تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاممىنىڭ ئۈمىدكە تولغان ئىنتىلىشى ئۈچۈن

− «1 - ئىيۇل ئوردېنى»غا ئېرىشكۈچى مەمەتجان ئۆمەر توغرىسىدا

مەمەتجان ئۆمەر(سولدا) ھۆددىگەر جاڭ خۇڭشۆدىن بۇ يىللىق ئىشلەپچىقىرىش ئەھۋالىنى ئىگىلىمەكتە (6 - ئاينىڭ 14 - كۈنى تارتىلغان). □سۈن يىنەن فوتوسى

□ ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ۋېي يۇڭگۇي، جەزىرە نېسىپبېك

6 - ئاينىڭ 29 - كۈنى سائەت 10دا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش «1 - ئىيۇل ئوردېنى» تارقىتىش مۇراسىمى خەلق سارىيىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى غۇلجا ناھىيەسى ئونيار يېزىسى بۇلۇكەي كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ سابىق شۇجىسى مەمەتجان ئۆمەر شەرەپ بىلەن «1 - ئىيۇل ئوردېنى»غا ئېرىشتى.

«پارتىيە ماڭا مۇشۇنداق ئالىي شان - شەرەپنى بەردى، مەن ئىنتايىن ھاياجانلاندىم. بۇ، پارتىيەنىڭ ماڭا ئىشەنگەنلىكى ۋە مېنى رىغبەتلەندۈرگەنلىكى. مەن يۇرتۇمدىكى ھەر مىللەت ئاممىنى يېتەكلەپ مەڭگۈ پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، بۇلۇكەي كەنتىنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىپ قۇرۇپ چىقىمەن» دېدى ھېلىلا يىغىن مەيدانىدىن تۇرۇشلۇق جايغا يېتىپ كەلگەن مەمەتجان ئۆمەر.

مەمەتجان ئۆمەر بۇ يىل 69 ياشقا كىرگەن بولۇپ، 1981 - يىلى كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى بولغان، 2001 - يىلى كېسەل سەۋەبىدىن خىزمەت ئورنىدىن ئايرىلغان. 2006 - يىلى، ئاممىنىڭ ئۈمىدى بىلەن، ئۇ قايتىدىن يۇقىرى دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى تەرىپىدىن بۇلۇكەي كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىلىقىغا تەيىنلەنگەن، شۇ ئىشلىگىنىچە 12 يىل ئىشلەپ 2018 - يىلى پېنسىيەگە چىققان.

ئىلگىرىكى بۇلۇكەي كەنتى نامرات كەنت، قەرزدار كەنت، ئەرزىيەتچى كەنت ئىدى، بۈگۈنكى كۈندە، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىدىكى نەمۇنىچى كەنت، يېڭى يېزا قۇرۇلۇشىدىكى ئۈلگىلىك كەنت ۋە ئېكولوگىيەلىك كەنت، مەدەنىي كەنت، باي كەنتكە ئۆزگىرىپ، ئىلى ئوبلاستىنىڭ يېزا - كەنت قۇرۇلۇشىدىكى ئۈلگىگە ئايلاندى.

«بۇ، پېشقەدەم ياچېيكا شۇجىسى مەمەتجان ئۆمەرنىڭ كۆپچىلىكنى يېتەكلەپ كۈرەش قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى» دېدى بۇلۇكەي كەنتىنىڭ پارتىيە ياچېيكا شۇجىسى سەيىبەم مىرزەخمەت.

قۇدۇق قېزىش ئۆستەڭ چېپىش كۆۋرۈك ياساش

قىيىنچىلىققا قارشى ئىلگىرىلەيدىغان پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئاساسىي رېڭى

مەمەتجان ئۆمەر دادىسىدىن كىچىك قالغان، ئانىسى قايتا ياتلىق بولغان بولۇپ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت ئۇنى بېقىپ چوڭ قىلغان ۋە ئوقۇتقان. تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، مەمەتجان ئۆمەر كەنتكە قايتىپ دېھقانچىلىق قىلغان. ئۇ ئىشچان، ئەستايىدىل بولغانلىقتىن، كەنت پارتىيە ياچېيكىسى 1972 - يىلى ئۇنى ئىتتىپاق ياچېيكىسىنىڭ شۇجىلىقىغا تەيىنلىگەن. 1973 - يىلى 7 - ئايدا، ئۇ شەرەپ بىلەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن. «پارتىيەنىڭ شەپقىتىنى مەن بىر ئۆمۈر قايتۇرۇپ بولالمايمەن» دېدى مەمەتجان ئۆمەر.

