تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

يېڭى مۇساپىدە، جەزمەن جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش كېرەك

​− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

□خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

«ئۆز يولىدا مېڭىش پارتىيەنىڭ بارلىق نەزەرىيەسى ۋە ئەمەلىيىتىنىڭ مەۋقەسى، شۇنداقلا پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىدىن چىقىرىلغان تارىخىي يەكۈن.» جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيەمىز 100 يىلدىن بۇيان ئاچقان ئۇلۇغ يول، ياراتقان ئۇلۇغ ئىشلار، قولغا كەلتۈرگەن ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلەرنى چوڭقۇر خۇلاسىلەپ، «تارىخنى ئەينەك قىلىپ، كەلگۈسىنى يارىتىشتا، جەزمەن جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش كېرەك» دەپ تەكىتلىدى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «جۇڭگوچە سوتسىيالىزم پارتىيە ۋە خەلق مىڭبىر جاپا - مۇشەققەتلەرنى باشتىن كەچۈرۈپ، غايەت زور بەدەل تۆلەپ قولغا كەلتۈرگەن تۈپ مۇۋەپپەقىيەت، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى توغرا يول.» پەقەت بېسىپ ئۆتكەن يولنى ئەسلەپ، باشقىلارنىڭ يولىغا سېلىشتۇرۇپ، ئىلگىرىلەش يولىغا نەزەر تاشلاپ، قەيەردىن كەلگەنلىكىمىزنى، قەيەرگە بارىدىغانلىقىمىزنى ئايدىڭلاشتۇرساقلا، نۇرغۇن مەسىلىنى چوڭقۇر كۆرۈپ يېتەلەيمىز، توغرا ئىگىلىيەلەيمىز. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئاسماندىن چۈشكەن ئەمەس، بەلكى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 40 نەچچە يىللىق ئۇلۇغ ئەمەلىيەت جەريانىدىن كەلگەن، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان 70 نەچچە يىلدىكى سىجىل ئىزدىنىش جەريانىدىن كەلگەن، پارتىيەمىز خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ ئۇلۇغ جەمئىيەت ئىنقىلابى ئېلىپ بارغان 100 يىللىق ئەمەلىيەت جەريانىدىن كەلگەن، يېقىنقى زاماندىن بۇيانقى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ خارابلىشىشتىن گۈللىنىشكىچە بولغان 180 نەچچە يىللىق تارىخىي مۇساپىدىن كەلگەن، جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىگە 5000 نەچچە يىللىق ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشتىن كەلگەن. جۇڭگوچە سوتسىيالىزمغا نەچچە ئەۋلاد جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ غايىسى ۋە ئىزدىنىشى يۈكلەنگەن، سانسىزلىغان ئىرادىلىك زاتلارنىڭ ئارزۇسى ۋە ئۈمىدى باغلانغان، 100 مىليونلىغان خەلقنىڭ جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلىشى ۋە قۇربان بېرىشى مۇجەسسەملەنگەن بولۇپ، ئۇ يېقىنقى زاماندىن بۇيانقى جۇڭگو جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى مۇقەررەر تاللاش. تارىخ ۋە رېئاللىق شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىلمىي سوتسىيالىزمنىڭ نەزەرىيە لوگىكىسى بىلەن جۇڭگونىڭ جەمئىيەت تەرەققىيات تارىخى لوگىكىسىنىڭ دىيالېكتىك بىرلىكى بولۇپ، ئۇ جۇڭگو زېمىنىدا يىلتىز تارتقان، جۇڭگو خەلقىنىڭ ئارزۇسىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدىغان، جۇڭگو ۋە دەۋرنىڭ تەرەققىيات، ئىلگىرىلەش تەلىپىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئىلمىي سوتسىيالىزم، بۇ يولدا راۋان ماڭغىلى بولىدۇ، يىراققا بارغىلى بولىدۇ!

