تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

بىر ئۆمۈر چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىپ ئەسلىي مەقسەتنى ساقلاش

− «1 - ئىيۇل ئوردېنى»غا ئېرىشكۈچى ۋېي دېيوۋ توغرىسىدا

ۋېي دېيوۋ چېگرادىكى چېگرا بەلگىسىنى سىيلىماقتا (ماتېرىيال سۈرەت). □شىنجاڭ فوتو سۈرەت توپلانمىسى

□ ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى مېھرىگۈل غوپۇر

«بۇ مېنىڭ ئۆمرۈمدىكى ئەڭ پەخىرلىنەرلىك، ئەڭ ئۇنتۇلغۇسىز پەيت. مېنىڭ قىلغىنىم تىلغا ئالغۇچىلىكى يوق كىچىككىنە ئىش، ئەمما پارتىيە ماڭا مۇشۇنداق ئالىي شان - شەرەپ بەردى، مېنىڭ قىلغانلىرىم تېخى يېتەرلىك كۆپ ئەمەس، يېتەرلىك ياخشى ئەمەس. مەن ماغدۇرۇم قالمىغان شۇ كۈنگىچە چېگرانى قوغدايمەن، بۇ مېنىڭ پارتىيە تەشكىلاتىغا بەرگەن ۋەدەم» دېدى 6 - ئاينىڭ 29 - كۈنى شەرەپ بىلەن «1 - ئىيۇل ئوردېنى»غا ئېرىشكەندىن كېيىن پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى ۋېي دېيوۋ ھاياجانلانغان ھالدا.

81 ياشلىق ۋېي دېيوۋ شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 9 - شى 161 - تۇەنىنىڭ پېنسىيەگە چىققان خىزمەتچىسى، ئۇ چېگرا لىنىيەسىدە 57 يىل چارۋا باققاچ چېگرانى چارلاپ، چېگرادىن ئۆتۈپ كەتكەن نەچچە 10 مىڭ چارۋىنى توسقان، چېگراغا يېقىنلاشقانلارنى 1000 ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق نەسىھەت قىلىپ قايتۇرغان، بىرەر قېتىممۇ چەت ئەلگە چېتىشلىق ۋەقە سادىر قىلماي، چېگرا لىنىيەسىدىكى «تىرىك چېگرا بەلگىسى» دەپ تەرىپلەنگەن، ئۇ ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق كوممۇنىستلارنىڭ ئەسلىي مەقسىتى ۋە بۇرچىنى شەرھلىدى.

چېگرا لىنىيەسىدە ئۆي تۇتۇش

«مەن بۇ تۇپراققا قىيالمايمەن، بۇ يەرگە كەلگەن بىرىنچى كۈندىن تارتىپ، بۇنىڭ بىر ئۆمۈر قىلىدىغان ئىشىم ئىكەنلىكىنى بىلگەنىدىم» دېدى ۋېي دېيوۋ.

1964 - يىلىنىڭ بېشىدا، 24 ياشلىق ۋېي دېيوۋ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ، بېيجىڭدىن شىنجاڭ تارباغاتاي ۋىلايىتىگە كېلىپ، بىڭتۇەن 9 - شى 161 - تۇەنى سابىق ئەسكەرلەر 2 - ليەنىنىڭ «يېڭى ئەسكىرى» بولدى.

دۆلەت مۇداپىئە توسۇقىنى پۇختىلاش ئۈچۈن، سابىق ئەسكەرلەر 2 - ليەنى دۆربىلجىن دەرياسى بويىدىكى ساربۇلاق ئوتلىقىغا كىرىپ ئورۇنلاشتى. ئوتلاقنىڭ ئىچكىرىسى دەل چېگرا لىنىيەسى ئىدى.

ساربۇلاق ئوتلىقىدا يەرنىڭ شورلىشىشى ئېغىر بولغاچقا، ئوتلاق دەپ ئاتالسىمۇ، ئەمەلىيەتتە بىر پارچە قاقاس چۆللۈك ئىدى.

قاقاس چۆللۈك ئالدىدا، ۋېي دېيوۋ بىلەن پۈتۈن ليەندىكى جەڭچىلەر تەڭ ھەرىكەتكە كېلىپ، چارۋا باققاچ بوز يەر ئاچتى، كۆچەت تىكتى، گەمە كولىدى. ئۇزاق يىل تىمتاسلىققا چۆمگەن جاينىڭ تەدرىجىي ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇدى.