1981 - يىلى، ئونيار يېزىلىق پارتىيە كومىتېتى 29 ياشلىق مەمەتجان ئۆمەرنى كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىلىقىغا تەيىنلىدى. ئۇ كۆپچىلىكنى يېتەكلەپ تىرىشىپ ئىشلىدى، بۇلۇكەي كەنتى ئۇدا نەچچە يىل پۈتۈن ناھىيە بويىچە ئىلغار بولدى.

ئەينى چاغدىكى بۇلۇكەي كەنتىدە مىڭ ئائىلىلىك 3700گە يېقىن ئادەم بار بولۇپ، تۇرمۇشتا ئىشلىتىدىغان سۇنى ئۈچ كىلومېتىر يىراقلىقتىكى بۇلۇكەي جىلغىسىدىن توشۇپ كېلىشكە توغرا كېلەتتى. سۇ بەك دۇغ بولغاچقا، بىر كۈن تىندۇرۇپ ئاندىن ئىشلەتكىلى بولاتتى.

مەمەتجان ئۆمەر بۇنى كۆرۈپ تىت - تىت بولدى. 1994 - يىلى، ئۇ كۆپچىلىكنى يىغىپ يىغىن ئېچىپ قۇدۇق قازماقچى بولدى.

«مەن ناھىيەدىكى ۋە بىڭتۇەن 4 - شىسىنىڭ سۇ - توك تېخنىكىنى ئىزدەپ تەھلىل قىلغۇزۇپ باقتىم، قۇدۇقنى 100 مېتىر چوڭقۇرلۇقتا قېزىش كېرەك ئىكەن. ئەينى چاغدا كەنتنىڭ 100 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىشىغا توغرا كېلەتتى» دېدى ئۇ.

خەۋەر تارقالغاندا بەزى كەنت ئاھالىلىرى پۇل ئىسراپ قىلغانلىق دەپ قاراپ قوشۇلمىدى. بەزى كەنت ئاھالىلىرى ئىنتايىن قوللىدى. ئۇلار مۇنداق دېدى: «قازايلى، ئەگەر ھەقىقەتەن سۇ بولمىسا، بىز تەن ئالىمىز».

100 مىڭ يۈەن ئاز پۇل ئەمەس ئىدى. مەمەتجان ئۆمەر كۆپچىلىككە قايتا - قايتا ئىدىيەۋى خىزمەت ئىشلىدى ھەم يېزىغا دوكلات قىلدى.

قۇدۇق قېزىش باشلاندى. ئۇ كېچە - كۈندۈز نەق مەيداندىن ئايرىلمىدى. 25 مېتىر، 50 مېتىر، 70 مېتىر... 105 مېتىرغا يەتكەندە، سۈزۈك بۇلاق سۈيى ئېتىلىپ چىقتى. تاتلىق قۇدۇق سۈيى، پۈتۈن كەنتتىكى قېرى - ياشنىڭ كۆزلىرىنى نەمدىدى.

بىر قۇدۇق پۈتۈن كەنتتىكىلەرنىڭ ئېھتىياجىنى پۈتۈنلەي قاندۇرالمايتتى. ئۇزاق ئۆتمەي، غۇلجا ناھىيەسى يېزىلارغا سۇ باشلاش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويدى. سۈپسۈزۈك تۇرۇبا سۈيى بۇلۇكەي كەنتىدىكى ھەممە ئائىلىلەرگە ئېقىپ كىردى.