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: «بىز جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇپ، ماددىي مەدەنىيلىك، سىياسىي مەدەنىيلىك، مەنىۋى مەدەنىيلىك، جەمئىيەت مەدەنىيلىكى، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكىنىڭ ماس تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ يېڭى يولىنى ياراتتۇق، ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ يېڭى ھالىتىنى ياراتتۇق.» بىز شۇنى چوڭقۇر تونۇپ يەتتۇقكى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى مۇقەررەر يول، جۇڭگو خەلقىنى ئۆزىنىڭ گۈزەل تۇرمۇشىنى يارىتىشقا يېتەكلەشتىكى مۇقەررەر يول؛ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيە سىستېمىسى پارتىيە ۋە خەلقنى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىنى بويلاپ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا يېتەكلەشتىكى توغرا نەزەرىيە، دەۋرنىڭ ئالدىدا تۇرىدىغان، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەيدىغان ئىلمىي نەزەرىيە؛ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمى زامانىمىزدىكى جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى، ئىلگىرىلىشىدىكى تۈپ تۈزۈم كاپالىتى، روشەن جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە، كۆرۈنەرلىك تۈزۈم ئەۋزەللىكىگە، قۇدرەتلىك ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئىقتىدارىغا ئىگە ئىلغار تۈزۈم؛ جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك مەدەنىيەتكە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەڭ چوڭقۇر قاتلاملىق مەنىۋى ئىستىكى مۇجەسسەملەنگەن بولۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۆزگىچە مەنىۋى بەلگىسىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ، ئۇ جۇڭگو خەلقىنىڭ غەلىبىسېرى ئالغا ئىلگىرىلىشىدىكى قۇدرەتلىك مەنىۋى كۈچ. بۇنىڭ توغرىلىقى نەزەرىيە جەھەتتىن ئىسپاتلىنىپلا قالماي، بەلكى ئەمەلىيەت جەھەتتىنمۇ توغرىلىقى ئىسپاتلاندى. بۈگۈنكى دۇنيادا، قايسى سىياسىي پارتىيە، قايسى دۆلەت، قايسى مىللەت ئۆزىگە ئىشىنەلەيدۇ دېيىلسە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى، جۇڭخۇا مىللىتى ئۆزىگە ئىشىنىشكە ئەڭ ھەقلىق. جۇڭخۇا مىللىتى 5000 يىلدىن ئارتۇق تارىخىي تەرەققىيات داۋامىدا شەكىللەنگەن پارلاق مەدەنىيلىككە ئىگە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 100 يىللىق كۈرەش ئەمەلىيىتى ۋە 70 نەچچە يىللىق ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈپ دۆلەتنى گۈللەندۈرۈش تەجرىبىسىگە ئىگە، بىز ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ بارلىق پايدىلىق نەتىجىلىرىنى پائال ئۆگىنىمىز، ئۆرنەك قىلىمىز، بارلىق پايدىلىق تەكلىپ ۋە ياخشى نىيەتتىكى تەنقىدنى قارشى ئالىمىز، لېكىن بىز «ئەقىلدار»لارچە ھاكاۋۇرلۇق بىلەن قىلىنغان تەلىم بېرىشلەرنى ھەرگىز قوبۇل قىلمايمىز! جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە جۇڭگو خەلقى ئۆزى تاللىغان يولدا مەردانە قەدەم تاشلاپ مېڭىپ، جۇڭگونىڭ تەرەققىي قىلىش، ئىلگىرىلەش تەقدىرىنى ئۆز قولىدا چىڭ تۇتىدۇ!

جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تارىخىي تەرەققىياتنىڭ مۇقەررەر نەتىجىسى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولى زامانىمىزدىكى جۇڭگونىڭ چوڭ قەدەم بىلەن دەۋرگە يېتىشىۋالىدىغان، دەۋر تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلىدىغان داغدام يولى، بىز جەزمەن ھەسسىلەپ قەدىرلىشىمىز، قىلچە تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇشىمىز، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ راۋاجلاندۇرۇشىمىز كېرەك. دەل باش شۇجى شى جىنپىڭ تەكىتلىگەندەك: «يېڭى مۇساپىدە، بىز جەزمەن پارتىيەنىڭ ئاساسىي نەزەرىيەسى، ئاساسىي لۇشيەنى، ئاساسىي تەدبىرىدە چىڭ تۇرۇپ، <بەشنى بىر گەۋدە قىلىش> ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، <تۆت ئومۇميۈزلۈك> ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئالغا سىلجىتىپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەۋقەنى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قويۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، پەن - تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، خەلقنىڭ ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت سىستېمىسىدا چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىيات داۋامىدا خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشتا چىڭ تۇرۇپ، ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ ئىناق بىللە ئۆتۈشىدە چىڭ تۇرۇپ، خەلقنىڭ بېيىشى، دۆلەتنىڭ قۇدرەت تېپىشى، جۇڭگونىڭ گۈزەل بولۇشىنى ماس ئالغا سىلجىتىشىمىز كېرەك.» يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ ئۇلۇغ ئەمەلىيىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئالغا ئىلگىرىلىشىگە ئەگىشىپ، بىزنىڭ يولىمىز مۇقەررەر ماڭغانسېرى كېڭىيىدۇ، بىزنىڭ تۈزۈمىمىز مۇقەررەر بارغانسېرى پىشىپ يېتىلىدۇ!

تارىخنىڭ ئۇزاق ئېقىنى توختىماي ئالغا ئىلگىرىلەيدۇ، دەۋر بۇرغىسى كىشىنى جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشكە ئۈندىمەكتە. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ھەم بىز جەزمەن ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىدىغان ئۇلۇغ ئىش، ھەم بىزنىڭ كەلگۈسىنى يارىتىشىمىزدىكى تۈپ كاپالەت. جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدىن ئىبارەت بۇ بىردىنبىر توغرا يولدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىپ، يول ئىشەنچى، نەزەرىيە ئىشەنچى، تۈزۈم ئىشەنچى، مەدەنىيەت ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، ئۈزلۈكسىز بايقىساق، كەشىپ قىلساق، ئىجاد قىلساق، ئالغا ئىلگىرىلىسەكلا، بىز چوقۇم جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى مەڭگۈ تولۇپ تاشقان ھاياتىي كۈچكە ئىگە قىلىپ، يېڭى ئۇلۇغ مۇساپىدە يېڭى تارىخىي ئۇلۇغ ئىشلارنى يارىتالايمىز.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 - ئاينىڭ 7 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.