تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

غايە - ئېتىقادنى چىڭىتىپ، قەتئىي ئىرادە بىلەن جان تىكىپ كۈرەش قىلىپ، تىرىشىپ پارتىيە ۋە خەلققە تېخىمۇ زور شان - شەرەپ كەلتۈرۈش كېرەك

چېن چۈەنگو ئاددىي پارتىيە ئەزاسىلىق سالاھىيىتى بىلەن ئۆزى تۇرۇشلۇق پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى بويىچە مەخسۇس تېمىلىق تەشكىلىي تۇرمۇش يىغىنىغا قاتناشتى

غايە - ئېتىقادنى چىڭىتىپ، قەتئىي ئىرادە بىلەن جان تىكىپ كۈرەش قىلىپ، تىرىشىپ پارتىيە ۋە خەلققە تېخىمۇ زور شان - شەرەپ كەلتۈرۈش كېرەك

ۋېي داپېڭ يىغىنغا كېلىپ يېتەكچىلىك قىلدى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: 7 - ئاينىڭ 9 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو ئاددىي پارتىيە ئەزاسىلىق سالاھىيىتى بىلەن ئۆزى تۇرۇشلۇق ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېت ئىشخانىسى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى بويىچە مەخسۇس تېمىلىق تەشكىلىي تۇرمۇش يىغىنىغا قاتنىشىپ، پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ ئەزالىرى بىلەن بىرلىكتە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىپ، ئىدىيەنىڭ ئۇلۇغ كۈچىنى يەنىمۇ ھېس قىلىپ، غايە - ئېتىقادنى چىڭىتىپ، قىزىل تومۇرنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئالغا ئىلگىرىلەش كۈچىنى قوبۇل قىلدى. پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى بويىچە مەركەز 10 - يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى ۋېي داپېڭ يىغىنغا كېلىپ يېتەكچىلىك قىلدى.

يىغىندا، ياچېيكىدىكى پارتىيە ئەزالىرى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى چۆرىدەپ، دىققەتنى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش، ئىدىيەنى ئۆزلەشتۈرۈش، ئەمەلىي ئىش قىلىش، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئۆگىنىش تەسىراتىنى ئالماشتۇردى؛ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ نىشان - تەلىپى بويىچە، ئۆزىنىڭ ئىدىيەسى ۋە خىزمەت ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈپ، كۆزىتىپ، تېپىپ چىقىپ، ئىدىيەۋى مەنبەسىنى تەھلىل قىلىپ، تۈزىتىش تەدبىرلىرىنى ئايدىڭلاشتۇردى.