بۇلۇكەي كەنتى ئېتىز سۇغىرىشتا يىراقتىكى توقاي ئۆستىڭىدىن سۇ باشلاشقا تايىناتتى، سۇ مىقدارى دائىم يېتىشمەيتتى. مەمەتجان ئۆمەر ئۆستەڭ چېپىپ سۇ باشلاپ كېلىشنى ئويلىدى.

ئۇ بىرقانچە كەنت كادىرىنى باشلاپ، بىر بۆلەك، بىر بۆلەكتىن ئۆلچەپ ۋە ھېسابلاپ، ئۆستەڭ يولى لىنىيەسىنى جەزملەشتۈردى. كەنتكە قايتقاندىن كېيىن ئۇ سەپەرۋەرلىك يىغىنى ئاچتى. يۇرتداشلارنىڭ قىزغىنلىقى يۇقىرى بولۇپ، ھەر كۈنى 500 - 400 ئادەم ئۇنىڭغا ئەگىشىپ چۆل - جەزىرىگە بېرىپ ئۆستەڭ چاپتى.

بىر ئايدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن كېيىن، تۆت كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى، بىر مېتىردىن كۆپرەك چوڭقۇرلۇقتىكى، ئۈستىنىڭ كەڭلىكى ئىككى مېتىر، تېگىنىڭ كەڭلىكى 80 سانتىمېتىر بولغان سۇ باشلاش ئۆستىڭىدە سۇ ئاقتى.

باشلاپ كېلىنگەن سۇ 1050 مو بوز يەرنى سۇغاردى، مەمەتجان ئۆمەر كۆپچىلىكنى يېتەكلەپ مېۋە كۆچىتى تىكتى. بۈگۈنكى كۈندە، بۇ مېۋىلىك باغ ھەر يىلى كەنتكە 200 مىڭ يۈەن كىرىم ئېلىپ كەلدى.

بۇلۇكەي جىلغىسى كەلكۈن قويۇۋېتىش جىلغىسى بولۇپ، كەنتنى ئىككىگە ئايرىۋەتكەنىدى، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ بېرىپ كېلىشى قولايسىز ئىدى. مەمەتجان ئۆمەر كۆپچىلىكنى باشلاپ تاش تېرىپ، قۇم توشۇپ، ياغاچ كۆتۈرۈپ، تېجىگەن پۇلغا سېمونت سېتىۋېلىپ، كۆۋرۈك سېلىشقا باشلىدى. بۇلۇكەي كەنتىنىڭ ئۆز كۈچىگە تايىنىپ كۆۋرۈك سالماقچى بولغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ناھىيەلىك ھۆكۈمەت پۇل ئاجرىتىپ كۆۋرۈك سالدى.

يەر ئېنىقلاش ھېساب تەكشۈرۈش ئىنتىزامنى چىڭىتىش

مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئالىدىغان خەلقچىللىق ھېسسىياتى

2001 - يىلى، مەمەتجان ئۆمەر كېسەل سەۋەبىدىن ئوپېراتسىيە قىلىنغاچقا، كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىلىقىنى ئۆتىمىدى.

بۇلۇكەي كەنتىنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرى ئۇدا نەچچە يىل چېكىنىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمى ئازىيىپ، كەنت كوللېكتىپى 500 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق قەرزگە بوغۇلۇپ قالدى، زىددىيەت، ماجىرالار كۆپىيىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ يۇقىرىغا ئەرز قىلىشى ئۈزۈلمىدى.

نۇرغۇن پارتىيە ئەزاسى ۋە ئامما ئولتۇرالماي قالدى، ئۇلار يېزىلىق پارتىيە كومىتېتىنى ئىزدەپ مەمەتجان ئۆمەرنىڭ داۋاملىق كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى بولۇشىنى تەلەپ قىلدى.

«شۇ يىلى، مەن ئۇنى ئىزدەپ بېرىپ پاراڭلىشىپ، ئۇنىڭغا سىز كەنتنىڭ ئەھۋالىنى بىرقەدەر چۈشىنىسىز، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى سىزنى كۈتۈۋاتىدۇ، يېزىلىق پارتىيە كومىتېتىمۇ سىزنىڭ بۇ ئېغىر يۈكنى ئۈستىڭىزگە ئېلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىدۇ، دېدىم.» غۇلجا ناھىيەلىك سىياسىي كېڭەش پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن رەئىس لى چېڭ شۇ چاغدا ئونيار يېزىلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ئىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «مەمەتجان ئۆمەرنىڭ پارتىيەۋىلىكى ناھايىتى كۈچلۈك بولۇپ، شۇ ھامانلا تەشكىلنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا بويسۇنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى».

