تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

لېكسىيەدە يېڭىلىق يارىتىپ، پارتىيە تارىخىنى كىشىلەر قەلبىگە سىڭدۈردى

بورتالا ئوبلاستى:

لېكسىيەدە يېڭىلىق يارىتىپ، پارتىيە تارىخىنى كىشىلەر قەلبىگە سىڭدۈردى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى

پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى شەكىلدە ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىپ، خەلق سەنئەتكارلىرىنى «ئەدەبىيات - سەنئەت + لېكسىيە سۆزلەش» شەكلى ئارقىلىق، پارتىيە تارىخى تەشۋىقاتىنى جانلىق، ئوبرازلىق ئېلىپ بېرىشقا يېتەكلەپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، پۇختا بولۇشىغا ئۈزلۈكسىز تۈرتكە بولدى.

بۇ يىل 6 - ئايدىن بۇيان، بورتالا شەھىرى چىندېل بازىرى ئانار چېچىكى تەشۋىقات ئەترىتى كۇەيبەن «پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى»نى ئۆزى تەييارلاپ، ئۆزى ئورۇنلاپ، بورتالا شەھىرىدىكى ھەرقايسى جايلاردا سەييارە قويۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى.

ئانار چېچىكى تەشۋىقات ئەترىتىنىڭ كۇەيبەن ئىجادىيەتچىسى نيۇ جۈنفاڭ مۇنداق دېدى: «خەلق سەنئەتكارى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، پۇقرالار ياقتۇرىدىغان شەكىل ئارقىلىق پارتىيەنىڭ شانلىق تارىخىنى تەشۋىق قىلىپ، ئاممىنى ئىلھاملاندۇرىمەن ۋە رىغبەتلەندۈرىمەن».

پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئېلىشىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن، بورتالا شەھىرى خەلق سەنئەتكارلىرىنى ئەدەبىيات - سەنئەت نومۇرلىرى ئىجادىيىتىنى قانات يايدۇرۇشقا پائال تەشكىللەپ، پارتىيەنىڭ شانلىق تارىخى ۋە ئاممىنىڭ پارتىيەگە بولغان چوڭقۇر ھېسسىياتىنى ناخشا، ئۇسسۇل، كۇەيبەن ئىجادىيىتىگە سىڭدۈردى.

ئۇزۇن كۈي ياڭرىدى، لەرزان مۇزىكا تەڭكەش قىلىندى... پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ ئىچكى خاس مەزمۇنىنى بېيىتىش ئۈچۈن، جىڭ ناھىيەلىك مەدەنىيەت سارىيى ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، خەلق سەنئەتكارلىرىنى تەشكىللەپ موڭغۇللارنىڭ ئۇزۇن كۈي خەلق ناخشىسى، ئات باشلىق غېجەك قاتارلىق غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىدىن ماھىرلىق بىلەن پايدىلىنىپ، تۈرلۈك مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى مەنزىرە رايونلىرى، كەنت، ئەترەتلەرگىچە كىرگۈزدى. ناھىيەلىك ناخشا - ئۇسسۇل ئۆمىكى يەنە مەدەنىيەت كىچىك شۆبە ئەترەتلىرىنىڭ «مەڭگۈ پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش» تېمىسىدىكى ئەدەبىيات - سەنئەت سەييارە ئويۇن قويۇش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى، نۆۋەتتە 43 مەيدان قېتىم ئەدەبىيات - سەنئەت سەييارە ئويۇنى قويۇلدى.

7 - ئاينىڭ 5 - كۈنى، ئارشاڭ ناھىيەسىدىكى كۆندەلەڭ چارۋىچىلىق مەيدانى شارىبۇرىگې يايلىقىدا لەرزان مۇزىكا ساداسى ياڭرىدى، ئۇلانمۇچىر سەنئەت ئەترىتىنىڭ ئارتىسلىرى چارۋىچىلارغا ناخشا - ئۇسسۇل «مەدھىيە ناخشىسىنى كوممۇنىستىك پارتىيەگە بېغىشلايمەن»نى ئورۇنلاپ بېرىۋاتاتتى، ناخشا ساداسى نەق مەيداندىكى ھەربىر چارۋىچىنى تەسىرلەندۈردى، پات - پات ئالقىش ساداسى ياڭرىدى.

«كوممۇنىستىك پارتىيە بىزنى ياخشى كۈنگە ئېرىشتۈردى، بىز پارتىيەنىڭ مېھىر - شەپقىتىنى مەڭگۈ ئەستە ساقلايمىز» دېدى چارۋىچى مۇقامەت دۇبېك ئويۇننى كۆرۈپ بولۇپ چوڭقۇر ھاياجانلانغان ھالدا.

پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىدە ئارشاڭ ناھىيەسىدىكى ئۇلانمۇچىر سەنئەت ئەترىتى «يېنىك جابدۇنغان قىزىل ئويۇن قويۇش ئاتلىق ئەترىتى»لىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، چارۋىچىلىق رايونى، ئوتلاق، كەنت، ئەترەت قاتارلىقلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئەدەبىيات - سەنئەتنى ۋاسىتە قىلىپ پارتىيە تارىخىنى تەشۋىق قىلدى، پارتىيەنىڭ شەپقىتىنى مەدھىيەلىدى، ئاممىغا يېقىن، كەڭ تارقاتقىلى بولىدىغان بىر تۈركۈم ئەدەبىيات - سەنئەت ئەسەرلىرىنى ئىجاد قىلدى.

«بىز باش تېمىسى روشەن، مەزمۇنى مول ھەربىر مەيدان لېكسىيە سۆزلەش پائالىيەتلىرىنى دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ ئىشىكى ئالدىغىچە يەتكۈزۈپ، ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى بېيىتىش بىلەن بىللە، پارتىيەنىڭ ھېكايىسى ۋە ساداسىنى ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر يەتكۈزدۇق، ئاممىغا چوڭقۇر يەتكۈزدۇق، كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدۇردۇق» دېدى ئارشاڭ ناھىيەسىدىكى ئۇلانمۇچىر سەنئەت ئەترىتىنىڭ مەسئۇلى سىچىن.

ھازىرغا قەدەر، ئارشاڭ ناھىيەسىدىكى ئۇلانمۇچىر سەنئەت ئەترىتى ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ 60 نەچچە مەيدان قېتىم پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى تەشۋىقاتىنى قانات يايدۇردى، كۆرۈرمەنلەر 7000 ئادەم قېتىمدىن كۆپرەككە يەتتى.

(بورتالا ئوبلاستلىق مۇخبىرلار پونكىتىدىن ۋاڭ لېلې، جاڭ شىنيەن، ئىختىيارىي مۇخبىر شيا . شارېنگاۋۋا)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.