تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىشتىكى كۆتۈرەڭگۈ جۇشقۇن روھنى يەنىمۇ ئۇرغۇتايلى

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى جاسارەت بىلەن ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدا

□ گېزىتىمىز ئوبزورچىسى

«باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ <1-ئىيۇل>دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خىزمەتلەرگە يېتەكچىلىك قىلىش، تۈرتكە بولۇشقا كۈچ سەرپ قىلىش كېرەك.» ئاپتونوم رايونلۇق 9-نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ 12-ئومۇمىي يىغىنىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ئەستايىدىل ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئالدىنقى يېرىم يىللىق خىزمەتلەر خۇلاسىلەندى ھەم كېيىنكى يېرىم يىللىق شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى ۋە ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1-ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىشنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىپ، ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىش كۆتۈرەڭگۈ جۇشقۇن روھىنى يەنىمۇ ئۇرغۇتۇشقا چاقىرىق قىلىندى.

بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، دىققەتنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، جەمئىيەت مۇقىملىقى، يۇقۇمنىڭ دائىملىق ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتىكى تۈرلۈك نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى كۈچەپ ياخشى تۇتتى؛ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش، ئىدىيەنى ئۆزلەشتۈرۈش، ئەمەلىي ئىش قىلىش، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەردە ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشىدا يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بىخەتەرلىك تۇيغۇسى كۆرۈنەرلىك كۈچەيدى، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىككە بولغان ئىشەنچى كۆرۈنەرلىك كۈچەيدى، پارتىيەنى سۆيۈش، ۋەتەننى سۆيۈش، شىنجاڭنى سۆيۈش، ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشتىكى قۇدرەتلىك ئاكتىپ كۈچ مۇجەسسەملەندى، شۇنداقلا كېيىنكى يېرىم يىللىق خىزمەتلەرنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەشكە ياخشى ئاساس سېلىندى.

كېيىنكى يېرىم يىللىق مۇقىملىق، تەرەققىياتتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەشتە، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1-ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنى ۋە 3-قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش بىلەن بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئاگاھ سىگنالىنى ئۇزاققىچە ياڭرىتىش، ھوشيارلىقنى دائىم ساقلاشتا چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، مۇقىملىقنى قانۇن بويىچە قوغداشتا چىڭ تۇرۇپ، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەش، ئۇنىۋېرسال تەدبىر يۈرگۈزۈشتە چىڭ تۇرۇپ، قىلچە بوشاشماي جەمئىيەت مۇقىملىقى خىزمىتىنى ياخشى تۇتۇپ، جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىم، ئۇزاققىچە مۇقىم بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك؛ كەسكىن ۋەزىيەتنى ئېنىق تونۇپ، سىرتتىن كىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىچكى جەھەتتە قايتا كۆرۈلۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى تۈرلۈك تەدبىرلەرنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، قىلچە بوشاشماي يۇقۇمنىڭ دائىملىق ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنى ياخشى تۇتۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى قەتئىي ياخشى قوغداش كېرەك؛ يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، يوشۇرۇن خەۋپنى رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈپ، تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى چىڭىتىپ، قىلچە بوشاشماي بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى ياخشى تۇتۇپ، قەتئىي تۈردە ئېغىر، پەۋقۇلئاددە زور بىخەتەرلىك ۋەقەسى يۈزبېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى توسۇش كېرەك.

كېيىنكى يېرىم يىللىق مۇقىملىق، تەرەققىياتتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەشتە، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، خەلقنى مەركەز قىلغان ھالدا ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. مەۋقەنى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قويۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، 1-، 2-، 3-كەسىپلەرنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، «ئون چوڭ كەسىپ»نى نۇقتىلىق ياخشى تۇتۇپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى، سانائەت ئىشلەپچىقىرىشى، 3-كەسىپنىڭ تەرەققىياتى، تۈر قۇرۇلۇشى، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشى، يېڭىچە شەھەر-بازارلاشتۇرۇش، سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ كىرىمنى ئاشۇرۇش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىشنى يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇش، مالىيە-باج، پۇل مۇئامىلە، نۇقتىلىق ساھە ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلاردىكى ئىسلاھات، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش قۇرۇلۇشى، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتى قاتارلىق تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا تۇتۇپ، ياخشى تۇتۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى قەلبكە سىڭدۈرۈپ، ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەردە جاسارەت بىلەن يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك.

ئورۇنلاشتۇرما قىلىش بىر ئۈلۈش بولسا، ئەمەلىيلەشتۈرۈش توققۇز ئۈلۈش بولىدۇ. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەشنىڭ ئەھمىيىتى مۇھىم، زور، مەسئۇلىيىتى ئېغىر، زور. بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، روھنى ئۇرغۇتۇپ، «ئەڭ ئۇلۇغ ئىستەك ئۈچۈن قىلغاچقا مەردلەر جان پىدا، يېڭى بىر دۇنيا ياراتتى مىسلىسىز جۈرئەت بىلەن» دەيدىغان كۆتۈرەڭگۈ كۈرەش ئىرادىمىز بىلەن يول ئېچىپ ئىلگىرىلەپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، راستچىل-ئەمەلىيەتچىل بولۇپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، ھەقىقىي تۈردە ئۆگىنىش نەتىجىلىرىنى يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيدىغان، يېڭى دەۋردە تۆھپە يارىتىدىغان ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئايلاندۇرايلى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.