1967 - يىلى، ۋېي دېيوۋ يۇرتى شەندۇڭدىن ليۇ جىڭخاۋنى خوتۇنلۇققا ئېلىپ كەلدى، تۈز يەردە كولانغان گەمە ئۇلارنىڭ ئۆيىگە ئايلاندى. بۇ يەردە ئۇلار پەرزەنتلىرىنى بېقىپ تەربىيەلىدى، چېگرانى قوغدىدى.

ھەر يىلى پەسىل ئالماشقاندا، ئوتلاقتىكى چارۋىچىلار قامچىلىرىنى ئوينىتىپ كالا - قويلىرىنى ھەيدىگىنىچە، چېگرا لىنىيەسىگە قوشنا بولغان ئەتىيازلىق - كۈزلۈك ئوتلاقتىن يازلىق ئوتلاققا كۆچۈپ كېتىپ، 50 كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدىغان چوڭ ئوتلاق «ئادەمسىز رايون»غا ئايلىنىپ قالاتتى.

ھەر قېتىم ئوتلاق كۆچۈش مەزگىلىگە كەلگەندە، ۋېي دېيوۋ ھامان ئالاھىدە ھوشيار بولۇپ كېتەتتى. ئۇ ھەر ۋاقىت ئادەم، چارۋىنىڭ چېگراغا يېقىنلاشقان - يېقىنلاشمىغانلىقىنى كۆزىتىپ تۇراتتى، خەتەرلىك ئەھۋال كۆرۈلسىلا، بىرىنچى ۋاقىتتا بېرىپ توساتتى، نەسىھەت قىلىپ قايتۇراتتى.

1981 - يىلى، سابىق ئەسكەرلەر 2 - ليەنىگە قاراشلىق يەر چاغانتوقاي ناھىيەسىنىڭ باشقۇرۇشىغا تاپشۇرۇپ بېرىلدى. 1984 - يىلى، سابىق ئەسكەرلەر 2 - ليەنى تولۇق چېكىندۈرۈلۈپ، ۋېي دېيوۋنىڭمۇ باشقا ليەندۈيگە كۆچۈپ بېرىپ خىزمەت قىلىشىغا توغرا كەلدى. لېكىن ئۇ ئۈچ كالا، 20 قوي سېتىۋېلىپ، باقمىچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرماقچى بولدى. تېگى - تەكتىدىن ئېيتقاندا، ئۇنىڭ بۇ يەردىن ئايرىلغۇسى يوق ئىدى.

«قېلىشنى قارار قىلغان ئىكەنسەن، مەن جەڭچىلەرنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ئۈچۈن بېقىلىدىغان قويلارنى ساڭا تاپشۇراي. سېنىڭ چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش تەجرىبەڭ بار، سەن چېگرا قوغدىغۇچى بول، بولامدۇ؟» ئەينى چاغدا تەۋەلىك رايون چېگرا مۇداپىئە پونكىتىنىڭ ليەنجاڭى بەي سوڭ ۋېي دېيوۋنى ئىزدەپ شۇنداق دېدى، ۋېي دېيوۋ دەرھاللا ماقۇل بولدى.

بەي سۇڭ چېگرا بويىدىكى بىر پارچە رايوننى ۋېي دېيوۋنىڭ چارۋا باققاچ چېگرانى چارلاش رايونى قىلىپ بېكىتىپ بېرىپ، ئۇنىڭغا «خالىس چېگرا قوغدىغۇچى» دېگەن خەت بېسىلغان يەڭ بەلگىسى ۋە بىر دۇربۇن سەپلەپ بەردى.

شۇنىڭدىن باشلاپ، ۋېي دېيوۋ ئوتلاقنىڭ ئىچكىرىسىنى چىڭ قوغداپ، ھەر كۈنى چارۋا باققاچ چارلاپ، ھاياتى بىلەن ۋەتەن زېمىنىنى قوغدىدى.