كۆپچىلىكنىڭ سۆزىنى ئەستايىدىل ئاڭلىغاندىن كېيىن، چېن چۈەنگو سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىدە مەۋقە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەشتىن ئىبارەت مۇھىم، زور پەيتكە ۋە «ئىككى 100 يىل»لىق تارىخىي كېسىشكەن ئاچقۇچلۇق تۈگۈنگە قويۇلغان بولۇپ، نەزەر دائىرىسى كەڭ، ئىدىيەسى چوڭقۇر، ئىچكى خاس مەزمۇنى مول، كىشى قەلبىنى ھاياجانغا سالىدۇ، ئۇ ماركسىزملىق پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەت، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاشتىكى سىياسىي خىتابنامىسى، پارتىيەمىزنىڭ خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، تارىخنى ئەينەك قىلىپ، كەلگۈسىنى يارىتىشتىكى ھەرىكەت كۆرسەتمىسى بولۇپ، يېڭى دەۋردە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش، يېڭى مۇساپىدە ياخشى مېڭىش ئۈچۈن يەنىمۇ ئېنىق يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى، تۈپ مىزان بىلەن تەمىنلىدى. «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى مۇھىم، زور سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، روھىي ماھىيىتىنى تولۇق ئۆزلەشتۈرۈپ، يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنىنى ئىگىلەپ، قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: پارتىيە ياچېيكىسى پارتىيەنىڭ ئاساسىي تەشكىلاتى، پارتىيەنىڭ بارلىق خىزمىتى ۋە جەڭگىۋارلىقىنىڭ ئاساسى. پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ يېتەكچىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشقا تەربىيەلەپ، يېتەكلەپ، قەتئىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، غايە - ئېتىقادنى چىڭىتىپ، پارتىيەنىڭ ئاساسىي مەقسىتىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، تىرىشىپ پارتىيە ۋە خەلققە تېخىمۇ زور شان - شەرەپ كەلتۈرۈش كېرەك. بىرىنچىدىن، غايە - ئېتىقادنى چىڭىتىش كېرەك. ماركسىزمغا بولغان ئېتىقاد، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمغا بولغان ئەقىدىنى ئۆمۈرلۈك ئىنتىلىش قىلىپ، ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، مۇستەھكەم غايە - ئېتىقاد ئارقىلىق پارتىيەگە بولغان ساداقەتمەنلىكنى تاۋلاپ، مەڭگۈ پارتىيەگە ئىشىنىپ، پارتىيەنى سۆيۈپ، پارتىيە ئىشلىرى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇپ، پارتىيەنىڭ غايە - ئېتىقادى ئۈچۈن قەيسەرلىك بىلەن كۈرەش قىلىش، بوشاشماي كۈرەش قىلىش كېرەك. ئىككىنچىدىن، پارتىيەگە مۇتلەق سادىق بولۇش كېرەك. سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي چۈشىنىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، پولاتتەك ئىرادە بىلەن پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش، مۇستەھكەم ئىرادە تىكلەش كېرەك. ئۈچىنچىدىن، نەزەرىيە ئۆگىنىشنى كۈچەيتىش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك سىستېمىلىق ئۆگىنىپ، ۋاقتىدا يېتىشىپ ئۆگىنىپ، چوڭقۇر پىكىر يۈرگۈزۈپ ئۆگىنىپ، ئەمەلىيەتكە باغلاپ ئۆگىنىپ، ئاڭلىق ھالدا كاللىنى قوراللاندۇرۇپ، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىپ، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. تۆتىنچىدىن، مەسئۇلىيەتنى دادىللىق بىلەن زىممىگە ئېلىپ ئۆزىنى بېغىشلاش كېرەك. پارتىيەگە، دۆلەتكە ئۆزىنى بېغىشلاپ، پارتىيەگە، دۆلەتكە جاۋاب قايتۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى قەلبىگە پۈكۈپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشنى ھەرىكىتىدە كۆرسىتىپ، باتۇرلۇق بىلەن ئېغىر يۈكنى زىممىگە ئېلىپ، جاپالىق ئىشلەپ، ئەمەلىي ئىشلەپ، راستچىل - ئەمەلىيەتچىل بولۇپ، چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تىرىشىپ ئەمەلىيەتنىڭ، خەلقنىڭ، تارىخنىڭ سىنىقىدىن ئۆتەلەيدىغان ئەمەلىي نەتىجىلەرنى يارىتىش كېرەك. بەشىنچىدىن، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ئاساسىي مەقسىتىنى ئەستە چىڭ ساقلاش كېرەك. خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئاڭلىق ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، «مەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» تېمىسىدىكى ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، خەلق ئۈچۈن بەخت يارىتىشتەك ئەمەلىي ھەرىكەت ئارقىلىق كوممۇنىستلارنىڭ «مەن ئۆزۈمنى ئۇنتۇغان ھالدا ئىشلەپ، خەلقنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويمايمەن» دېگەن ئالىيجاناب مېھىر - مۇھەببىتىنى شەرھلەش كېرەك. ئالتىنچىدىن، پاك - دۇرۇس بولۇشنى ساقلاش كېرەك. خەلقتىن ئەيمىنىپ، تەشكىلدىن ئەيمىنىپ، قانۇن - ئىنتىزامدىن ئەيمىنىپ، پارتىيە نىزامنامىسى، پارتىيە قائىدىسى، پارتىيە ئىنتىزامىغا قاتتىق رىئايە قىلىپ، كۆڭلىدە ئەيمىنىپ، گەپ - سۆزدە ئېھتىيات قىلىپ، ھەرىكىتىگە چەك قويۇپ، پاك - دۇرۇس بولۇشتەك سىياسىي خىسلەتنى مەڭگۈ ساقلاش كېرەك.

چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى يۇقىرى بىلەن تۆۋەننى بىر - بىرىگە باغلاپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنى ماسلاشتۇرىدۇ، ئورنى مۇھىم، مەسئۇلىيىتى مۇھىم، زور. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى پۇرسەت، ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى چوڭقۇر، پۇختا قانات يايدۇرۇپ، تىرىشىپ «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇش، «ئۈچتە ئۈلگە بولۇش»نى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش، نەمۇنىلىك ئورگان قۇرۇپ چىقىشتا ئالدىدا مېڭىشى، ئۈلگە بولۇشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.