ئۇرۇق - تۇغقان، دوست - بۇرادەرلىرى مەمەتجان ئۆمەرگە بۇ «ۋەيرانە تەنزە»نى قولىغا ئالماسلىققا نەسىھەت قىلدى، لېكىن مەمەتجان ئۆمەر مۇنداق دېدى: «مەن كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاسى. پارتىيە تەشكىلاتى ۋە يۇرتداشلار ماڭا ئىشەندى. مەن قاچقۇن ئەسكەر بولسام بولمايدۇ».

مەمەتجان ئۆمەر پارتىيە ئەزالىرى ۋە بىر قىسىم كەنت ئاھالىلىرىنى بىر - بىرلەپ زىيارەت قىلىپ، مەسىلىلەرنى بايقىدى: بەزى كادىرلارنىڭ ئىدىيەسى چېچىلاڭغۇ، بەنزە ئىتتىپاق ئەمەس ئىدى؛ بەزى كادىرلار چىرىكلەشكەن بولۇپ، كوللېكتىپ يېرىنى تۆۋەن باھادا ھۆددىگە ئېلىپ پايدا ئالغانىدى.

«پارتىيە ئەزالىرى پارتىيە بايرىقى ئاستىدا قەسەم بەرگەن، ئىنتىزامغا، قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان ئادەم ۋە ئىشلارغا قارشى كۈرەش قىلىشقا جۈرئەت قىلىشى كېرەك.» پارتىيە ئەزالىرى يىغىنىدا، مەمەتجان ئۆمەر سۆزلىگەنسېرى ھاياجانلىنىپ: «بىز پارتىيەنىڭ ئەڭ ئاساسىي قاتلامدىكى ۋەكىلى، بازىنى چوقۇم چىڭ ساقلىشىمىز، بازىنى ياخشى قۇرۇشىمىز كېرەك» دېدى.

يىغىن ئېچىپ بولغاندىن كېيىن، مەمەتجان ئۆمەر پارتىيە ئەزالىرىنى تەشكىللەپ ئىككى گۇرۇپپا قۇردى، بىر گۇرۇپپا ھېساباتنى تەكشۈردى، بىر گۇرۇپپا يەرنى تەكشۈردى ھەم كەنت ئاھالىسى ۋەكىللىرىنى نازارەت قىلىشقا تەكلىپ قىلدى.

يۈز - خاتىر قىلماي، ئادىل، خالىس بولۇپ، مەمەتجان ئۆمەر ئىككى گۇرۇپپىنى يېتەكلەپ مەسىلىنى تېگى - تەكتىدىن تەكشۈرۈپ ئېنىقلىدى. كەنت «ئىككى كومىتېت»ى كەنت كادىرلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئۇرۇق - تۇغقانلىرى تۆۋەن باھادا ھۆددىگە ئېلىۋالغان كوللېكتىپنىڭ يېرىنى قەتئىيلىك بىلەن قايتۇرۇۋالدى ھەم قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە بازار باھاسىدا ئاشكارا ھالدا باھا تالاشتۇرۇپ ھۆددىگە بەردى. كەنت «ئىككى كومىتېت»ى قىسمەن كادىرلارنىڭ خىيانەتچىلىك مەسىلىسىنى ئىنتىزام، بەلگىلىمە بويىچە قانۇن يۈرگۈزۈش ئورگانلىرىنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرۇپ بەردى.