يېرىم ئەسىردىن كۆپرەك قەتئىي قوغداش

ئۇزۇنغا سوزۇلغان چارلاش يولىنىڭ قانچە جۈپ ئاياغنى ئۇپرىتىپ تېشىۋەتكەنلىكىنى بىلگىلى بولمايدۇ، ئەمما بۇ، ۋېي دېيوۋنىڭ چېگرانى قوغداش، ۋەتەننى قوغداش ئېتىقادى ۋە ئىرادىسىنى قەتئىي ئاجىزلاشتۇرمىدى. «چارۋا باققاچ چېگرانى قوغداش، مېنىڭ بۇرچۇم!» دېدى ۋېي دېيوۋ ئېتىقادى مۇستەھكەم ھالدا.

1983 - يىلى 6 - ئايدا، ۋېي دېيوۋ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىردى. 1984 - يىلى، سابىق ئەسكەرلەر 2 - ليەنى پارتىيە ياچېيكىسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ - قوشۇۋېتىلىپ، ۋېي دېيوۋنىڭ تەشكىلىي مۇناسىۋىتى ئىزچىل تۇەندىكى ئۇنىڭ ئۆيىگە 30 نەچچە كىلومېتىر كېلىدىغان بىر مەھەللە پارتىيە ياچېيكىسىدا ساقلاندى. نەچچە ئون يىلدىن بۇيان، ئۇ پارتىيە بەدەل پۇلىنى بىر پۇڭنىمۇ كەم قويماي تولۇق تاپشۇردى، بەزىدە باشقىلارغا ھاۋالە قىلىپ تاپشۇردى، بەزىدە نەچچە ئون كىلومېتىر يول يۈرۈپ ئۆزى بېرىپ تاپشۇردى.

«رادىيو لاۋ ۋېينىڭ <گۆھىرى>، سىرتقا چىقسا دائىم يېنىغا ئېلىۋالىدۇ، ئۇخلىغاندىن باشقا ۋاقىتتا رادىيو ئوچۇقلا تۇرىدۇ. بۇ يەردە سىگنال تۇراقلىق ئەمەس، ھېچقانچە كۆپ ئىستانسىنى ئاڭلىغىلى بولمايدۇ، لېكىن لاۋ ۋېي ئۈچۈن ئېيتقاندا، خەۋەر ئاڭلاشنىڭ ئۆزىلا يېتەرلىك» دېدى خوتۇنى ليۇ جىڭخاۋ.

ئوتلاقتا بوران كۈچلۈك بولۇپ، ئۇنىڭغا قۇم - توپا ئارىلىشىپ، رادىيو ناھايىتى ئاسانلا بۇزۇلۇپ قالاتتى، چېگرانى قوغداپ ھازىرغا قەدەر، ۋېي دېيوۋ توپتوغرا 50 رادىيونى كاردىن چىقىرىپ بولدى.

ساربۇلاق ئوتلىقى سىبىرىيەدىن كەلگەن سوغۇق ھاۋا جەنۇبقا يۆتكەلگەندە چوقۇم ئۆتىدىغان يول بولۇپ، قىش پەسلىدە شىددەتلىك بوران ھۇجۇم قىلىپ، قاتتىق ياغقان قارنىڭ قېلىنلىقى بىر مېتىردىن ئاشاتتى. ياز پەسلىدە كۆكۈيۈن ئولىشىۋېلىپ، پاشىلار ھەددىن ئېشىپ، ئادەمنىڭ تېرىسىنى چېقىپ يارا قىلىۋېتەتتى.

بىر قېتىم چارلاۋاتقاندا، قار بارغانسېرى كۈچىيىپ، تېمپېراتۇرا بارغانسېرى تۆۋەنلەپ، قار سۈيى ۋە تەردىن ھۆل بولۇپ كەتكەن كىيىمى توڭلاپ قېتىپ قېلىپ، ۋېي دېيوۋنىڭ بىر قەدەم ئېلىشىمۇ ئىنتايىن تەسكە توختىدى. ئۆزى يالغۇز، ياردەمسىز قالغاندا، ئۇ يىراقتىكى ئاجىز نۇرنى كۆرۈپ، قول چىرىغىنى چىقىرىپ نۇر چىقىپ تۇرغان تەرەپكە قارىتىپ توختىماي لاپىلداتتى. ئەڭ ئاخىرىدا، شۇ يەردە تۇرۇشلۇق چېگرا مۇداپىئە پونكىتىدىكى ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر كېلىپ ئۇنى قۇتقۇزۇۋالدى.

