تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

​«پېشقەدەم ئەسكەرلەر لېكسىيە ئۆمىكى» پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەجرىبىلىرىنى كىشىلەر قەلبىگە سىڭدۈردى

قاراماي شەھىرى قاراماي رايونى:

​«پېشقەدەم ئەسكەرلەر لېكسىيە ئۆمىكى» پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەجرىبىلىرىنى كىشىلەر قەلبىگە سىڭدۈردى

□ ئىختىيارىي مۇخبىرلار جاڭ جىڭ، چى تەيۋېن

7 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىنىڭ بىۋاسىتە كۆرسىتىلىشىنى كۆرگەندىن كېيىن، بۇ يىل 75 ياشقا كىرگەن 53 يىللىق پارتىيە ئىستاژىغا ئىگە ئارمىيەدىن چېكىنگەن پېشقەدەم ئەسكەر گېڭ بىڭچىڭ ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «مەن چوقۇم باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سەمىمىي ئۈمىدىنى يەردە قويماي، ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق قىزىل گېننى ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشتۇرىمەن».

گېڭ بىڭچىڭ قاراماي شەھىرى قاراماي رايونى «پېشقەدەم ئەسكەرلەر لېكسىيە ئۆمىكى»نىڭ ئەزاسى. بۇ يىل 4 - ئايدا، ئارمىيەدىن چېكىنگەن 12 پېشقەدەم ئەسكەردىن تەشكىللەنگەن «پېشقەدەم ئەسكەرلەر لېكسىيە ئۆمىكى» رەسمىي قۇرۇلدى. ئۇلارنىڭ تۈرتكىسىدە، ئارمىيەدىن چېكىنگەن بىر قىسىم پېشقەدەم ئەسكەرلەر ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ لېكسىيە قوشۇنىغا قوشۇلدى، نۆۋەتتە «پېشقەدەم ئەسكەرلەر لېكسىيە ئۆمىكى»نىڭ 30غا يېقىن ئەزاسى بار.

لېكسىيە جەريانىدا، پېشقەدەم ئەسكەرلەر ئۆز كەچۈرمىشلىرىنى سۆزلىدى، پارتىيەنىڭ نەزەرىيە، فاڭجېن، سىياسەتلىرىنى تەشۋىق قىلدى؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە، «پارتىيە ئەزالىرى، ئامما مۇلازىمىتى + مەدەنىيلىك ئەمەلىيىتى» ئۇنىۋېرسال گەۋدىسىگە تايىنىپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى ۋە سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى تەجرىبىلىرىنى كىشىلەر قەلبىگە سىڭدۈردى، بۇ، قاراماي رايونىنىڭ ۋاسىتىدە يېڭىلىق يارىتىشى، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى «ئادەتتىكى پۇقرالار ئائىلىسىگە تېز كىرگۈزۈش»كە تۈرتكە بولۇشىدىكى جانلىق ئەمەلىيەتكە ئايلاندى.

ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ، چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۇرۇشىغا قاتناشقان ۋاڭ گۇيشۈەن 90 ياشتىن ئاشقان بولۇپ، لېكسىيە ئۆمىكى قۇرۇلىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن قاتنىشىشنى تەلەپ قىلىپ، لېكسىيە ئۆمىكىدىكى يېشى ئەڭ چوڭ لېكسىيە سۆزلەش ئەزاسىغا ئايلاندى. ۋاڭ گۇيشۈەن مۇنداق دېدى: «مەن ئۆز كەچۈرمىشلىرىمنى سۆزلەش ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ ياشلارنىڭ پارتىيەنى سۆيۈش، ۋەتەننى سۆيۈش قىزغىنلىقىنى قوزغاشنى ئۈمىد قىلىمەن».

بۇ بىرنەچچە كۈندە، «پېشقەدەم ئەسكەرلەر لېكسىيە ئۆمىكى»نىڭ ئەزالىرىنىڭ ھەممىسى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگەندى، كۆپچىلىك بىللە پىكىر ئالماشتۇرغاندا مۇنداق ھېس قىلىشتى: بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا ئۆزىمىز گۇۋاھچى، شۇنداقلا قاتناشقۇچى، قوغدىغۇچى بولدۇق، چوقۇم پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن پارتىيەنىڭ شانلىق تارىخى، شەرەپلىك ئەنئەنىسى، قىزىل گېنىغا ۋارىسلىق قىلىمىز.

20 يىل ھەربىي خىزمەت ئۆتىگەن پېشقەدەم ئەسكەر بولۇش سۈپىتى بىلەن، شيې جاۋخاۋ دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇشتا ئالدى بىلەن ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ھېس قىلدى. ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: كېيىنكى لېكسىيەلەردە، ئۆزۈمنىڭ كەچۈرمىشىگە يەنىمۇ بىرلەشتۈرۈپ، كۆپچىلىككە پارتىيە ئەزالىرى، جەڭچىلەرنىڭ قانداق قىلىپ ھايات - ماماتلىق پەيتتە كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىققانلىقىنى سۆزلەپ بېرىپ، بۇ ئارقىلىق پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئۆز كۈچىنى تەقدىم قىلىشقا ئىلھاملاندۇرىمەن.

نۆۋەتتە، «پېشقەدەم ئەسكەرلەر لېكسىيە ئۆمىكى» ئورگان، مەكتەپ، مەھەللە، ھەربىي گازارما، كارخانا قاتارلىق جايلاردا سەككىز مەيدان قېتىم لېكسىيە سۆزلەپ، 2000دىن ئارتۇق پارتىيەلىك كادىرلار ۋە ئامما بىلەن ئۆز ھېكايىلىرىنى ئورتاقلاشتى.

قاراماي رايونلۇق پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ مەسئۇلى ۋۇ شۇنجوۋ مۇنداق دېدى: «كېيىنكى قەدەمدە، بىز پېشقەدەم ئەسكەرلەرنىڭ تەسىرلىك ھېكايىلىرىنى چوڭقۇر قېزىپ ھەم سىنغا ئېلىپ كۆرسىتىپ، تور ۋە تور سىرتىنى بىرلەشتۈرۈش شەكلى ئارقىلىق ئۇلارنىڭ قەھرىمانلىق ئىش ئىزلىرىنى بايان قىلىپ، پارتىيەلىك كادىرلارنى ئۈلگىلەردىن كۈچ قوبۇل قىلىشقا يېتەكلەپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، پۇختا بولۇشىغا يەنىمۇ تۈرتكە بولىمىز».

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.