تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

يېڭى مۇساپىدە جەزمەن ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىش كېرەك

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

□خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

«ماركسىزم بىزنىڭ پارتىيە قۇرۇش، دۆلەت قۇرۇشىمىزدىكى تۈپ يېتەكچى ئىدىيە، پارتىيەمىزنىڭ جېنى ۋە بايرىقى.» جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ماركسىزمنىڭ ئاساسىي قائىدىسىدە چىڭ تۇرۇپ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەشتە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگونىڭ ئەمەلىيىتىنى چىقىش قىلىپ، دەۋر چوڭ ۋەزىيىتىنى كۆزىتىپ، تارىخىي تەشەببۇسكارلىقنى ئىگىلەپ، جاپالىق ئىزدىنىپ، ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش، دەۋرلەشتۈرۈشنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭگو خەلقىنىڭ ئۇلۇغ جەمئىيەت ئىنقىلابىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىشقا يېتەكچىلىك قىلدى» دەپ كۆرسىتىپ، «تارىخنى ئەينەك قىلىپ، كەلگۈسىنى يارىتىشتا، جەزمەن ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىش كېرەك» دەپ تەكىتلىدى.

بىر مىللەتنىڭ دەۋر ئالدىنقى قاتارىدا مېڭىشىدا، نەزەرىيە تەپەككۇرى بىر دەقىقىمۇ كەم بولسا بولمايدۇ، ئىدىيە يېتەكچىلىكى بىر دەقىقىمۇ كەم بولسا بولمايدۇ. يېقىنقى زاماندىكى جۇڭگونىڭ ئەڭ خەتەرلىك پەيتىدە، جۇڭگو كوممۇنىستلىرى ماركسىزم - لېنىنىزمنى تاپتى ھەم ماركسىزم - لېنىنىزمنى جۇڭگونىڭ ئەمەلىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ماركسىزم ھەقىقىتىنىڭ كۈچى ئارقىلىق جۇڭخۇا مىللىتى نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيان ياراتقان ئۇلۇغ مەدەنىيلىكنى قوزغىتىپ، جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ قۇدرەتلىك مەنىۋى كۈچىنى يەنە بىر قېتىم ئۇرغۇتتى. 100 يىللىق كۈرەش مۇساپىسىگە نەزەر سالساق، ماركسىزم پارتىيەمىزنى ئىلمىي دۇنيا قاراش ۋە مېتودولوگىيەگە ئىگە قىلىپ، دۇنيانى تونۇش، دۇنيانى ئۆزگەرتىشتىكى قۇدرەتلىك ئىدىيەۋى قورالغا ئىگە قىلىپ، جۇڭگودىن ئىبارەت شەرقتىكى بۇ قەدىمىي چوڭ دۆلەتتە ئىنسانىيەت تارىخىدىكى مىسلىسىز تەرەققىيات مۆجىزىلىرىنى ياراتتى. ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، ماركسىزمنىڭ تەقدىرى ئاللىبۇرۇنلا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ تەقدىرى، جۇڭگو خەلقىنىڭ تەقدىرى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تەقدىرى بىلەن زىچ باغلانغان، ئۇنىڭ ئىلمىيلىكى ۋە ھەقىقەتلىكى جۇڭگودا تولۇق سىناقتىن ئۆتتى، ئۇنىڭ خەلقچىللىقى ۋە ئەمەلىيەتچىللىكى جۇڭگودا تولۇق ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئۇنىڭ ئوچۇق خاراكتېرى ۋە دەۋر خاراكتېرى جۇڭگودا تولۇق نامايان قىلىندى!

ماركسىزم جۇڭگونى چوڭقۇر ئۆزگەرتتى، جۇڭگومۇ ماركسىزمنى ئىنتايىن زور دەرىجىدە بېيىتتى. پارتىيەمىزنىڭ تارىخى ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىش تارىخى، نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىش، نەزەرىيە يارىتىشنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىش تارىخى. 100 يىلدىن بۇيان، پارتىيەمىز ئىدىيەدە ئازاد بولۇش ۋە ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەشنىڭ بىرلىكىدە، روھنى يېتىلدۈرۈپ ئاساسنى پۇختىلاش بىلەن توغرا يولدا چىڭ تۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىشنىڭ بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، ماركسىزمنىڭ يېڭى مەنزىلىنى ئۈزلۈكسىز ئېچىپ، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى شەكىللەندۈرۈپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلمىي نەزەرىيە يېتەكچىلىكى بىلەن تەمىنلىدى. 100 يىلدىن بۇيان، جۇڭخۇا مىللىتى شەرقىي ئاسىيا كېسەل كۆرپىسىدىن ئورنىدىن دەس تۇرۇشقىچە بولغان ئۇلۇغ ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇردى، ئورنىدىن دەس تۇرۇشتىن بېيىشقىچە بولغان ئۇلۇغ ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇردى، بېيىشتىن قۇدرەت تېپىشقىچە بولغان ئۇلۇغ ھالقىشنى كۈتۈۋالدى، پولاتتەك پاكىتلار شۇنى ئىسپاتلىدىكى، پەقەت سوتسىيالىزملا جۇڭگونى قۇتقۇزالايدۇ، پەقەت سوتسىيالىزملا جۇڭگونى تەرەققىي قىلدۇرالايدۇ، پەقەت جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرغان ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرغاندىلا جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ. باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭقۇر قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى نېمە ئۈچۈن قابىل، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نېمە ئۈچۈن ياخشى، چۈنكى تېگى - تەكتىدىن ئېيتقاندا، ماركسىزم يارايدۇ!» بۈگۈنكى كۈندە، ماركسىزم 21 - ئەسىردىكى جۇڭگودا جۇشقۇن ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتتى، 21 - ئەسىردىكى جۇڭگو ماركسىزمى تېخىمۇ قۇدرەتلىك، تېخىمۇ قايىل قىلىش كۈچىگە ئىگە ھەقىقەت كۈچىنى نامايان قىلماقتا. ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، تارىخ ۋە خەلقنىڭ ماركسىزمنى تاللىغانلىقى تامامەن توغرا بولغان، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ماركسىزمنى ئۆزىنىڭ بايرىقىغا يېزىشى تامامەن توغرا بولغان، ماركسىزمنىڭ ئاساسىي قائىدىسىنى جۇڭگونىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرغانلىقى، ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش، دەۋرلەشتۈرۈشنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتقانلىقى تامامەن توغرا بولغان!