«سىز ئەخمەقمۇ، ھاۋا ياخشى بولمىغاندىكىن، بالدۇرراق قايتىپ كەلمەمسىز، ياكى بىر كۈن دەم ئالسىڭىز بولمىدىمۇ» كۆپ قېتىم، خوتۇنى ليۇ جىڭخاۋ كەچ قايتىۋاتقان ئېرىگە قاراپ، ئىچى ئاغرىپ كۆز ياش قىلدى. لېكىن ۋېي دېيوۋ ناھايىتى جاھىل ئىدى: «ئۇنداق قىلسام بولمايدۇ! تەشكىلنىڭ مېنى بۇ يەرنى قوغداشقا قويغانلىقى ماڭا ئىشەنگەنلىكى، مەن ئۆزۈمگە يۈز كېلەلىشىم كېرەك!»

«دادامنىڭ بۇ جاھىل مىجەزى ئۆمۈر بويى ئۆزگەرمىدى، كىچىك ۋاقتىمدا ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ئوت ئورۇيتتىم، ھەر كۈنلۈك ۋەزىپىنى تاڭ سەھەر سائەت ئىككى - ئۈچلەرگىچە ئىشلىسەكمۇ چوقۇم تاماملىشىمىز كېرەك ئىدى» دېدى ۋېي شيا كۈلۈپ تۇرۇپ.

تەشكىل ۋېي دېيوۋدىن ئائىلىسىدە قانداق قىيىنچىلىق بارلىقىنى سورىغاندا، ھەمىشە «يوق» دېگەن جاۋابقا ئېرىشەتتى.

57 يىل، ياشلىقتىن چاچلىرى كۈمۈشتەك ئاقارغۇچە، ۋېي دېيوۋ ھەر كۈنى چېگرا لىنىيەسىنى بويلاپ بېرىپ - كېلىپ ئون نەچچە كىلومېتىر يول يۈردى، چېگرا لىنىيەسىنى چارلاش ئومۇمىي مۇساپىسى 200 نەچچە مىڭ كىلومېتىرغا يەتتى، بۇ، ئېكۋاتورنى بەش قېتىم ئايلانغانغا باراۋەر. ئۇ ھازىرغىچە «يول ئۈستىدە ئۆي تۇتۇش، چارلاش ئۈچۈن چارۋا بېقىش»تەك تۇرمۇش كەچۈرمەكتە. ئۇنىڭ ئۆيى «قاراۋۇل ئالماشمايدىغان ئەر - خوتۇن قاراۋۇلخانىسى» دەپ ئاتالدى.

«مەن پەقەت بىر كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاسى قىلىشقا تېگىشلىك ئىشنىلا قىلدىم، ۋەتەن ئۈچۈن چېگرا قوغدىغان بۇ يىللاردا، مەن پارتىيەگە يۈز كېلەلىدىم، قەلبىمگە يۈز كېلەلىدىم» دېدى ۋېي دېيوۋ.

بۇ جاينى قوغدىساملا كۆڭلۈم ئاندىن خاتىرجەم بولىدۇ

يېرىم ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، ئىلگىرىكى سەپداشلىرى ئارقا - ئارقىدىن خىزمەتتىن چېكىنىپ يۇرتىغا قايتتى، چېگرا مۇداپىئە جەڭچىلىرى تۈركۈم - تۈركۈملەپ ئالماشتى، ئوتلاقتىكى چارۋىچىلارمۇ شارائىتى تېخىمۇ ياخشى ئولتۇراقلىشىش نۇقتىسىغا كۆچۈپ كەتتى، لېكىن ۋېي دېيوۋ ئەر - خوتۇن باشتىن - ئاخىر بۇ جاينى چىڭ ساقلىدى.

«نەچچە ئون يىل بولدى، نېمە ئۈچۈن بۇ قاقاس دالىدا يەنە بۇنداق جاپالىق تۇرمۇش كەچۈرىسىز؟» بەزىلەر دائىم ۋېي دېيوۋدىن شۇنداق سورايتتى.

ۋېي دېيوۋ ھامان كۈلۈپ تۇرۇپ مۇنداق جاۋاب بېرەتتى: «پەقەت بۇ جاينى قوغدىساملا، كۆڭلۈم ئاندىن خاتىرجەم بولىدۇ».

