ئاپتونوم رايوننىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش نەزەرىيە مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلدى
تەتقىقاتنى كۈچەيتىپ، چوڭقۇر شەرھلەپ، قىزغىن دولقۇن قوزغاش كېرەك
ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يەنفاڭ خەۋەر قىلىدۇ: 7 - ئاينىڭ 7 - كۈنى، ئاپتونوم رايوننىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش نەزەرىيە مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلدى، يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتى ۋە ئوتتۇرىغا قويۇلغان بىر قاتار يېڭى ئىدىيە، يېڭى قاراش، يېڭى ھۆكۈملەر چوڭقۇر ئۆگىنىلىپ، مۇھاكىمە قىلىنىپ، ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى تيەن ۋېن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.
يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزى ھەقىقەت كۈچىگە تولغان ماركسىزملىق پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەت، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاشتىكى سىياسىي خىتابنامىسى، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى غەيرەت - جاسارەتنى ئۇرغۇتۇپ ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا قاراپ قەدەم قويۇشقا چاقىرىق قىلىدىغان كۈچلۈك سەپەرۋەرلىك بۇيرۇقى، بىز بۇنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇشىمىز، ئىدىيە ئۇلۇغ كۈچىنى چوڭقۇر ھېس قىلىشىمىز كېرەك.
يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ئىجتىمائىي پەن نەزەرىيە ساھەسى ۋە كەڭ ئىجتىمائىي پەن نەزەرىيە خىزمەتچىلىرى دىققەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، نەزەرىيە جەھەتتىن، ئىلمىي قائىدە جەھەتتىن تەتقىقاتنى كۈچەيتىشى، چوڭقۇر شەرھلىشى كېرەك. ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تەرەققىيات تارىخىدىكى مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 100 يىللىق كۈرەش مۇساپىسىگە سىڭدۈرۈلگەن روشەن باش تېمىسى ۋە ھەرقايسى تارىخىي مەزگىللەردە يارىتىلغان ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلەرنى، ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھىنىڭ مول ئىچكى خاس مەزمۇنى ۋە قىممىتىنى، تارىخنى ئەينەك قىلىپ، كەلگۈسىنى يارىتىشنىڭ مول ئىچكى خاس مەزمۇنى ۋە ئەمەلىيىتىنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىشى، شەرھلىشى كېرەك. شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ چوڭقۇر تەتقىق قىلىشى، تۈرلۈك بازىلاردىن ياخشى پايدىلىنىپ، كەڭ تەشۋىق قىلىپ، لېكسىيە سۆزلىشى، يۈكسەك سىياسىي ئاڭلىقلىق، ئىدىيە ئاڭلىقلىقى، ھەرىكەت ئاڭلىقلىقى بىلەن باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا، قىزغىن دولقۇن قوزغاشقا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.
يىغىندا، 14 ئورۇندىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار نەق مەيداندا سۆز قىلدى، يازما پىكىر ئالماشتۇردى.