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «يېڭى مۇساپىدە، بىز جەزمەن ماركسىزم - لېنىنىزم، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، <ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش> مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ماركسىزمنىڭ ئاساسىي قانۇنىيىتىنى جۇڭگونىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈشتە، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ماركسىزم ئارقىلىق دەۋرنى كۆزىتىپ، دەۋرنى ئىگىلەپ، دەۋرگە يېتەكچىلىك قىلىپ، زامانىمىزدىكى جۇڭگو ماركسىزمى، 21 - ئەسىر ماركسىزمىنى داۋاملىق راۋاجلاندۇرۇشىمىز كېرەك!» ماركسىزم جۇڭگونىڭ ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش داغدام يولىدا مۇۋەپپەقىيەتلىك مېڭىشىغا يېتەكچىلىك قىلدى، جۇڭگو كوممۇنىستلىرى ماركسىزمنىڭ سادىق ئېتىقادچىلىرى، قەتئىي ئەمەلىيەتچىللىرىدىن بولۇپ، ماركسىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن قەتئىي تىرىشماقتا. پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرەش قىلىش تارىخىدىن ھەقىقەتنىڭ كۈچىنى ھېس قىلىپ، كوممۇنىستىك پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش قانۇنىيىتى، سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش قانۇنىيىتى، ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە بولغان تونۇشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگوچىلاشقان ماركسىزمنىڭ ھەم تومۇرداش بولغان، ھەم دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەيدىغان نەزەرىيەۋى خىسلىتىگە بولغان تونۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىلىم - پەنگە ئىلمىي پوزىتسىيە بىلەن مۇئامىلە قىلىپ، ھەقىقەت روھى بىلەن ھەقىقەتكە ئىنتىلىپ، ماركسىزمغا يېڭىدىن دەۋر ماھىيەتلىك مەزمۇنىنى ئۈزلۈكسىز قوشۇپ، ماركسىزمنىڭ ھەقىقەت نۇرى ئارقىلىق ئالغا ئىلگىرىلەش يولىمىزنى يورۇتساق، بىز چوقۇم ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى داۋاملىق پۈتۈپ چىقالايمىز!

بۈگۈنكى دۇنيا 100 يىلدىمۇ كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىنى باشتىن كەچۈرمەكتە، دۆلىتىمىز جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئاچقۇچلۇق مەزگىلىدە تۇرماقتا، پارتىيەمىز خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، نۇرغۇن يېڭى تارىخىي ئالاھىدىلىككە ئىگە ئۇلۇغ كۈرەشلەرنى ئېلىپ بارماقتا. جاپالىق ۋە شانلىق ئۆتمۈشنى بېسىپ ئۆتۈپ، كۈنسايىن يېڭىلىنىۋاتقان ھازىردا مېڭىپ، پارلاق، ئۇلۇغۋار كەلگۈسىگە يۈزلەنمەكتىمىز، پەقەت پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسى بىلەن پۈتۈن پارتىيەنى قوراللاندۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىش، ئەمەلىيەتتە يېڭىلىق يارىتىش، تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىش، مەدەنىيەتتە يېڭىلىق يارىتىش ھەمدە باشقا ھەرقايسى جەھەتلەردە يېڭىلىق يارىتىشنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيەنىڭ بارلىق خىزمىتىدە تېخىمۇ ياخشى ھالدا دەۋر خاراكتېرىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، قانۇنىيەتنى ئىگىلەپ، ئىجادچانلىقنى بېيىتساق، پارتىيەمىز چوقۇم خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدىكى بارلىق جاپا - مۇشەققەت، خەۋپ - خەتەر، توسالغۇلار ئۈستىدىن غالىب كېلىپ، يېڭى مۇساپىدە يېڭى، تېخىمۇ زور مۆجىزىلەرنى يارىتالايدۇ.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 - ئاينىڭ 6 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.