بىڭتۇەندىن پېنسىيەگە چىققاندا، ۋېي دېيوۋ بىلەن خوتۇنى ھەر ئايدا ئالىدىغان پېنسىيە مائاشى بۇ ياشانغان ئەر - خوتۇننىڭ ئاخىرقى ئۆمرىنى خاتىرجەم ئۆتكۈزۈشىگە يېتەتتى. ئائىلىسىدىكىلەر ئۇلارنى شەندۇڭغا قايتىپ كۈتۈنۈشكە نەسىھەت قىلسا، ۋېي دېيوۋ پەقەت ئۇنىمىدى، «ئەينى ۋاقىتتا بۇ جايغا كېلىشنى تاللىغانىكەنمەن، ئاخىرغىچە چىڭ تۇرۇشۇم كېرەك، كەتسەم بولمايدۇ» دەيتتى ۋېي دېيوۋ.

ھەر كۈنى، ۋېي دېيوۋنىڭ ئورنىدىن تۇرغاندىن كېيىن قىلىدىغان بىرىنچى ئىشى ئىشىكى ئالدىدىكى بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراقنى چىقىرىش ئىدى. دۆلەت شېئىرى يوق، كۆرۈرمەن يوق بولسىمۇ، ئۇ ھەربىر ھەرىكەتنى قىلچە بىپەرۋالىق قىلماي تاماملايتتى. «قانچە يىراقلاپ كەتسەممۇ، بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراقنى كۆرسەم ئۆيۈمنى تېپىۋالىمەن» دەيتتى ۋېي دېيوۋ.

بايراق چىقىرىپ بولغاندىن كېيىن، ۋېي دېيوۋ «ئۈچ گۆھەر»نى ئېلىۋالاتتى: بىر داتلىشىپ كەتكەن ھەربىيچە كونا سۇدان، بىر كونا رادىيو، بىر ھەربىيلەر دۇربۇنى. ئۇ چېگرا لىنىيەسىدە چارلاپ، كىشىلەرنىڭ ماڭغان ئىزىنىڭ بار - يوقلۇقىغا قارايتتى، چارۋىچىلار قالدۇرۇپ قويغان ئۆيلەرگە بېرىپ ئەھۋالنى تەكشۈرەتتى.

چېگرا لىنىيەسىدىكى ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرگە ۋېي دېيوۋنىڭ سىيماسى ئاللىقاچان تونۇش بولۇپ، ئۇ مەلۇم قىلغان چېگرا لىنىيەسى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى دائىم تاپشۇرۇۋالاتتى. ئايىغى ئاستىدىكى ھەربىر سۇڭ ئوتلاق، يىراقتىكى تاغنىڭ ھەربىر قاپتال سىزىقى، بۇلار ھەممىسى ۋېي دېيوۋنىڭ قەلبىگە ئويۇلغان بولۇپ، ھەرقانداق بىر نورمالسىزلىق ئۇنىڭ كۆزىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايتتى.

بەزىلەر ۋېي دېيوۋدىن ئوتلاقتىكى تۇرمۇش بەك ئاستا ئۆتەمدۇ - قانداق؟ دەپمۇ سورايتتى. ۋېي دېيوۋ ساددىلىق بىلەن كۈلۈپ تۇرۇپ، بەك تېز ئۆتىدۇ، كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە نەچچە ئون يىل ئۆتۈپ كەتتى، دەيتتى. «ئىلگىرى بىر كۈندە پەقەت ئىككى موما يېيەلەيتتىم، يەنە يەر ئاچاتتىم ياكى كۆچەت ئازگىلى كولايتتىم، بەزىدە كېچىدە قورسىقىم ئېچىپ ئۇخلىيالماي قالاتتىم. لېكىن قىسقىغىنا نەچچە ئون يىلدا دۆلەت بېيىپ، خەلق قۇدرەت تاپتى، ھەممە كىشىنىڭ قورسىقى توق، كىيىمى پۈتۈن بولدى، بۇلارنىڭ ھەممىسىدە پارتىيەگە رەھمەت ئېيتىشىمىز كېرەك» دېدى ۋېي دېيوۋ چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن.

