تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

​پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، نەتىجىلەرنى خىزمەت نەتىجە - ئۈنۈمىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك

جاڭ چۇنلىن بايىنغولىن ئوبلاستىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى

​پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، نەتىجىلەرنى خىزمەت نەتىجە - ئۈنۈمىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك

ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ شياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 6 - ئاينىڭ 25 - كۈنىدىن 26 - كۈنىگىچە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، تارىم دەرياسى ئېقىن رايونىنىڭ دەريا باشلىقى جاڭ چۇنلىن پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى بويىچە ئالاقىلىشىش نۇقتىسى بولغان بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. جاڭ چۇنلىن مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، 100 يىللىق پارتىيە تارىخىدىن مەنىۋى ئوزۇق قوبۇل قىلىپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش، ئىدىيەنى ئۆزلەشتۈرۈش، ئەمەلىي ئىش قىلىش، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

كورلا شەھىرىدىكى ئىتتىپاق مەسچىتىدە، جاڭ چۇنلىن دىنىي پائالىيەتلەرنىڭ قانات يايدۇرۇلۇش ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتى ئاساسىي فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭدا ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، دىننى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

جاڭ چۇنلىن كورلا شياڭكۇ يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى نېفىت - نېفىت خىمىيە كەسىپلەر باغچىسىغا كېلىپ، باغچە رايونىدىكى نۇقتىلىق تۈر قۇرۇلۇشلىرىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى نەق مەيداندا ئىگىلىدى ھەم تۈر قۇرۇلۇشلىرىدا يولۇققان ئەمەلىي قىيىنچىلىق ۋە مەسىلىلەرنى ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلىپ، تۈر قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتتى.

جاڭ چۇنلىن يەنە ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ كورلا شەھىرىنىڭ يېڭىشەھەر يېزىسى قاراباغ كەنتى، كورلا شەھىرى سايدۆڭ باغۋەنچىلىك مەيدانىنىڭ 10 - تارماق مەيدان مېۋىلىك بېغى، بايىنغولىن ئوبلاستلىق يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ كېۋەز تەجرىبە ئېتىزىغا بېرىپ، يېزىلاردىكى چوڭ - كىچىك كوچىلار، ئېتىز - ئېرىق باشلىرىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش، ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەش، باغ - ئورماندىكى كېسەللىك ۋە ھاشارات زىيىنىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، كېۋەز سورتىنى سېلىشتۇرۇپ تەجرىبە قىلىش ۋە ئېتىز - ئېرىق پەرۋىشى قاتارلىق خىزمەتلەرنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ شۇ جايدىكى ئاممىنى شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ نەشپۈت، ئالما، پاختا قاتارلىق خاس كەسىپلەرنى ياخشى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، كەنت قىياپىتىنى سىجىل ياخشىلاپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇشقا ئىلھاملاندۇردى.

تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش سەپىرىدە، جاڭ چۇنلىن دېھقان ئائىلىلىرىنى ئىختىيارىي زىيارەت قىلىپ، يېزىلاردىكى ھاجەتخانىلارنى ئۆزگەرتىش خىزمىتىنى تەكشۈردى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: ئاممىنىڭ ئەمەلىي ئېھتىياجىنى چىقىش قىلىپ، يېزىلاردىكى ھاجەتخانىلارنى ئۆزگەرتىش خىزمىتىنى قەتئىي ياخشى تۇتۇپ، دېھقانلار ئاممىسىنىڭ تۇرمۇش سۈپىتى ۋە بەخت كۆرسەتكۈچىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش كېرەك.

كورلا شەھىرى شىڭچېڭ كوچا باشقارمىسى نەنخۇ مەھەللىسىدە، جاڭ چۇنلىن مەھەللە كادىرلىرى، مۈلۈك باشقۇرۇش مۇلازىمەت خادىملىرى بىلەن چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: مەھەللە پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق يېتەكچىلىك قىلىشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، «مەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» تېمىسىدىكى ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، ھەقىقىي تۈردە ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىشى، ياخشى ئىش قىلىپ بېرىشى، قىيىن ئىشلارنى ھەل قىلىپ بېرىشى كېرەك.

جاڭ چۇنلىن يەنە كورلا شەھىرى چېنشىڭ 2 - نومۇرلۇق ئولتۇراق رايونىغا كېلىپ، كونا ئولتۇراق رايونلارنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى ئەھۋالىنى ئىگىلىدى؛ كورلا نەشپۈتى نانچىلىق كەسىپلەر باغچىسى، شىنجاڭ كەيرۈيكې يېمەكلىك پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتىگە بېرىپ، كارخانىلارنىڭ تىجارەت ئەھۋالىنى ئىگىلىدى.

تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش مەزگىلىدە، جاڭ چۇنلىن تارىم دەرياسى ئېقىن رايونى دەريا باشلىقلىرى دەريا چارلاش سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، تارىم دەرياسىنى باشقۇرۇش، قوغداش خىزمىتىنى تەتقىق قىلدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى.

جاڭ چۇنلىن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى سەپەرۋەرلىك يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىش، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىش، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ مۇھىم ئەمەلىيىتى قىلىش كېرەك؛ تەربىيە نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، «مەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» تېمىسىدىكى ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى ياخشى تۇتۇپ، بەلگىلەنگەن ۋاقىت ئىچىدە ياخشى ئىشنى ياخشى قىلىش، ئەمەلىي ئىشنى پۇختا قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك؛ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى سىجىل مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىشنى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇپ، ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى ياخشىلاپ، يېزا - كەنت كەسىپلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە زورايتىش كېرەك؛ تارىم دەرياسى ئېقىن رايونىنىڭ مۇلازىمەت قىلىش، باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئېقىن رايونىدىكى ھەرقايسى جايلارنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت ئىشلىرىنىڭ ساغلام، ئۇزاق مۇددەتلىك تەرەققىياتىنى كۈچلۈك سۇ بايلىقى كاپالىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك؛ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، جەمئىيەت مۇقىملىقى، يۇقۇمنىڭ دائىملىق ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ يەنە يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تىرىشىپ تۈرتكە بولۇش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.