تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

​يېڭى ئىمتىھانغا بېرىش يولىدا ئەلا جاۋاب قەغىزى تاپشۇرۇش كېرەك

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمى، مائارىپ خىزمىتى كومىتېتى يىغىن ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگەندى، ئىزچىللاشتۇردى

​يېڭى ئىمتىھانغا بېرىش يولىدا ئەلا جاۋاب قەغىزى تاپشۇرۇش كېرەك

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يەنفاڭ خەۋەر قىلىدۇ: 7 - ئاينىڭ 6 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى مائارىپ خىزمىتى كومىتېتى كادىرلار يىغىنى ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگەندى، ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇرما قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى، مائارىپ خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لى يىفېي يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزى ماركسىزملىق پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەت، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاشتىكى سىياسىي خىتابنامىسى، پارتىيەمىزنىڭ خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، تارىخنى ئەينەك قىلىپ، كەلگۈسىنى يارىتىشتىكى ھەرىكەت كۆرسەتمىسى. ھەقىقىي تۈردە «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي چۈشىنىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، «1 - ئىيۇل»دا قىلىنغان مۇھىم سۆزنىڭ روھىنى ئىدىيەگە سىڭدۈرۈپ، ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇپ، يېڭى ئىمتىھانغا بېرىش يولىدا ئەلا جاۋاب قەغىزى تاپشۇرۇش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: «1 - ئىيۇل»دا قىلىنغان مۇھىم سۆزنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى مۇھىم، زور سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي تەلىپى، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ تەشكىلىي لۇشيەنى، پارتىيەنىڭ مائارىپ فاڭجېنىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، باشلامچىلىق رولى، فۇنكسىيەلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، كادىرلارنى تەربىيەلەش - يېتىشتۈرۈش ۋە ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئۆگىنىش تەربىيەسىنى چىڭ تۇتۇپ پىلانلاپ، تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ دائىملىق ئۆگىنىشىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، ئۆگىنىش دولقۇنىنى تېزدىن قوزغاش كېرەك. دىققەتنى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئاساسىي مەسئۇلىيەت، ئاساسىي كەسىپكە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ نۇقتىلىق ۋەزىپىلىرىنى كەم - كوتسىز ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ تەشكىلىي سىستېمىسىنى سىجىل چىڭىتىپ، ئەخلاقلىق ھەم قابىلىيەتلىك، يۇقىرى ساپالىق كادىرلار قوشۇنىنى سىجىل قۇرۇپ چىقىپ، ھەرقايسى تەرەپلەردىكى مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلارنى سىجىل توپلاپ، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش تۈپ ۋەزىپىسىنى سىجىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ تەشكىلات خىزمىتى، مائارىپ ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى تېزلىتىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.