بۇلۇكەي كەنتىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا تەسىر كۆرسىتىۋاتقان كېسەللىك ئوچىقى يوقىتىلغاندىن كېيىن، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كەيپىياتى تۇراقلاشتى، زىددىيەت - ماجىرالار تېزلىكتە ئازايدى. كەنتنىڭ كوللېكتىپ كىرىمى ئىككىنچى يىلى 1 مىليون 300 مىڭ يۈەندىن ئاشتى. پارتىيە ياچېيكىسى ئاممىنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشتى، بارغانسېرى كۆپ ياش پارتىيەگە كىرىش ئىلتىماسى سۇندى. نۆۋەتتە، پۈتۈن كەنتتىكى پارتىيە ئەزالىرىنىڭ سانى كۆپىيىپ 82گە يەتتى.

كۈچىيىش گۈزەللىشىش بېيىش

پارتىيە بايرىقى كەنتتە ئېگىز جەۋلان قىلدى

مۈلۈك ئېنىقلىنىپ، ئىستىل توغرىلىنىپ، ئىنتىزام چىڭىتىلدى، مەمەتجان ئۆمەر كۆپچىلىكنى يېتەكلەپ ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىپ، يەنە بىر قېتىم تەرەققىياتنى كۆزلەشتىكى «تايانچ»قا ئايلاندى.

1994 - يىلى پارتىيەگە كىرگەن ما يۈلىننىڭ ئائىلىسى بۇلۇكەي كەنتىدىكى تۇخۇم توخۇسى باقمىچىلىق چوڭ ئائىلىسى ئىدى. ئۇ مەمەتجان ئۆمەرنىڭ ئۆزىگە ئىلھام بەرگەنلىكى ۋە ياردەم قىلغانلىقىنى ئۇنتۇپ قالمايدۇ.

«2001 - يىلى مەن 700 - 600 توخۇ باقتىم. پېشقەدەم ياچېيكا شۇجىسى مېنى ئىزدەپ كېلىپ كەنتتە باقمىچىلىق كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك، سىز پارتىيە ئەزاسى، چوقۇم ئالدىدا مېڭىپ، باقمىچىلىق كۆلىمىنى كېڭەيتىشىڭىز كېرەك، دېدى.» ما يۈلىن مۇنداق دېدى: «پېشقەدەم ياچېيكا شۇجىسىنىڭ قوللىشى ۋە ماسلاشتۇرۇشى بىلەن، كەنت ئاھالە كومىتېتى كەنت ئاھالىلىرى يىغىنى ئېچىپ، كېرەكسىز خۇمدان جايلاشقان بىر پارچە بوز يەرنى ماڭا ئىجارىگە بېرىشكە قوشۇلدى. شۇ يىلى مەن 20 مىڭ توخۇ باقتىم».

2011 - يىلى مەمەتجان ئۆمەر ما يۈلىنگە كۆلەمنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، ماشىنىلاشقان باقمىچىلىقنى يولغا قويۇش تەكلىپىنى بەردى، ھەم ما يۈلىننى باشلاپ بېرىپ بورتالا شەھىرىدە ئەھۋال ئىگىلىدى.

قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، مەمەتجان ئۆمەر ناھىيە رەھبەرلىرىگە دوكلات قىلىپ، ما يۈلىننىڭ ياردەم ئۆسۈملۈك قەرز پۇل ئىلتىماس قىلىپ، يېڭى توخۇ فېرمىسى قۇرۇپ، باقمىچىلىق كۆلىمىنى 150 مىڭ توخۇغا كېڭەيتىشىگە ياردەم قىلدى.

بۈگۈنكى كۈندە، ما يۈلىننىڭ توخۇ فېرمىسىنىڭ باقمىچىلىق كۆلىمى 300 مىڭ توخۇغا يەتتى، 2020 - يىلى يىللىق مەھسۇلات قىممىتى 13 مىليون يۈەنگە يېتىپ، 800 مىڭ يۈەن پايدا يارىتىپ، مۇشۇ كەنتتىكى 30 نەچچە ئارتۇق ئەمگەك كۈچىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلدى. پۈتۈن كەنتنىڭ تۇخۇم توخۇسى باقمىچىلىق كۆلىمى 500 مىڭ توخۇدىن ئېشىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرىدىغان مۇھىم كەسىپكە ئايلاندى.

