ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتى 10 - قېتىملىق ئومۇمىي يىغىن ئاچتى
يېڭى مۇساپىدە شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى پۈتۈش كېرەك
ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 7 - ئاينىڭ 9 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتى 10 - قېتىملىق ئومۇمىي يىغىن ئاچتى، يىغىندا شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى يېتەكچى قىلىنىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ئەستايىدىل ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئاپتونوم رايونلۇق 9 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ 12 - ئومۇمىي يىغىنى ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھى ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، كېيىنكى يېرىم يىللىق خىزمەتلەر ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى، ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، كۈچنى مۇجەسسەملەپ، يېڭى مۇساپىدە شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى تىرىشىپ پۈتۈپ چىقىش تەلەپ قىلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.
يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزى يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاشتىكى سىياسىي خىتابنامىسى، پارتىيەمىزنىڭ خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، تارىخنى ئەينەك قىلىپ، كەلگۈسىنى يارىتىشتىكى ھەرىكەت كۆرسەتمىسى. يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي چۈشىنىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ تەلىپى بويىچە، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى بىر تۈرلۈك مۇھىم، زور سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، روھىي ماھىيىتىنى تولۇق ئىگىلەش، يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنىنى ئىگىلەش جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىپ، قەتئىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، تۈرلۈك خىزمەتلەردە باشتىن - ئاخىر دىققەتنى «دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى»غا مەركەزلەشتۈرۈش، توغرا سىياسىي يۆنىلىشنى ساقلاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، دىققەتنى ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ تۈرلۈك نۇقتىلىق خىزمەتلىرىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇپ، يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى ئۈزلۈكسىز يارىتىش كېرەك. مۇقىملىقنى قوغداشتىن ئىبارەت بۇ كىرىچنى ھەر ۋاقىت چىڭىتىپ، جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىم بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش؛ يۇقۇمنىڭ دائىملىق ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى ياخشى قىلىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ئۈچۈن ياخشى مۇھىت يارىتىش؛ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى ياخشى تۇتۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى، مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى ھەقىقىي ياخشى قوغداش؛ مەۋقەنى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قويۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىز ئىقتىسادىنىڭ ئايلىنىش ۋەزىيىتىگە ئىلمىي ھۆكۈم قىلىپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى، سانائەت ئىشلەپچىقىرىشى، ئۈچ كەسىپنىڭ تەرەققىياتى، تۈر قۇرۇلۇشى، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشى، يېڭىچە شەھەر - بازارلاشتۇرۇش، سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ كىرىمنى ئاشۇرۇش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىشنى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇش، مالىيە - باج، پۇل مۇئامىلە، نۇقتىلىق ساھە ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلاردىكى ئىسلاھات، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش قۇرۇلۇشى، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتى قاتارلىق تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا تۇتۇپ، ياخشى تۇتۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا پۇختا تۈرتكە بولۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ «14 - بەش يىل»دا ئىشنى ياخشى باشلىشى، قەدەمنى ياخشى ئېلىشىنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلەش كېرەك.
يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ھۆكۈمەتنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئۈنۈم ئىقتىدارىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، تۈرلۈك نىشان - ۋەزىپىلەرنى تاماملاشنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈپ، ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ يۇقىرى دولقۇنىنى تېزدىن قوزغاپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىدىن جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش كۈچىنى قوبۇل قىلىش؛ پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشتا ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇپ، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان سىياسىي ئېكولوگىيەنى يارىتىش؛ ئىستىل قۇرۇلۇشىنى توختىماي كۈچەيتىپ، «ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش» مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، «تېز ئەمەلىيلەشتۈرۈش» مەسئۇلىيىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، «ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى بىلىش» ئىقتىدارىنى تاۋلاپ، پۈتۈن يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ نىشان - ۋەزىپىلىرىنى تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن تۇنىياز يىغىنغا قاتناشتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى چېن ۋېيجۈن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.