− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا
□خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى
«جۇڭگونىڭ ئىشلىرىنى ياخشى قىلىشنىڭ ئاچقۇچى پارتىيەدە.» جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن پارتىيەمىزنىڭ 100 يىللىق كۈرەش قىلىش شانلىق مۇساپىسىنى ئەسلەپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۆزلەپ، تارىخنى ئەينەك قىلىپ، كەلگۈسىنى يارىتىپ، جەزمەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش كېرەكلىكىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى.
ھەيۋەتلىك تاغلارنىڭ جەزمەن ئاساسىي چوققىسى بولىدۇ. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى دۆلەتنىڭ ئەڭ ئالىي سىياسىي رەھبەرلىك كۈچى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ تۈپ كاپالىتى. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: «جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ يېقىنقى زاماندىن بۇيانقى 180 نەچچە يىللىق تارىخى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ قۇرۇلغاندىن بۇيانقى 100 يىللىق تارىخى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلغاندىن بۇيانقى 70 نەچچە يىللىق تارىخى بىردەك جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بولمىسا، يېڭى جۇڭگونىڭ بولمايدىغانلىقىنى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنىڭ بولمايدىغانلىقىنى تولۇق ئىسپاتلىدى.» جۇڭگونىڭ يېقىنقى زاماندىن بۇيانقى تارىخىنى چوڭقۇر چۈشەنسەكلا، شۇنى ئاسان بايقىيالايمىزكى، ئەگەر جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى بولمىسا، بىزنىڭ دۆلىتىمىز، بىزنىڭ مىللىتىمىز بۈگۈنكىدەك بۇنداق مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرەلمىگەن بولاتتى، شۇنداقلا بۈگۈنكىدەك بۇنداق خەلقئارا ئورۇنغىمۇ ئىگە بولالمىغان بولاتتى. دەل جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى بولغاچقا، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى ھىمايە قىلىشى ۋە قوللىشى بولغاچقا، جۇڭگو دۇنيادا ئاز كۆرۈلىدىغان ئىقتىساد تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىش مۆجىزىسى ۋە جەمئىيەت ئۇزاققىچە مۇقىم بولۇش مۆجىزىسىنى ياراتتى، جۇڭخۇا مىللىتى ئورنىدىن دەس تۇرۇش، بېيىشتىن قۇدرەت تېپىشقىچە بولغان ئۇلۇغ ھالقىشنى كۈتۈۋالدى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئارقىغا ياندۇرغىلى بولمايدىغان تارىخىي مۇساپىگە كىردى. تارىخ ۋە رېئاللىق بىزگە شۇنى ئۇقتۇردىكى، تارىخ ۋە خەلقنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىش ئىشلىرىغا رەھبەرلىك قىلىشىنى تاللىشى توغرا، ئۇنىڭدا جەزمەن ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇش، مەڭگۈ تەۋرەنمەسلىك كېرەك.
باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئەڭ ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ ئەڭ چوڭ ئەۋزەللىكى، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تۈپ ئاساسى، جان تومۇرى، ئۇ پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ مەنپەئىتى، تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك.» بۇ، پارتىيەنىڭ خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش، ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشتىكى ئەڭ قىممەتلىك تەجرىبىسى. ھازىر بىز بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، غەيرەت - جاسارەت بىلەن سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىشنىڭ ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا قاراپ ئاتلاندۇق. مۇرەككەپ ۋەزىيەت ۋە مۈشكۈل ۋەزىپىلەر ئالدىدا، بىز دۇنيادا 100 يىلدىمۇ كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك پۈتۈن ۋەزىيەتنى ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەپ، ئېغىر، زور خىرىسلارغا كۈچلۈك تاقابىل تۇرۇپ، ئېغىر، زور خەۋپ - خەتەرلەرگە تاقابىل تۇرۇپ، ئېغىر، زور توسالغۇلارنى يېڭىپ، ئېغىر، زور زىددىيەتلەرنى پەسەيتىپ، نۇرغۇن يېڭى تارىخىي ئالاھىدىلىككە ئىگە ئۇلۇغ كۈرەش ئېلىپ بېرىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز كېرەك، بۇنىڭ ئەڭ تۈپ كاپالىتى يەنىلا پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى. پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئىستىقبال - تەقدىرىنى بەلگىلەيدىغان مۇھىم، زور پىرىنسىپال مەسىلىدە، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت جەزمەن يۈكسەك ئىدىيە ئاڭلىقلىقى، سىياسىي ئاڭلىقلىق، ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىنى ساقلاپ، قىلچە تەۋرەنمەسلىكى كېرەك. بىز پەقەت باشتىن - ئاخىر ئېغىشماي پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرىدىغانلا بولساق، چوقۇم ئىلگىرىلەش يولىمىزدىكى ھەرقانداق جاپا - مۇشەققەت، خەۋپ - خەتەر، توسالغۇلارنى يېڭىپ، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئارزۇسىنى ئۈزلۈكسىز قاندۇرالايمىز.
پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، خەلق تەشكىلاتلىرى ۋە پەن - مەدەنىيەت ساھەلىرىدە، ھەر يەردە، پارتىيە ھەممىگە رەھبەرلىك قىلىدۇ. پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى جەزمەن ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق، بىر پۈتۈن بولۇشى كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «يېڭى مۇساپىدە، بىز جەزمەن پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، <تۆت ئاڭ>نى كۈچەيتىپ، <تۆت ئىشەنچ>نى چىڭىتىپ، <ئىككىنى قوغداش>نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، <دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى>نى ئەستە چىڭ ساقلاپ، پارتىيەنىڭ ئىلمىي ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش، دېموكراتىك ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش، قانۇن بويىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، پارتىيەنىڭ پۈتۈن ۋەزىيەتنى تولۇق ئىگىلەش، ھەرقايسى تەرەپلەرنى ماسلاشتۇرۇشتىكى رەھبەرلىك يادروسىلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشىمىز كېرەك!» پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇشتا، ئالدى بىلەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش كېرەك، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قوغداشنى ئېنىق سىياسىي مىزان ۋە تۈپ سىياسىي تەلەپ قىلىپ، پۈتۈن پارتىيەنىڭ ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىنى ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق، ئىچكى ئىشلار، دىپلوماتىيە، دۆلەت مۇداپىئەسى، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ئارمىيەنى ئىدارە قىلىش قاتارلىق ھەرقايسى ساھەلەردە ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە نامايان قىلىش كېرەك. پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇشتا، جەزمەن پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىنى ئەمەلىيەتكە، دەۋرگە، خەلقنىڭ تەلىپىگە تېخىمۇ ئۇيغۇنلاشتۇرۇپ، ئومۇمىي ۋەزىيەتنى تولۇق ئىگىلەيدىغان، ھەرقايسى تەرەپلەرنى ماسلاشتۇرىدىغان پارتىيەنىڭ رەھبەرلىك تۈزۈمى سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىك قىلىش شەكلى ۋە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش شەكلىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارى ۋە رەھبەرلىك سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، پارتىيەنىڭ يۆنىلىشنى ئىگىلەش، چوڭ ۋەزىيەتنى كۆزلەش، سىياسەت بەلگىلەش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىقتىدارى ۋە ئىرادىسىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇش كېرەك.
سۇمۇرغ ئۇچار ھامان بىر كۈن شوخ شامالغا جور بولۇپ، پەرۋاز قىلار ئاسماندا ھەيۋەت بىلەن قانات قېقىپ. ئۆتكەنكى ئىشلارغا قايتا نەزەر سالساق، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى خەلققە، تارىخقا ئاجايىپ ئەلا جاۋاب قەغىزى تاپشۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تەرەققىيات تارىخى ۋە ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىيات تارىخىدا سەلتەنەتلىك سەھىپىلەرنى پۈتتى. كەلگۈسىگە نەزەر سالساق، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا قاراپ يۈرۈش قىلىمىز، تېخىمۇ شەرەپلىك بۇرچ بىزنىڭ زىممىگە ئېلىشىمىزنى كۈتۈۋاتىدۇ، تېخىمۇ ئۇلۇغ مۆجىزىلەر بىزنىڭ يارىتىشىمىزنى كۈتۈۋاتىدۇ. پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، ۋەزىيەتكە تايىنىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ يول ئېچىپ، بوران - چاپقۇنغا قارىماي ئالغا ئىلگىرىلەيدىغانلا بولساق، ھەرقانداق قىيىنچىلىق بىزنى باش ئەگدۈرەلمەيدۇ، ھەرقانداق كۈچ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى مەزمۇت قەدىمىنى توسۇيالمايدۇ!
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 - ئاينىڭ 4 - كۈنى تېلېگراممىسى)