تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك

نۇرلان ئەبىلمەجىن ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى

پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يۈنمېي، ئىختىيارىي مۇخبىر جاڭ يىڭچۇن خەۋەر قىلىدۇ: 7 - ئاينىڭ 5 - كۈنىدىن 6 - كۈنىگىچە، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى بويىچە ئالاقىلىشىش نۇقتىسى بولغان ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىغا بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى بىر تۈرلۈك مۇھىم، زور سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ يادرولۇق مەزمۇنى قىلىپ، ئاپتونوم رايونلۇق 9 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 12 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ تەلىپى بويىچە، يۇقىرى ئۆلچەمدە پىلانلاپ، يۇقىرى سۈپەتتە ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ھەقىقىي تۈردە ئۆگىنىش نەتىجە - ئۈنۈمىنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى جاسارەت بىلەن ئالغا سىلجىتىشتىكى خىزمەت ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىگە ۋە ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئايلاندۇرۇش كېرەك.

نۇرلان ئەبىلمەجىن غۇلجا شەھىرى، قورغاس شەھىرىگە كېلىپ، ئىلى ئوبلاستىنىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى بويىچە «مەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» تېمىسىدىكى نۇقتىلىق قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، باغۋەنچىلىك، كىيىم - كېچەك، نانچىلىق قاتارلىق ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرىغا بېرىپ، كارخانا مەسئۇللىرى، ھەر مىللەت ئىشچى - خىزمەتچىلەر بىلەن سەمىمىي پاراڭلاشتى، ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت، ئەمگەك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئىگىلىدى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش بىلەن بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئەمەلىي ئىش، ياخشى ئىشلارنى ئاممىنىڭ كۆڭلىدىكىدەك قىلىپ، يېزا - كەنتلەرنى كەسىپلەر ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش، ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش، مەدەنىيەت ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش، ئېكولوگىيە ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش، تەشكىل ئارقىلىق گۈللەندۈرۈشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، ئاممىنىڭ رازى بولۇش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، ئاممىنىڭ بەخت تۇيغۇسىنى كۈچەيتىش كېرەك.

غۇلجا شەھىرىنىڭ قارادۆڭ يېزىسى يېزا - كەنت ساياھىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش يولىدا پائال ئىزدىنىپ، ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەش بويىچە يېتەكلەش، يۆلەش سالمىقىنى زورايتتى. بۈگۈنكى كۈندە دۇڭلياڭ كەنتى 5 - كوچىسى توردا ئالقىشلانغان ئۆزگىچە تائاملار كوچىسىغا ئايلىنىپ، پۈتۈن كەنتنىڭ يىللىق ساياھەتچى كۈتۈۋېلىش مىقدارىنىڭ 20 مىڭ ئادەم قېتىمغا يېتىشىگە، كىشى بېشى كىرىمىنىڭ 1200 يۈەن كۆپىيىشىگە تۈرتكە بولدى. نۇرلان ئەبىلمەجىن تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق كۆرسەتتى: يېزا - كەنتلەرنىڭ كەسىپ تەرەققىيات يىرىك پىلانىنى ياخشى تۈزۈپ، ئىستىراھەت يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزا - كەنت ساياھىتىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يۇقىرى ساپالىق دېھقانلار قوشۇنىنى يېتىشتۈرۈشكە يېتەرلىك كۈچ سەرپ قىلىپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش مەزگىلىدە، نۇرلان ئەبىلمەجىن سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، ئىلى ئوبلاستىنىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتىنى ئاڭلىدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي چۈشىنىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئىلى ئوبلاستىدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى قەتئىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىشكە يەنىمۇ كۆڭۈل قويۇپ، ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىشكە يەنىمۇ چىن ھېسسىيات سىڭدۈرۈپ، ئاچقۇچلۇق تۈگۈن - نۇقتىلارنى ئىگىلەشكە يەنىمۇ كۈچەپ، ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىشتىكى كۆتۈرەڭگۈ جۇشقۇن روھنى يەنىمۇ ئۇرغۇتۇشقا تەشكىللەپ، يېتەكلەپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىدە ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىسىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىشنى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇپ ئالغا سىلجىتىپ، تەشكىلىي رەھبەرلىكنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، كەسىپ ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ياخشى تۇتۇپ، گۈزەل يېزا - كەنت قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى تېخىمۇ كۆپ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىغا ئىگە قىلىش كېرەك. مەۋقەنى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قويۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، تەرەققىيات ۋە بىخەتەرلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، خەلق تۇرمۇشىغا يېقىنلىشىپ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇلۇشىغا پائال سىڭىشىپ، «ئىككى قورغاس، ئىككى غۇلجا»نى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇش ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئىلى ئوبلاستلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چيۇ شۇخۇا قاتارلىقلار بىللە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.