمەن!» چېن تەنچيۇ خائىنلارنى قاتتىق ئەيىبلەپ، دۈشمەنلەرنى مەسخىرە قىلغان.

قاتتىق ۋاسىتە كار قىلمىغاندىن كېيىن، دۈشمەنلەر چېن تەنچيۇغا ياخشى يېمەكلىك، يەنە «ئات» ماركىلىق تاماكا ئەكېلىپ بەرگەن، چېن تەنچيۇ ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ھاجەتخانىغا تاشلىۋەتكەن. كېيىن، شېڭ شىسەي سوراقخانىغا ۋاقىتلىق تېلېفون سىمى تارتىپ، تېلېفوندا چېن تەنچيۇنى تەسلىم بولۇشقا ئۈندىگەن. چېن تەنچيۇ شېڭ شىسەينى قاتتىق تىللاپ، تېلېفوننى يەرگە ئېتىپ چېقىۋەتكەن.

1943 - يىلى 9 - ئاينىڭ 27 - كۈنى، شېڭ شىسەي بۇيرۇق چۈشۈرۈپ چېن تەنچيۇنى مەخپىي ئۆلتۈرگەن، ئىنقىلابىي قۇربان تىيانشان ئېتىكىدە مەڭگۈلۈك كۆز يۇمغان، شۇ يىلى 47 ياشتا ئىدى. ئالاقە ئۈزۈلگەنلىكتىن، 1945 - يىلى ئېچىلغان جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 7 - قۇرۇلتىيىدا، ئۇ يەنىلا مەركىزىي كومىتېتنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان. جوۋ ئېنلەي ئۇنىڭغا يۈكسەك باھا بېرىپ: «يولداش تەنچيۇ ھەقىقىي بولشېۋىك» دېگەن.

چېن تەنچيۇ ئىسسىق قېنى ۋە ھاياتى بەدىلىگە كوممۇنىستلارنىڭ يۈكسەك غۇرۇرىنى نامايان قىلىپ، دۈشمەن مەڭگۈ بۆسۈپ ئۆتەلمەيدىغان قورغانغا ئايلانغان.

(ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە تارىخى ۋە ھۆججەت تەتقىقات يۇرتى، ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدىكىلەر بىرلەشمىسى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.