يەرنىڭ ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن، مەمەتجان ئۆمەر پارتىيە ئەزالىرىنى باشلاپ ئالما كۆچىتىنىڭ يېڭى سورتىنى سىناق تەرىقىسىدە تىكتى، مۇۋەپپەقىيەت قازانغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ تەكلىپ بېرىشى بىلەن كەنت «ئىككى كومىتېت»ى كوللېكتىپنىڭ ئەڭ ياخشى يېرىدىن 1000 مونى ئاجرىتىپ، كۆپچىلىكنى بۇ يەرنى ھۆددىگە ئېلىپ ئالما تېرىشقا سەپەرۋەر قىلدى. نۆۋەتتە، كەنتتە 3000 مولۇق ئالمىلىق باغ بار بولدى، ھەر مو يەرنىڭ ئوتتۇرىچە پايدىسى 600 نەچچە يۈەندىن 2000 نەچچە يۈەنگە ئۆستى.

2001 - يىلى، مەمەتجان ئۆمەر كۆپچىلىكنى نەسىللىك سىيىر بېقىشقا سەپەرۋەر قىلدى. نەسىللىك سىيىرنىڭ باھاسى يۇقىرى بولغاچقا، قەرز ئېلىشقا توغرا كېلەتتى. ئۇ ياچېيكا كومىتېتى يىغىنى ئېچىپ ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈردى، كەنت «ئىككى كومىتېت»ى قوشۇلغاندىن كېيىن كەنت ئاھالىلىرى يىغىنىدا ئاۋازغا قويۇش ئارقىلىق، ئاز سوممىلىق قەرز پۇل كېپىللىك مەركىزى قۇرۇلدى، كەنت كوللېكتىپى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ قەرز پۇل ئېلىشىنى كېپىللىك بىلەن تەمىنلىدى.

«شۇ يىلى، كەنتنىڭ كېپىل بولۇشى بىلەن، مەن 10 مىڭ يۈەن قەرز پۇل ئالدىم، ئۇنىڭغا ئۆزۈم يىغقان پۇلۇمنى قوشۇپ، ئۈچ تۇياق كالا سېتىۋېلىپ، بىر يىلدا 10 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇل تاپتىم» دېدى كەنت ئاھالىسى تاشمەمەت جاپپار.

نۆۋەتتە، بۇلۇكەي كەنتىنىڭ نەسىللىك سىيىر باقمىچىلىقى يوقلۇقتىن بارلىققا كېلىپ، كۆلەملەشكەن باقمىچىلىق ئۈلگە نۇقتىسى بولۇپ قۇرۇلدى.

بۇنىڭدىن باشقا، بۇلۇكەي كەنتى يۇقىرىدىن 5 مىليون 40 مىڭ يۈەن مەبلەغنى قولغا كەلتۈرۈپ، 8000 مو تۆۋەن ھوسۇللۇق ئېتىزنى يۇقىرى ھوسۇللۇق ئېتىزغا ئۆزگەرتتى.

2020 - يىلى، بۇلۇكەي كەنتىنىڭ كوللېكتىپ كىرىمى 2 مىليون 200 مىڭ يۈەنگە يەتتى، كىشى بېشى ساپ كىرىمى 19 مىڭ 523 يۈەن بولدى، بۇ يىل كەنتتە كوللېكتىپ كىرىمىنىڭ 3 مىليون يۈەندىن ئېشىشى مۆلچەرلەندى.

«پېشقەدەم ياچېيكا شۇجىسىنىڭ پارتىيەلىك كادىرلارنى يېتەكلەپ قىلغان ھەربىر ئەمەلىي ئىشى، ياخشى ئىشى كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەپ، بۇنىڭدىن كېيىنكى تەرەققىياتنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلىدى.» سەيىبەم مىرزەخمەت مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ پارتىيە ياچېيكىمىزدىكى بارلىق پارتىيەلىك كادىرلار پېشقەدەم ياچېيكا شۇجىسىنى ئۈلگە قىلىپ، جان - دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ئاساسىي مەقسىتىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، پارتىيە بايرىقىنى بۇلۇكەي كەنتىدە ئېگىز جەۋلان قىلدۇرىمىز».

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.