تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

​يېزا - كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ئەزالىرى ئاپتونوم رايون ئىچىدە مەخسۇس تېمىلىق كۆزدىن كەچۈرۈشنى قانات يايدۇردى

​يېزا - كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يۈنمېي، ئىختىيارىي مۇخبىر جاڭ يىڭچۇن خەۋەر قىلىدۇ: 7 - ئاينىڭ 7 - كۈنىدىن 9 - كۈنىگىچە، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ئەزالىرى پائالىيىتىنىڭ چاقىرغۇچىسى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن ۋە مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق قىسمەن ئەزالىرى خوتەن ۋىلايىتى، ئاقسۇ ۋىلايىتىگە بېرىپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش ۋە ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ئەھۋالىنى چۆرىدەپ، مەخسۇس تېمىلىق كۆزدىن كەچۈرۈشنى قانات يايدۇردى.

ئۈچ كۈندىن بۇيان، نۇرلان ئەبىلمەجىن ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى كارخانا، مەھەللە، يېزا - كەنتلەرگە چوڭقۇر چۆكۈپ، كارخانا مەسئۇللىرى، ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىشنى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇش ئەھۋالى ھەم چۆللۈكنى كۆكەرتىش، دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولۇش، باغ - ئورمان كەسپىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەپسىلىي ئىگىلىدى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يۈزتۇرا تەشۋىق قىلىپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى «1 - ئىيۇل»دا قىلىنغان مۇھىم سۆزنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشقا، ئىدىيەگە سىڭدۈرۈپ، ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، پۇختا بولۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئەمەلىي ئىش، ياخشى ئىشلارنى ئاممىنىڭ كۆڭلىدىكىدەك قىلىپ، ئاممىنىڭ رازى بولۇش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، ئاممىنىڭ بەخت تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەردە جاسارەت بىلەن يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشقا ئىلھاملاندۇردى، چاقىردى.

خوتەن ۋىلايىتىدە، ئەزالار ھەرقايسى ناھىيەلەردىكى كەسىپلەر باغچە رايونلىرىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش، ئاياغ تىكىش، يالغان چاچ ياساش ھەم خاس تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق كارخانىلىرىنى زىيارەت قىلىپ، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇش، شەھەر - يېزىلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى تېزلىتىش، يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈردى. نۇرلان ئەبىلمەجىن مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: خوتەن ۋىلايىتى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دىققەتنى خاس ئەۋزەل كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نىشان - ۋەزىپىلىرىنى قەرەلىدە تاماملىدى. ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كەسىپلەرنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ زورىيىشى، كۈچىيىشىگە تۈرتكە بولۇپ، دېھقانلارنىڭ ئۆز جايىدا، يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلىشىشى، كىرىمىنى سىجىل مۇقىم ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ، كېڭەيتىپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

ئاقسۇ ۋىلايىتىدە، ئەزالار دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسى، كۆكيار خاتىرە سارىيى، نانچىلىق كەسىپلەر باغچىسى، توقۇمىچىلىق سانائەت شەھەرچىسى قاتارلىقلارنى تەكشۈردى. نۇرلان ئەبىلمەجىن مۇنداق دېدى: ئاقسۇ ۋىلايىتى شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسى ۋە «سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق» ئىدىيەسىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، يېشىل تەرەققىياتنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، ئېكولوگىيەلىك بايلىق ئەۋزەللىكىنى ئېكولوگىيەلىك كەسىپنىڭ كۈچلۈك ئەۋزەللىكىگە ئايلاندۇرۇپ، يېزا - كەنتلەرنىڭ گۈللىنىشىگە كۈچەپ تۈرتكە بولدى. «كۆكيار روھى»نى داۋاملىق زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە ئېكولوگىيەلىك بايلىقىنى ئېكولوگىيەلىك كەسىپكە ئايلاندۇرۇپ، ئېكولوگىيەلىك كەسىپنى ئېكولوگىيە ئۈنۈمىگە ئايلاندۇرۇپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە مۇھىت قوغداشنى ماسلاشتۇرۇپ تەڭ ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

ئەزالار مۇنداق تەكلىپ بەردى: يەرلىك ئىختىساسلىقلارنى چوڭقۇر قېزىپ، بىر تۈركۈم ئىشلەپچىقىرىش ماھىرلىرى، تىجارەت قابىللىرى، قابىل ھۈنەرۋەنلەر، يېزا - كەنت كەسپىي تېخنىك خادىملىرى قاتارلىقلارنى كۈچەپ يېتىشتۈرۈپ، ئېتىبار بېرىش سىياسىتى ۋە سۇپا بىلەن تەمىنلەپ، ئۇلارنى ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرۇپ، تۆھپە قوشۇپ چوڭ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش كېرەك. يېزا مۇھىتىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەشنى كۈچەيتىپ، يېزا مۇھىتىنى قوغداش سېلىنما سالمىقىنى زورايتىپ، ئاسمىنى كۆك، يېرى يېشىل، سۈيى سۈزۈك گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

كۆزدىن كەچۈرۈش داۋامىدا، ئەزالار يەنە قۇربان تۇلۇم خاتىرە سارىيىغا بېرىپ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇردى.

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ئەزالىرىدىن مۇتەللىپ قاسىم، ماغاۋ سېيىتقامزا، ھۆرىگۈل جاپپار قاتارلىقلار كۆزدىن كەچۈرۈشكە قاتناشتى. ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى دوۋ ۋەنگۇي، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ باش كاتىپى گاۋ جياڭخۇەي بىرلىكتە كۆزدىن كەچۈردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.