تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

گۈللەرنى قوغلىشىپ ئارزۇغا ئىنتىلىپ شىنجاڭغا نەزەر سېلىش丨شىنجاڭ خوشۇت: 1000 موغا يېقىن يەردىكى ئاپتاپپەرەسلەر ئېچىلىپ، ئالتۇندەك جۇلالاندى

    ئاپتورى: پەزىلىيە تۇرغۇن

    تومۇز ياز كۈنلىرى، شىنجاڭ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ خوشۇت ناھىيەسىدىكى 1000 موغا يېقىن يەردىكى ئاپتاپپەرەس بەس-بەستە ئېچىلىپ، شۇ جايدىكى گۈزەل مەنزىرىگە ئايلاندى.

   7-ئاينىڭ 4-كۈنى، خوشۇت ناھىيەسىنىڭ تاغارچى بازىرى زورمۇنسۇل كەنتىگە كەلگىنڭىزدە، گۈللەرنىڭ خۇش ھىدى يىراقتىنلا دىماققا ئۇرۇلىدۇ. ئالتۇن رەڭ ئاپتاپپەرەسلەر كۆزنى قاماشتۇرىدىغان نۇر چاقنىتىپ، ئاپتاپپەرەس گۈللىرى خۇددى ماي بوياق رەسىمدەك كىشىنى ئۆزىگە جەلپ قىلدۇ.

   يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، خوشۇت ناھىيەسىنىڭ ھەر قايسى يېزا-بازارلىرىدا دېھقانلار يەرنى نۆۋەتلەشتۈرۈپ تېرىشنى مۇۋاپىق يولغا قويۇپ، بەلگىلىك كۆلەمدە ئاپتاپپەرەس تېرىدى. ھەر قېتىم ئاپتاپپەرەس ئېچىلغاندا، كۆزنى قاماشتۇرىدىغان ئاپتاپپەرەسلەر يېزا-كەنتلەرنىڭ قىياپىتىگە ھۆسن قوشۇپلا قالماي، يەنە تېرىقچىلىق ئائىلىلىرىگە ئىقتىسادىي كىرىم ئېلىپ كەلدى.

(ئاپتورنىڭ خىزمەت ئورنى: خوشۇت ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى)
«ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» شىنجاڭ ئۆگىنىش سۇپىسىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابلەت روزى

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.