ئاپتونوم رايوننىڭ تەشۋىقات، مەدەنىيەت سىستېمىسى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش تېلېۋىزىيە - تېلېفون يىغىنى ئاچتى
سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، كۆڭۈل قويۇپ پىلانلاپ يولغا قويۇپ، «1 - ئىيۇل»دا قىلىنغان مۇھىم سۆزنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك
ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى دۇڭ شاۋخۇا خەۋەر قىلىدۇ: 7 - ئاينىڭ 6 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايوننىڭ تەشۋىقات، مەدەنىيەت سىستېمىسى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش تېلېۋىزىيە - تېلېفون يىغىنى ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش قىزغىن دولقۇنىنى تېزدىن قوزغىدى.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى تيەن ۋېن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.
يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى مۇھىم، زور سىياسىي ۋەزىپە. پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە تەشۋىقات - ئىدىيە سېپى ۋە ھەر دەرىجىلىك ئۆگىنىش تەربىيەسى ئىشخانىلىرىدىكى يولداشلار ھەقىقىي تۈردە سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي چۈشىنىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئايدىڭلاشتۇرۇلغان تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى ئومۇميۈزلۈك ياخشى تۇتۇپ، رەھبەرلىكنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، بارلىق كۈچلەرنى جەڭگە ئاتلاندۇرۇپ، قەتئىي تۈردە ئومۇمىي جەڭنى ياخشى قىلىپ، سىمفونىيەنى ياڭرىتىپ، ئومۇمىي خورنى ئېيتىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش ئۈچۈن قويۇق جەمئىيەت ئاممىۋى پىكىر كەيپىياتىنى يارىتىشى كېرەك.
يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: ئۆگىنىش، مۇھاكىمە قىلىش، ئاخبارات، تەشۋىقات، لېكسىيە، تەشۋىق - تەربىيە، تەتقىق قىلىش، ئىزاھلاش، سىرتقا تەشۋىق قىلىش، تونۇشتۇرۇش، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى قاتارلىق نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەپ، ئۆگىنىشتە چوڭقۇر ئىزدىنىپ، تەشۋىقاتتا ئەپچىل ئۇسۇل قوللىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇشتا بىرىكمە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىپ، جاسارەت بىلەن نەتىجە يارىتىش روھىي ھالىتى، پۇختا خىزمەت نەتىجە - ئۈنۈمى ئارقىلىق، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى كىشىلەر قەلبىگە چوڭقۇر سىڭدۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپە قوشۇشقا سەپەرۋەر قىلىش كېرەك.