تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

پارتىيە تارىخى لېكسىيەسى ئاممىباب تىلدا سۆزلىنىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىندى

قومۇل:

پارتىيە تارىخى لېكسىيەسى ئاممىباب تىلدا سۆزلىنىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىندى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى قومۇل مۇخبىرلار پونكىتىدىن يې سۈي

«لاۋ ۋۇ، بۈگۈن بىزگە نېمە توغرىسىدا لېكسىيە سۆزلەپ بېرىسىز؟ تېز دەڭە!» «باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ <1 - ئىيۇل>دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى توغرىسىدا لېكسىيە سۆزلەيمەن.» 7 - ئاينىڭ 6 - كۈنى، قومۇل شەھىرى ئېۋىرغول رايونىنىڭ ئاستانە بازىرىدىكى يېڭى دەۋر مەدەنىيلىكى - ئەمەلىيىتى مەركىزىدە، ۋۇ شيەنمىڭ تېخى ئورنىدا ئولتۇرماي تۇرۇپلا، بەكرى پەيزۇللا تاقەتسىزلىك بىلەن سوئال سوراشقا باشلىدى.

2017 - يىلى ۋۇ شيەنمىڭ ئاستانە بازىرى ئانار دانىسى لېكسىيە ئەترىتىگە قاتنىشىپ پۇقرا تەشۋىقاتچىغا ئايلاندى، «پارتىيە پۇقرالارنى بەختلىك تۇرمۇشقا ئېرىشتۈردى، ئەتراپىمىزدا بارلىققا كەلگەن ئىشلار دەل ئەڭ ياخشى تەشۋىقات ھېكايىلىرىدۇر».

كەنت ئاھالىسى ئايىت يۈسۈپ مۇنداق دېدى: «ۋۇ شيەنمىڭنىڭ لېكسىيەسىنى ئاڭلاش ئارقىلىق، پارتىيەنىڭ تارىخى ۋە خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنى چۈشەندۇق. قاراڭ، مەن ھەممىنى كىچىك دەپتەرگە خاتىرىلىۋالدىم، قايتىپ بېرىپ قوشنىلارغا سۆزلەپ بېرىمەن».

نۆۋەتتە، ئانار دانىسى لېكسىيە ئەترىتىنىڭ 30 نەچچە ئەزاسى بار، ئۇلار ھەم بازاردىكى پۇقرا تەشۋىقاتچىلار، شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى پىدائىيلار. پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ئانار دانىسى لېكسىيە ئەترىتى مەكتەپ، دوختۇرخانا، كەنت(مەھەللە)لەرگە چوڭقۇر چۆكۈپ لېكسىيە سۆزلەشنى قانات يايدۇردى.

كې جۈنشيۇمۇ پۇقرا تەشۋىقاتچى بولۇپ، كۆپ يىللىق لېكسىيە سۆزلەشتىن پۇقرالارنىڭ قەلبىدە «تۈگۈن» بارلىقىنى، بۇنى پۇقرا تەشۋىقاتچىلارنىڭ يېشىشىگە توغرا كېلىدىغانلىقىنى بايقىدى، شۇڭا ئۇ قەيەرگە بارسا، شۇ يەرگىچە تەشۋىق قىلدى.

پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، قومۇل شەھىرىدىكى ھەرقايسى يېزا - بازار(كوچا باشقارمىسى)لار، كەنت(مەھەللە)لەردىكى پۇقرا تەشۋىقاتچىلار يېڭى دەۋر مەدەنىيلىكى ئەمەلىيەت مەركىزىگە تايىنىپ، كۆپ خىل شەكىلدە پارتىيە تارىخىدىن لېكسىيە سۆزلەش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى. پۇقرا تەشۋىقاتچىلار ئۆز ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئەڭ ئاددىي تىلدا لېكسىيە سۆزلەپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، ئەمەلىيلىشىشىگە يەنىمۇ تۈرتكە بولدى.

7 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىنىڭ بىۋاسىتە تارقىتىلىشىنى كۆرگەندىن كېيىن، گو رۈيئې ئۇزاققىچە ھاياجېنىنى باسالمىدى. 7 - ئاينىڭ 5 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، گو رۈيئې ئۆيىدە «پارتىيەنىڭ ئىللىقلىقى قەلبىمىزنى يورۇتتى» ناملىق كۇەيبەن تېكىستىنى ئىجاد قىلىشقا باشلىدى، يېزىپ بولغاندىن كېيىن يان تېلېفوندا سىنغا ئېلىپ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كۆرۈشى ئۈچۈن تەمىنلىمەكچى بولدى.

گو رۈيئې باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيەسى شىرىنزا يېزىسى سەنشىلى گۈەنزە كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى، شۇنداقلا كەنتتىكى خېلى نامى بار پۇقرا تەشۋىقاتچى. مىجەزى ئوچۇق گو رۈيئې يۇرتداشلار ياقتۇرىدىغان كۇەيبەن ئارقىلىق لېكسىيە سۆزلەشنى قانات يايدۇردى، جاراڭلىق، راۋان كۇەيبەن تېكىستى شىرىنزا يېزىسىدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىنى سۈرەتلەپ بەردى، شۇنداقلا پارتىيەنىڭ ياڭراق ساداسىنى كەنتنىڭ ھەربىر بۇلۇڭ - پۇچقاقلىرىغىچە يەتكۈزدى.

«كۇەيبەن شەكلىدە سۆزلەنگەن لېكسىيەنى ھەممىمىز ياقتۇرۇپ ئاڭلايمىز.» كەنت ئاھالىسى خۇي جيەنشىن مۇنداق دېدى: ئون نەچچە يىللىق لېكسىيە سۆزلەش تەجرىبىسى بار گو رۈيئې يازغان كۇەيبەن تېكىستى ئاددىي ھەم ئەستە ساقلاشقا ئاسان بولۇپ، كەنت ئاھالىلىرى ئارىسىدا كەڭ تارقالدى.

باركۆلدە گو رۈيئېغا ئوخشاش پۇقرا تەشۋىقاتچىلار يەنە ناھايىتى كۆپ، كۆپچىلىك ئاممىباب، چۈشىنىشلىك تىل ئارقىلىق پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسەتلىرىنى ھەممە ئائىلىلەرگە يەتكۈزدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.