تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

​شەرەپلىك ئەنئەنىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، قىزىل تومۇرنى داۋاملاشتۇرىمىز

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كەڭ پارتىيە ئەزالىرى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ مۇنداق بىلدۈردى −

​شەرەپلىك ئەنئەنىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، قىزىل تومۇرنى داۋاملاشتۇرىمىز

□ ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى

ئۇدا نەچچە كۈندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كەڭ پارتىيە ئەزالىرى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل» دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، بىردەك مۇنداق بىلدۈردى: ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، غايە - ئېتىقادنى چىڭىتىپ، پارتىيەنىڭ ئاساسىي مەقسىتىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، مەڭگۈ خەلق ئاممىسى بىلەن قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋەتنى ساقلاپ، باشتىن - ئاخىر خەلق ئويلىغاننى ئويلاپ، خەلق بىلەن بىللە ئىشلەپ، بوران - چاپقۇنلاردا بىللە بولۇپ، جاپادىمۇ، ھالاۋەتتىمۇ بىللە بولۇپ، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن داۋاملىق بوشاشماي تىرىشىپ، تىرىشىپ پارتىيە ۋە خەلق ئۈچۈن تېخىمۇ زور شان - شەرەپنى قولغا كەلتۈرىمىز.

«باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پۈتۈن پارتىيەگە چىقارغان چاقىرىقى مېنى كۈچكە تولدۇردى.» ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى، ئاپتونوم رايونلۇق سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى شيې شۈەن مۇنداق دېدى: بىز ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ئارقىلىق ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىپ، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇپ، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىكنىڭ ساغلام تەرەققىياتى ۋە ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىكتىكى زاتلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىپ، «ئىككى ساغلام» ئارقىلىق پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلىمىز.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە مەكتىپى (مەمۇرىيەت شۆيۈەنى) پەلسەپە ئوقۇتۇش تەتقىقات بۆلۈمىنىڭ پىروفېسسورى سۇن شياۋبىڭ مۇنداق دېدى: پارتىيە مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئاۋۋال ئۆگىنىش، چوڭقۇر ئۆگىنىشكە كۈچ سەرپ قىلىپ، ئىدىيەۋى يېتەكچىلىكتە ئۈلگە بولۇپ، يېڭى مۇساپىدە تېخىمۇ قەتئىي، تېخىمۇ ئاڭلىق ھالدا ئەسلىي مەقسەت - بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، گۈزەل كەلگۈسى يارىتىمەن.

ئۈرۈمچى شەھەرلىك كۆز، قۇلاق، بۇرۇن، يۇتقۇنچاق مەخسۇس كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسى كۆز كېسەللىكلىرى بۆلۈمىنىڭ سېسترالار باشلىقى لى ئەيخۇڭ مۇنداق بىلدۈردى: بىر كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، خەلق ئاممىسى بىلەن بولغان قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋەتنى باشتىن - ئاخىر ساقلاپ، ئاغرىقلارغا ياخشى داۋالىنىش مۇھىتى يارىتىپ بېرىش بىلەن بىللە، بۆلۈمدىكى خادىملارنى يېتەكلەپ، كەسىپ جەھەتتە تېخىمۇ مۇكەممەل بولۇشقا ئىنتىلىپ، «تۆھپە يېزىشتا مەن بولمىساممۇ بولىدۇ، تۆھپە قوشۇشتا چوقۇم مەن بولۇشۇم كېرەك» دېگەن روھ بىلەن ئۇدا كۈرەش قىلىپ، ئۈزلۈكسىز يېڭى تېخنىكا ئۆگىنىپ، ئاغرىقلارغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىمەن.

«پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىق تۇغۇلغان كۈنى پەيتىدە، مەن شەرەپ بىلەن ئۇلۇغ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرىپ، چەكسىز پەخىرلەندىم ۋە ئىپتىخارلاندىم، بۇ مېنىڭ كىشىلىك ھايات يولۇمدىكى يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى بولۇپ قالىدۇ.» پىچان ناھىيەسىنىڭ پىچان بازىرى مياۋيۈەن يولى مەھەللىسىدىكى يېڭى پارتىيە ئەزاسى يۆ تىڭ مۇنداق دېدى: «مەھەللە كادىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، پارتىيەگە كىرىش قەسىمىنى ئەمەلىيىتىمدە كۆرسىتىپ، ئاممىنىڭ مەنپەئىتىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، چىن دىلىم بىلەن ئاھالىلەرگە ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن».

«پارتىيەنىڭ خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتى بولغاچقىلا، بىز بەختلىك تۇرمۇشقا ئېرىشتۇق.» 50 يىللىق پارتىيە ئىستاژىغا ئىگە لوپ ناھىيەسى لوپ بازىرى دول تۈگمەنبېشى كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى نۇر ئىسمايىل ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «بىز قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭىمىز. پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، داۋاملىق ياخشى ئۈلگە بولۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنى بىرلىكتە يۇرتىمىزنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىپ قۇرۇپ چىقىشقا، تۇرمۇشىمىزنى تېخىمۇ باياشات قىلىشقا يېتەكلەيمەن».

(مۇخبىر جاڭ يۈنمېي، قاتناشقان مۇخبىرلار تويا، مېھرىگۈل ناسىر، جاڭ يەنفاڭ، جاۋ شىيا، فەن چيۇڭيەن، جاڭ رۇيلىن، ۋاڭ نا، پەرىزات ئابدۇل، ئىختىيارىي مۇخبىر گۈلمىرە مۇسا)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.