تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

​باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى بىر تۈرلۈك مۇھىم، زور سىياسىي ۋەزىپە قىلىش كېرەك

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ مۇنداق تەلەپ قىلدى

​باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى بىر تۈرلۈك مۇھىم، زور سىياسىي ۋەزىپە قىلىش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلاردىن باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ ئەستايىدىل ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلدى.

ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزى ماركسىزملىق پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەت، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاشتىكى سىياسىي خىتابنامىسى، پارتىيەمىزنىڭ خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، تارىخنى ئەينەك قىلىپ، كەلگۈسىنى يارىتىشتىكى ھەرىكەت كۆرسەتمىسى. شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى بىر تۈرلۈك مۇھىم، زور سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، كۆڭۈل قويۇپ ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، ئەتراپلىق تەشكىللەپ يولغا قويۇش كېرەك. «1 - ئىيۇل»دا قىلىنغان مۇھىم سۆزنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتى، مول ئىچكى خاس مەزمۇنى، يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنى، ئەمەلىيەت تەلىپىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتىكى تارىخىي خاراكتېرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەرنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، قەتئىي بوشاشماي كۈرەش قىلغان شانلىق مۇساپىسى ۋە ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھىنىڭ چوڭقۇر ئىچكى خاس مەزمۇنى ۋە دەۋر قىممىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، تارىخنى ئەينەك قىلىپ، كەلگۈسىنى يارىتىش تۈپ تەلىپىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن چىقارغان ئۇلۇغ چاقىرىقىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، ھەقىقىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى ياخشى پۈتۈپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىش كېرەك.

ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ھازىرقى نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىش خىزمىتىدە مۇھىمنىڭ مۇھىمى قىلىش، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ يادرولۇق مەزمۇنى قىلىش، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇشنىڭ كۈچلۈك يېتەكچىسى قىلىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسىنىڭ ھەقىقەت كۈچى، ئەمەلىيەت كۈچى، كىشىلىك پەزىلەت كۈچىنى چوڭقۇر ھېس قىلىپ، ئۇنىڭغا مۇجەسسەملەنگەن ماركسىزملىق مەيدان، قاراش، ئۇسۇلنى تىرىشىپ ئىگىلەپ، ئاڭلىق ھالدا كاللىنى قوراللاندۇرۇش، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىش، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇش كېرەك؛ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى پۇختا قانات يايدۇرۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ ئىچكى خاس مەزمۇنىنى بېيىتىپ، كېڭەيتىپ، سۈپىتى، ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، ھەقىقىي تۈردە تارىخنى ئۆگىنىپ داۋلىنى بىلىش، تارىخنى ئۆگىنىپ ئىشەنچنى ئاشۇرۇش، تارىخنى ئۆگىنىپ ئەخلاقنى ئۇلۇغلاش، تارىخنى ئۆگىنىپ ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش، ئىدىيەنى ئۆزلەشتۈرۈش، ئەمەلىي ئىش قىلىش، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك؛ 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا پۇختا تۈرتكە بولۇش كېرەك؛ مۇقىملىق، تەرەققىياتتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، مەۋقەنى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قويۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، جەمئىيەت مۇقىملىقى، يۇقۇمنىڭ دائىملىق ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، پۈتۈن يىللىق نىشان - ۋەزىپىلەرنى تولۇق تاماملاش، «14 - بەش يىل»نى ياخشى باشلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ئەمەلىيەتكە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، «1 - ئىيۇل»دا قىلىنغان مۇھىم سۆزنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. ئۆگىنىشنى ياخشى تۇتۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى ۋە ئۆلكە دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار نەمۇنىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، دائىملاشتۇرۇپ ئۆگىنىشى كېرەك؛ ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېت (پارتىيە گۇرۇپپا)لىرىنىڭ نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىلىرى «1 - ئىيۇل»دا قىلىنغان مۇھىم سۆزنىڭ روھىنى ئۆگىنىشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، ئۆگىنىش پىلانىغا كىرگۈزۈشى كېرەك؛ ھەر دەرىجىلىك ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى «ئۈچ يىغىن، بىر دەرس» قاتارلىق ۋاسىتىلەردىن ياخشى پايدىلىنىپ، كەڭ دائىرىدە ئۆگىنىپ، ئۆگىنىش ئەمەلىي ئۈنۈمىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەخسۇس تېمىلىق تەشكىلىي تۇرمۇش يىغىنىنى ياخشى ئېچىشى كېرەك؛ كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ئاڭلىق ئۆگىنىشى كېرەك. لېكسىيە سۆزلەشنى ياخشى تۇتۇپ، لېكسىيە ئۆمىكى تەشكىللەپ، ئاساسىي قاتلامغا يۈزلەنگەن، ئاممىغا يۈزلەنگەن ئوبيېكتلاشتۇرۇلغان، ئوبيېكتلىرى ئايرىلغان، ھەمتۈرتكىلەشكەن لېكسىيەنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، توردا ۋە تور سىرتىدا لېكسىيە سۆزلەش پائالىيىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ قانات يايدۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئورگان، كارخانا، يېزا، مەكتەپ، مەھەللىلەرگە كىرگۈزۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. تەربىيەلەشنى ياخشى تۇتۇپ، «1 - ئىيۇل»دا قىلىنغان مۇھىم سۆزنىڭ روھىنى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە مەكتەپ (مەمۇرىيەت شۆيۈەنى)لىرى، كادىرلار شۆيۈەنلىرىنىڭ تەربىيەلەش پىلانى ۋە ئوقۇتۇش ئورۇنلاشتۇرمىسىغا كىرگۈزۈپ، تەربىيەلەشتىكى زۆرۈر دەرسلىك قىلىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ناھىيە، باشقارما دەرىجىلىكتىن يۇقىرى پارتىيەلىك كادىرلارنى مەركەزلىك نۆۋەتلەشتۈرۈپ تەربىيەلەشنى چوڭقۇر ياخشى قانات يايدۇرۇپ، پارتىيەلىك كادىرلارنى مۇددەتكە، تۈركۈمگە بۆلۈپ سىستېمىلىق تەربىيەلەش كېرەك؛ ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلىك بەنزىسى ئەزالىرى باشلامچىلىق بىلەن مەخسۇس تېمىدا پارتىيە دەرسى سۆزلىشى كېرەك. تەشۋىقاتنى ياخشى تۇتۇپ، ھەر دەرىجىلىك تۈرلۈك تاراتقۇلارنى بىرتۇتاش پىلانلاش ۋە تەشكىللەپ ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، «1 - ئىيۇل»دا قىلىنغان مۇھىم سۆزدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان يېڭى ئىدىيە، يېڭى قاراش، يېڭى ھۆكۈملەرنى چوڭقۇر يېشىپ چۈشەندۈرۈپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ ئۆگىنىش تەسىراتى ۋە ئىدىيەۋى تونۇشىنى تولۇق ئەكس ئەتتۈرۈش، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلارنىڭ ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى كونكرېت تەدبىرى ۋە ئەمەلىي نەتىجە - ئۈنۈمىنى ئومۇميۈزلۈك نامايان قىلىش كېرەك. ئومۇملاشتۇرۇشنى ياخشى تۇتۇپ، ئامما ياقتۇرىدىغان شەكىللەردىن پايدىلىنىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ھەممە ئائىلىلەرگە كىرگۈزۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. مۇھاكىمە قىلىشنى ياخشى تۇتۇپ، مۇتەخەسسىس، ئالىم، زىيالىيلارنى مەخسۇس تېمىدا مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىش، نەزەرىيە ماقالىسى ۋە ئاممىباب بايان ماقالىسى يېزىشقا تەشكىللەپ، ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، قەلبلەرگە سىڭىشى، پۇختا بولۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئاساسىي ئېقىم ئاخبارات تاراتقۇلىرىنىڭ رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، مەخسۇس ئىستون، مەخسۇس تېما تەسىس قىلىپ، ئاممىۋى پىكىر داغدۇغىسى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. تور سۇپىسى ۋە يېڭى تاراتقۇلارنىڭ رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» شىنجاڭ سۇپىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ «ئانار بۇلۇت» سۇپىسى، «كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزالىرى» تەربىيە سۇپىسى ۋە يېڭى دەۋر مەدەنىيلىك ئەمەلىيىتى مەركىزى، ناھىيە دەرىجىلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى قاتارلىق تەشۋىقات بازىلىرىدىن ياخشى پايدىلىنىش كېرەك. ئىلغار تىپلارنىڭ يېتەكلەش، ئۈلگە كۆرسىتىش رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى ئىلغار تىپلارنىڭ ئېسىل خىسلىتى ۋە ئالىيجاناب روھىدىن ئۆگىنىشكە يېتەكلەش؛ «مەڭگۈ پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش» ئاممىۋى خاراكتېرلىك باش تېما تەشۋىق - تەربىيە پائالىيىتىنى سىجىل چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا يېتەكلەش كېرەك. ئاساسىي قاتلام خىزمەت كۈچلىرىنىڭ رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئاممىباب، چۈشىنىشلىك تىل ئارقىلىق ئاممىغا تەشۋىق قىلىش، لېكسىيە سۆزلەشنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنىڭ رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ھەر مىللەت ئامما ئاڭلاپ چۈشىنەلەيدىغان تىل ئارقىلىق باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر تەشۋىق قىلىش كېرەك، ھەر دەرىجىلىك، ھەر تۈرلۈك مەكتەپلەر باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئىدىيەۋى - سىياسىي تەربىيەنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىشى كېرەك. «مەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» تېمىسىدىكى ئەمەلىيەت پائالىيىتىنىڭ رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئامما غەم قىلىۋاتقان ئىشلار، باش قاتۇرۇۋاتقان ئىشلار، ئەندىشە قىلىۋاتقان ئىشلارنى ياخشى ھەل قىلىپ، خەلققە بەخت يارىتىدىغان ئەمەلىي ھەرىكەت ئارقىلىق كوممۇنىستلارنىڭ «مەن ئۆزۈمنى ئۇنتۇغان ھالدا ئىشلەپ، خەلقنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويمايمەن» دېگەن ئالىيجاناب مېھىر - مۇھەببىتىنى شەرھلىشى كېرەك.

ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېت (پارتىيە گۇرۇپپا)لىرى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە تەلىپى بويىچە، ئۆز رايونى، ئۆز تارمىقىنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، كونكرېت ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى كۈچەپ ياخشى تۇتۇپ، «1 - ئىيۇل»دا قىلىنغان مۇھىم سۆزنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ يۇقىرى دولقۇنىنى تېزدىن قوزغىشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېت (پارتىيە گۇرۇپپا)لىرىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار سىياسىي مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى باشلامچىلىق بىلەن ياخشى تۇتۇشى، ھەرقايسى ئالاقىدار تارماقلار بىرلىكتە ھەمكارلىشىشى، زىچ ماسلىشىشى، ھەرقايسى خەلق تەشكىلاتلىرى ئۆز ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئۆزگىچە خاسلىققا ئىگە ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشى كېرەك. ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىشنىڭ قاراتمىلىقى، ئۈنۈمدارلىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى «1 - ئىيۇل»دا قىلىنغان مۇھىم سۆزنىڭ روھىنى ئۆگىنىش نەتىجىسىنى يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش، يېڭى دەۋردە تۆھپە يارىتىشتىكى ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇشقا يېتەكلەپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.