بۈگۈنكى كۈندە، 80 ياشتىن ئاشقان ۋېي دېيوۋمۇ ئاغرىپ دوختۇرخانىدا يېتىپ قالىدىغان بولدى، لېكىن ئۇ دوختۇرخانىدا يېتىپ نەچچە كۈن بولمايلا قايتىپ كېتىمەن دەپ تۇرۇۋالاتتى. «ئۇ ھەر كۈنى چىقىپ بىر ئايلىنىپ كىرمىسە، دۇربۇن بىلەن قاراپ باقمىسا، خاتىرجەم ئۇخلىيالمايدۇ» دېدى قىزى ۋېي پىڭ.

بۇ ئىككى ياشانغان كىشىنىڭ ئاخىرقى ئۆمرىنى خاتىرجەم ئۆتكۈزۈشى ئۈچۈن، ۋېي دېيوۋنىڭ پەرزەنتلىرى چاغانتوقاي ناھىيەسىدە بىر يۈرۈش ئۆي سېتىۋېلىپ، بېزەپ بولغاندىن كېيىن ئىككىسىنى كۆچۈرۈپ قويماقچى بولغاندا، يەنە بىر قېتىم ۋېي دېيوۋنىڭ رەت قىلىشىغا ئۇچرىدى: «مەن ھېچيەرگە بارمايمەن. ئىلگىرى گەمىدىمۇ تۇرۇپ باققان، ھازىر بۇ ئۈچ ئېغىزلىق ئۆيىمىز بار، يەنە قانداق جاپا بولماقچى ئىدى. چېگرانى قوغدايدىغان ئادەم بولمىسا بولمايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن پارتىيە ئەزاسى، چوقۇم قېلىشىم كېرەك».

پەرزەنتلىرى شۇنى بىلەتتىكى، ئۇ بىر ئىشنى كۆڭلىگە پۈكسىلا، ھېچكىم ئۇنى مەقسىتىدىن ياندۇرالمايتتى.

ۋېي دېيوۋنىڭ قىلچە «پېنسىيە»گە چىقىش ئويى يوقلۇقىنى كۆرۈپ، 2017 - يىلى ۋېي پىڭ بىلەن ئېرى مەسلىھەتلەشكەندىن كېيىن، شەندۇڭدىكى خىزمىتىدىن ئىستېپا بېرىپ ئوتلاققا قايتىپ ئولتۇراقلىشىپ، دادىسى بىلەن بىللە داۋاملىق چارۋا بېقىپ چېگرا چارلاشنى قارار قىلدى.

«دادام بۇ ئۆمرىدە پەقەت بىرلا ئىشنى قىلدى، يەنى ۋەتەن ئۈچۈن چېگرا قوغدىدى، مەن دادامنىڭ ئەسلىي مەقسىتى بويىچە بۇ يولدا داۋاملىق ماڭىمەن.» چېگرا چارلاش يولىدا، ۋېي پىڭمۇ نۇرغۇن جىددىي، قىيىن، خەتەرلىك ئەھۋالغا دۇچ كەلدى، لېكىن ئۇ ھېچقاچان چېكىنىش ۋە ۋاز كېچىشنى ئويلىمىدى.

«دادام ماڭغان يولدا مېڭىپ باققاندىن كېيىن، مەن ئاندىن ئۇنىڭ جاپاسىنى ھېس قىلدىم، يەنە چېگرا قوغداشنىڭ مۇھىملىقىنى ھېس قىلدىم. دادام بىلەن بىللە ۋەتەننىڭ چېگراسىنى چىڭ ساقلاپ، ناھايىتى ئىپتىخارلاندىم، مەن بۇ يولدا ئىزچىل ماڭىمەن» دېدى ۋېي پىڭ.

بۇ يىللاردا، ۋېي دېيوۋ نۇرغۇن شان - شەرەپكە ئېرىشتى، «دەۋر نەمۇنىچىسى» «مەملىكەتلىك ئەخلاق نەمۇنىچىسى» «ئەڭ گۈزەل كۈرەش قىلغۇچى»... «بۇلارنىڭ ھەممىسى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مېنى مۇئەييەنلەشتۈرگەنلىكى، مەن ۋە پەرزەنتلىرىم ۋەتەننىڭ چېگرا لىنىيەسىنى مەڭگۈ چىڭ ساقلايمىز» دېدى ۋېي دېيوۋ قەتئىيلىك بىلەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.